ئەمەر مەمتىل كەشىپ قىلغان كۆپ ئىقتىدارلىق ماگېنىتلىق ئۇنۋېرسال دوسكا ئۆچۈرگۈچ دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشتى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋەر قىلىدۇ : يېقىندا باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەر مەمتىل كەشىپ قىلغان كۆپ ئىقتىدارلىق ماگېنىتلىق ئۇنىۋېرسال دوسكا ئۆچۈرگۈچ دۆلەت پاتېنت ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن ZL201020192405.7نومۇرلۇق ‹‹ئەمەلىي ئىشلىتىش يېڭى كەشپىياتى››پاتېنتىغا ئېرىشتى.
ئەمەر مەمتىلنىڭ تونۇشتۇرۇپ چۈشەندۈرىشىچە بۇ كۆپ ئىقتىدارلىق ماگېنىتلىق ئۇنىۋېرسال دوسكا ئۆچۈرگۈچنى ،دوسكىنىڭ خالىغان يېرىدە توختىتىپ قولاي ئىشلەتكىلى بولىدىكەن،چاڭ –توزان سۈمۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى،ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى تۆۋەن،ۋاقىت تېجەشچانلىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن.نۆۋەتتە بۇ كۆپ ئىقتىدارلىق ماگېنىتلىق ئۇنىۋېرسال دوسكا ئۆچۈرگۈچنى باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ سىناق تەرىقىسدە ئىشلىتىپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ. ئەمەر مەمتېلنىڭ ئېيتىشچە مۇشۇ خىلدىكى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشنى خالايدىغان كارخانىچىلار بولسا پاتېنتىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىدىكەن،ياكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىدىكەن.