كۆرۈش: 52411|ئىنكاس: 63

دوستۇم سىز قانچە ياشتا؟ (بېلەت تاشلاڭ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2167
تۆھپە
882
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 15:09:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى. ئەزىز تېنىڭلار سالامەتمۇ؟ سىزلەرنىڭ مۇنبىرىمىزنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشىڭلار بىلەن مۇنبىرىمىز كۈندىن - كۈنگە ئاۋاتلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلىدىغان سەھىپىلەر ۋە سەرخىل مەزمۇنلار بىلەن تېخىمۇ رەڭدار تۈس ئېلىپ ھەر بىر مۇنبەر ئەزاسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇھىيىتى بولۇپ قالدى. مانا تەڭرىتاغ مۇنبىر قۇرۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىتتا تىزىملاتقان ئەزامۇ 4000 غا يېتىپتۇ. ئەلۋەتتە بۇ سان ھەقىقىي مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ سانىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسىمۇ، بىراق مۇنبىرىمىزنىڭ ھازىرقى كۈندىلىك زىيارەت، يوللانغان تېما ۋە يازمىلاردىن ھەرگىزمۇ كىچىك مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ھالەتتكە كەلدى. مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشىرىپ قىلغان يېڭى ئەزالارمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، سەرخىل تېما ۋە يازمىلارمۇ ماس ھالدا تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. پىكىرلىرى ئۆتكۈر ئېسىل يازمىلارمۇ يوللىنىۋاتىدۇ. شەخسەن ئۈزۈم بۇ تەرەققىياتتىن شۇنداق سۆيۈنۈپ، مۇشۇنداق ياخشى بىر مۇھىتتا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھىسابلاۋاتىمەن. مەندىكى بۇ خىل مەمنۇنلۇق ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ سىزدىمۇ بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن. گەرچە بىز بۇ تور مۇھىتىدا تونۇشۇپ، تېخى يۈز كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ، بىراق بىز خۇددى كونا دوستتەك ئىجىل-ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتىمىز. ھازىرغىچە بىرەر ئىناقسىزلىق، كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرمىدى. بۇنىڭدىن مەن شۇنداق خوش.  بىز بۇ ئائىلىمىزنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسىرىغاندەك ئاسرايمىز. كۆپچىلىكنىڭ پىكىرلىرىگە ۋە تەكلىپلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، شەرت-شارائىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە، قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە كۆپچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بىز تەييارمىز. كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان بولساقمۇ يەنىلا ئۆزىمىزدىن، خىزمەتلىرىمىزدىن رازى بولماي تېخىمۇ تىرىشىپ- تىرمىشىپ ئىشلەۋاتىمىز.  يېڭى يىلدا كۆپچىلىك ئۈچۈن تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان پائالىيەتلەرنى پىلانلاۋاتىمىز. ئۇزاققا قالماي سىزلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بىر بىرلەپ نامايان بولىدۇ.
   خوش، يېڭى يىللىق بىر نەچچە پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرش تەلىپى بويىچە مۇنبەر ئەزالىرىدىن بەزى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۈگۈن بىرىنجى تۈرلۈك ئەھۋال ئىگىلەش، ئۇچۇر توپلاش تېمىسىنى چىقاردۇق. ئەگەر بىزنىڭ سىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىزنى، سىز ئۈچۈن ۋە كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى پىلانلىشىمىز ئۈچۈن بۇ تاللاشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن
                         بىلگئەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگئەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-29 02:09  


(تاق تاللاش)سايلام , قاتناشقانلار

بېلەت تاشلاش ئاياغلاشتى

0.95% (4)
0.00% (0)
8.08% (34)
14.73% (62)
0.00% (0)
0.00% (0)
0.00% (0)
3.56% (15)
0.00% (0)
0.00% (0)
0.95% (4)
13.06% (55)
0.48% (2)
6.41% (27)
24.94% (105)
26.84% (113)
بۇ بېلەتلىك تېما ئاللىبۇرۇن تاقىۋېتىلگەن ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ، بېلەت تاشلىيالمايسىز
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
488
تۆھپە
324
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 15:17:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: مەن 29 غا قورقمايلا كىرىپ قاپتىمەن

ھىس قىلىشىمچە مۇنبەردە ئاكا ـــ ھەدە دىمەتلىكلەر كۆپ ئوخشايدۇ جۇما بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   VESAL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-25 15:18  



كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 4

تىللا
331
تۆھپە
102
UID
4364
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 19:25:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوپۇس تەكشۈرەمسىلەر نېمە ؟ مەن تېخى تېما ئىسمىنى كۆرۈپ نوپۇس تەكشۈرىدىغان چېغى دەپتىمەن ئەسلىدە مۇنداق ئىشكەندە !


Rank: 2

تىللا
52
تۆھپە
16
UID
3158
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 11:03:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 29ياشتا.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
2929
تۆھپە
833
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 13:02:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى پېسخىكا تېمىلىرى ئوخشايدۇ دەپ  كىرمەپتىكەنمەن ، بۇگۇن كىرىپ قارسام سانلىق سىتاتېستىكا قىلىشكەن ئەمەسمۇ. تېمىنىڭ يېنىغا قوشۇمچە قىلىپ ، بېلەت تاشلاڭ دەۋەتكەن بولساق بۇلاركەن.


Rank: 4

ئىسىمى
ھاجىئەكبەر
تىللا
174
تۆھپە
138
UID
4013
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 20:02:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاران 21 مەيلىما


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
747
تۆھپە
537
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 20:28:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىمى بىزنىڭ يېشىمىز ئەمەس. بىزنىڭ ئىشىمىز.


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
287
تۆھپە
160
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 21:06:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە 85 دىن ھالقىغان  ساقىلىنى سيلاپ كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇردىغان بوۋىمىزمۇ بار ئىكەن ھە ! بارىكاللا ....
اللا ئومرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن .....


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5656
تۆھپە
2883
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 21:45:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىق توققۇزنى گالاچ-گۇلۇچ سېلىپ، شاپۇر-شۇپۇرلا قىرىق توققۇزغا ئۆز ئالدىمغا كىرىۋالدىم


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
891
تۆھپە
282
UID
3059
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 02:43:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 36دە ئدىم 75كۇندىن كىيىن 37تە بۇلۇپ 30-34نى چىكىپ قويدۇم   37-40يوقكەن ئەمەسمۇ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 13:05, Processed in 0.082211 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991