كۆرۈش: 310505|ئىنكاس: 26

ماۋ زېدۇڭنىڭ جەسىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كەسكىن جەڭ بولغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
587
تۆھپە
191
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 20:29:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزېدۇڭ ھايات ۋاقتىدا مەركەزدىكىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن جەسەتنى كۆيدۈرۈشكە چاقىرىق قىلغانىدى. ئۇ، سىياسىي بيۇرودا ئۆلگەندىن كېيىن جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە قوشۇلۇپ تۇنجى قېتىم ئىمزا قويغان رەھبەر. «ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى»نى سېلىش، ماۋ زېدۇڭنىڭ جەسىتىنى ساقلاپ قېلىش شۇ چاغدىكى ھەر خىل سىياسىي كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئېلىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
    1976-يىل 9-سېنتەبىردە رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ كۈنى كەچتە سىياسىي بيۇرو جىددىي يىغىن ئېچىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى زاتلارنىڭ تەزىيە ۋە ئېھتىرام بىلدۈرۈشى ئۈچۈن رەئىسنىڭ جەسىتىنى 15 كۈن ساقلاشنى دەسلەپتە بېكىتكەن. ماتەم بىلدۈرۈش پائالىيىتى مەزگىلىدە خۇا گوفېڭ باشچىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يەنە رەئىس ماۋ زېدۇڭغا مەڭگۈ ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ جەسىتىنى مەڭگۈ ساقلاشنى ھەم «رەئىس ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى» سېلىشنى قارار قىلغان. شۇ چاغلاردا مەركەزدىكى ئەھۋاللار ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، رەئىسنىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ھېچكىم راست گەپ قىلالمىغانلىقى، جياڭ چىڭ، جاڭ چۈنچياۋ، ۋاڭ خۇڭۋېنلار بىرىنچىدىن، كۈزدە تەتۈر ھېساب ئېلىش ئۈچۈن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى تەڭلىككە سالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قارار چىقىرىلغان.
  تەزىيە بىلدۈرۈش 11-سېنتەبىردىن باشلانغان. رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ جەسىتى خەلق سارىيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى تۆتتىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ رەئىسنىڭ جەسىتىگە  نۆۋەت بىلەن ھەمراھ بولغان. قالغانلىرى ياندىكى ئۆيدە يىغىن ئاچقان. شۇ كۈنى يىغىن ئاخىرلىشىش ئالدىدا چاڭ چۈنچياۋ تۇيۇقسىز كۆرۈنۈشتە ئاددىي  بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «رەئىسنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا كىم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؟ كىم تەزىيە سۆزى سۆزلەيدۇ؟» دەپ سورىغان. بۇ ئەمەلىيەتتە رەئىسنىڭ ئورۇنباسارى كىم بولىدۇ؟ دېگەنلىك ئىدى. شۇ چاغدا  مۇئاۋىن رەئىسلەردىن خۇا گوفېڭ، يې جيەنيىڭ، ۋاڭ خوڭۋېن بار ئىدى، رەئىسنىڭ تەزىيە مۇراسىمىغا كىمنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى، كىمنىڭ تەزىيە نۇتقى سۆزلىشى دۇنياغا كىمنىڭ رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئورۇنباسارى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى. جاڭ چۈنچياۋنىڭ سوئالىغا خۇا گوفېڭ جاۋاب بەرمەي جىم تۇرغان. يې جيەنيىڭ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ: مېنىڭچە، ماتەم مۇراسىمىغا يولداش ۋاڭ خوڭۋېن رىياسەتچىلىك قىلسۇن، يولداش خۇا گوفېڭ مەركىزىي كومىتېت نامىدىن تەزىيە نۇتقى سۆزلىسۇن، دېگەن. ھەممەيلەن قالغان ئىككى مۇئاۋىن رەئىسكە تىكىلگەن، ۋاڭ خوڭۋېن قاپىقىنى تۈرۈپ: مارشال، سىز ئابرۇيلۇق ئادەمسىز، يەنىلا رەئىسنىڭ تەزىيە نۇتقىنى سىز سۆزلەڭ، دېگەن پەس ئاۋازدا.
  يې جيەنيىڭ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ: سىز دېگەن 1-مۇئاۋىن رەئىس، باشلامچى بولۇڭ، بۇمۇ رەئىسنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئارزۇسى، دەپ توۋلاپ كەتكەن، خۇا گوفېڭنىڭ تەزىيە نۇتقى سۆزلىشى، ۋاڭ خوڭۋېننىڭ  رىياسەتچىلىك قىلىشى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»قا ئېغىر كەلگەن. جاڭ چۈنچياۋ كۆزەينىكىنى ئېلىپ، خۇا گوفېڭغا ئوبدان تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن، جىددىي قىياپەتتە: يولداش خۇا گو‎فېڭ، سىزگە بىر ئىشنى دوكلات قىلماقچىمەن، دېگەن. «نېمە ئىش؟» دەپ سورىغان خۇا گوفېڭ چۈشىنەلمەي. جاڭ چۈنچياۋ: رەئىسنىڭ جەسىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىش، دېگەن. «بۇ ئىشنى مەركەز ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدىغۇ؟ كېيىنكىلەرنىڭ ئېھتىرام بىلدۈرۈشى ئۈچۈن رەئىسنىڭ جەسىتىنى مەڭگۈ ساقلايدىغان بولدۇق» دەپ جاۋاب بەرگەن خۇا گوفېڭ. جاڭ چۈنچياۋ بېشىنى لىڭشىتىپ: شۇنداق، شۇنداق، بۇنى سىياسىي بيۇرو بىردەك قارار قىلغان، لېكىن دوختۇردىن ئاڭلىسام، ۋاقتىدا چىرىشتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغاچقا، جەسەت چىرىشكە باشلاپتىمىش، مەڭگۈ ساقلىغىلى بولمايدىكەن. جاڭ چۈنچياۋنىڭ ئاۋازى پەس بولسىمۇ، يىغىن مەيدانىنى تەۋرىتىۋەتكەن.
   جاڭ چۈنچياۋ ئالدىرىماي تەمكىنلىك بىلەن: داۋالاش گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلاردىن ئاڭلىشىمچە، چىرىشتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغان جەسەت ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ساقلىغىلى بولمايدىكەن، دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان جياڭ چىڭ سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ: خۇا گوفېڭ، بۇ ئىشنى ئېنىق چۈشەندۈرۈڭ، رەئىسنىڭ جەسىتىنى نېمىشقا بۇزۇۋېتىسىز، مەقسىتىڭىز نېمە؟ ھازىر رەئىسنىڭ جەسىتىنى سىزگە تاپشۇرىمەن، مۇبادا بىرەر چاتاق چىقسا، جاۋابكار بولىسىز، دەپ غوۋغا كۆتۈرگەن. خۇا گو‎فېڭ: نېمىشقا مەنلا جاۋابكار بولىدىكەنمەن؟ ھەممىمىز مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسىغۇ» دېگەن. خۇشالىقىدىن قىنقىنىغا سىغماي قالغان ۋاڭ خوڭۋېن خۇا گوفېڭغا: باياتتىن قارار قىلدۇققۇ! 18-چىسلا مەركەزگە ۋاكالىتەن تەزىيە نۇتقى سۆزلەيسىز، سىز بۇ گەپلەرنى بىزگە دېسىڭىز نېمە پايدىسى؟ سىز بۇنى تېلېۋىزوردا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىغە چۈشەندۈرسىڭىز بولىدۇ، دېگەن.
   خۇا گوفېڭ ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ سالماقلىق بىلەن: ئەگەر پىكىرىڭلار بولسا، مەن تەزىيە نۇتقىنى سۆزلىمىسەممۇ، ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بەرسەممۇ بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا مەن قەتئىي جاۋابكار بولمايمەن، دېگەن. شۇ ھامان يې جيەنيىڭ قولىنى شىلتىپ، ۋارقىراپ: بولمايدۇ، ئىستېپا بەرمەيسىز، يولداش جياڭ چىڭنىڭ پىكرى ياخشى بولدى، سىز دېگەن 1-مۇئاۋىن رەئىس، ھازىر مەركەزنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىسىز، رەئىسنىڭ جەسىتىگە ئىگە بولمىسىڭىز بولامدۇ؟ مەسئۇل بولمىسىڭىز بولامدۇ؟، دېگەن. خۇا ‎گوفېڭ جىددىيلىشىپ: مارشال، رەئىسنىڭ جەسىتىگە ئۈچ كۈن بولدى، جېنىمنى ئالسىمۇ بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن، دېگەن.
  «تېخى تولۇق ئۈچ كۈن بولمىدى، ئامال قىلمامدۇق» دېگەن يې جيەنيىڭ خۇا گوفېڭغا تەسەللى بېرىپ: ئەمەلىيەتتە رەئىسنىڭ جەسىتىنى ساقلىيالمىساقمۇ چوڭ گەپ ئەمەس، رەئىسمۇ جەسىتىنى ساقلاشقا قوشۇلمىغانىدى، لېكىن ئۇنداق قىلىش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىغا ئېغىر كېلىدۇ، دېگەن. خۇا گوفېڭ چوڭ نەپەس ئالغان.
  «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ يولسىزلىقى ئالدىدا، ئۇلارغا قۇيرۇق تۇتقۇزماسلىق، شۇنىڭدەك رەئىسنىڭ جەسىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قاتتىق قايغۇسىنى پەسەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئىدى. 12-سېنتەبىر ئەتىگەندە خۇا گو‎فېڭ رەئىسنىڭ جەسىتىگە ھەمراھ بولغان. جياڭ چىڭ ئۇنى كۆرۈپلا چالۋاقاپ: خۇا گوفېڭ، رەئىسنىڭ جەسىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلاي دەيسىز؟ مەن سىياسىي بيۇرو يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىمەن، دېگەن. خۇا گوفېڭمۇ تەمتىرىمەيلا: بولىدۇ، سەل تۇرۇپ ئاچىمىز، دەپ جاۋاب بەرگەن. جياڭ چىڭ يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ: رەئىسنىڭ قازا قىلغىنىغا بىر نەچچە كۈن بولدى، رەئىسنىڭ جەسىتىنى قانداق قىلىمىز؟ دېگەن. جاڭ چۈنچياۋ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك: ھازىر  مەركەزنىڭ ئىشىغا يولداش خۇا گوفېڭ مەسئۇل، شۇڭا رەئىسنىڭ جەسىتىگىمۇ ئەلۋەتتە يولداش خۇا گوفېڭ مەسئۇل بولىدۇ-دە، دېگەن ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ. ياۋ ۋېنيۈەنمۇ ئۇلارغا يانتاياق بولۇپ، بىر توپ ھۆججەتنى ئېلىپ سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىغا كۆرسىتىپ: بۇ، «خەلق گېزىتى» رەتلەپ چىققان ئاممىدىن كەلگەن خەتلەر، ئامما رەئىسنىڭ جەسىتىنى مەڭگۈ ساقلاشنى تەلەپ قىپتۇ، دېگەن. خۇا گوفېڭنى يې جيەنيىڭ، لى شيەنبيەن قوللىغاچقا، كۆڭلىدە سان بار ئىدى. سىياسىي بيۇرو يىغىنىدا جياڭ چىڭ، جاڭ چۈنچياۋ ۋە ياۋۋېنيۈەنلەر ئويۇن ئوينىغان. خۇا گوفېڭ ئاخىرىدا: ھازىر كۆپچىلىككە بىر ئىشنى ئۇقتۇرىمەن، ۋيېتنام مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپىسى بىلەن جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، رەئىسنىڭ جەسىتىنى ياخشى ئاسراپ قالدى، مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدىغان بولدى، دېگەن. جياڭ چىڭ يەنە ھەيۋە قىلىپ: لېكىن مەن ھازىرلا رەئىسنىڭ جەسىتى بۇزۇلۇپتۇ، چىرىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان تۇرسام، بۇنى كىم قىلدى؟ سىياسىي بيۇرو چوقۇم تەكشۈرۈشى كېرەك، دېگەن. خۇا گوفېڭ كۆپچىلىككە قاراپ: پۈتۈن دۇنيا ۋە ئېلىمىز خەلقىنىڭ رەئىسكە ئېھتىرام بىلدۈرۈشى ئۈچۈن تىئەنمېن مەيدانىدا دەرھال خاتىرە سارىيى سېلىپ، رەئىسنىڭ جەسىتىنى شۇ يەرگە قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن، دېگەن. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا ھەممەيلەن قىزغىن ئالقىش ياڭراتقان.
مەنبە:نۇر تورى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 11:56:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدۇق رەخمەت............


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

تىللا
676
تۆھپە
384
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 14:38:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ 70تىن ئاشقان بوۋايلىرىمىز ناھايتىمۇ ئامراق بۇ رەھبىرىمىزگە............... ماۋزەيدۇڭ دەۋېرلىرى كارامەت ياخشى چاغلار ئىدى نىمە بۇ ھازىرقى دەۋېر.................. شۇ چاغلاردا پارىخور، پاھىشە، خىيانەتچى، ئوغرى نىمە ئىش قىلسۇن ............... بىز ھەتتا ئو دەۋېرلەردە ئۆيگە قۇلۇپمۇ سالمايتۇق.............. داڭلاپلا كېتىدۇ دېسە؟؟؟ خۇددى ئەسمەتخان « شۇڭا مەن ئېنگىلىزلار دەۋرى ياخشى دەيمەن ، مۇئەللىم .............» دېگەندەك


Rank: 6Rank: 6

تىللا
933
تۆھپە
161
UID
344
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 16:42:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

تىللا
933
تۆھپە
161
UID
344
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 16:42:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
538
تۆھپە
183
UID
2458
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 17:35:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاللاغا شۈكرى، ئەمەلدار بولغان ئادەم ئوتنىڭ ئىچىدە ياشايدىكەن.
سەللا دېققەت قىلمىسا باش كېتىدىغان گەپ، قىسقىغىنا بىر پارچە بولسىمۇ جىددىي زىدىيەتلىك كىنودىن بىرنى كۆرگەندەكلا بولدۇم.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 17:38:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تارىخى شەخىسنىڭ جەسىدىنى مەن خاتىرە سارايغا  يوخلاپ بارغان شۇنداق ھەيۋەتلىككەن ....


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1293
تۆھپە
941
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 19:41:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1293
تۆھپە
941
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 19:41:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدۇق


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1056
تۆھپە
765
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 23:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق ھەممە تېمىلارنى  پاخال قىلىپ قونچاق ئىنكاس يوللاۋىردۇ ما باللا ...........باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنىمۇ  ھۆرمەت قىلىپ قويايلى مۇنداق .   ئىنكاس قالدۇرۇشنى بىرەرسى سىلەرگە ھۆددە بەرمىگەندۇ             تۆۋە   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehrim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-7 23:26  



يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 12:44, Processed in 0.082060 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991