سالام تورداشلار :
يېقىندىن بۇيان گېزىت - ژورنال ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا ، سەرگەردان بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئاتامانلىرىنى ( ئاتالمىش كۇلىچىلار ) نى قاتتىق بىتەرەپ قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كىلىۋاتىمىز .
ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيىلەردە مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ، شۇ رايۇندىكى ئاشۇ ئاتالمىش نوچىلارنى بىر - بىرلەپ قانۇن بۇيۇنچە بىتەرەپ قىلىۋاتىدۇ .

كىشى ئاڭلىسا تىنى شۈركىنىدىغان ، پالتا ، پىچاق ، چەدو ، كەتمەن ، دەھشەت قاتارلىق لەقەملەرنى قۇيىۋالغان بۇ نوچىلار ، قانۇن ئالدىدا سۇغا چۈشكەن مۈشۈك بۇلۇپ ، قانۇنىنڭ بىتەرەپ قىلىشىنى كۈتمەكتە ، ياكى بىتەرەپ قىلىنىپ بولدى ، يەنە بەزىلىرىنىڭ كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان مال - مۈلىكرى مۇسادىر قىلىنىپ ، دۆلەت غەزىنىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ، كوچا خەۋەرلىرىدىن ئاڭلاپمۇ ئۈلگىرىۋاتىمىز .
دىمەك ، ئۇيغۇر دىگەن چىرايلىق نامنىڭ كەينىگە ، ئوغرى دىگەن نامنى قېتىشىقا تۆھپە قوشقان نوچىلانىڭ كۆپىنچىسى بىتەرەپ قىلىندى ياكى قىلىنماقتا .

ئالاقىدار قانۇن سېستىمىسىدا ئىشلەيدىغانلاردىن ئاڭلىشىمچە ، ئوغرى يانچۇقچىلىق ھەققدىكى ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپتىمىش .
بىلىشىمچە ، بۇرۇن ئوغۇرلىغان نەرسىنىڭ قىممىتى 80يۈەنگە يەتمىسە ئوغىرنى جازالاش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك ئىدى ، ئاساسلىق تەربىيە بىلەن قايتۇرالاتتى ، 80 سومدىن يۇقرى بۇلۇپ مەلۇم چەككىچە ئامانلىق نىزامى بۇيۇنچە توختۇتۇپ قۇيۇلاتتى ، داۋاملىق قىلسا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە بۇيرىلاتتى .
ئوغۇرلىغان نەرسىنىڭ قىممىتى مەلۇم چەككە يەتمىسە ، تەپتىشتىن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمايتى .
لىكىن يېڭى تۈزىتىلگەن قانۇن - نىزامدا ، ئوغۇرلۇق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولسىمۇ ، دەلىل - ئىسپات ۋە گۇۋاھچىلارنى ئاساس قىلغان ئاساستا توختۇتۇپ قۇيۇش ، ئوغۇرلىغان نەرسىنىڭ قىممىتى مەلۇم چەككە يەتسە ( بۇرۇنقىدىن خېلىلا تۆۋەنكەن ) تەپتىش بىردەك قولغا ئېلىش دىگەندەك قۇرلانىڭ بارلىقى كىشىنى خېلى كىشىلەرنى خوش قىلسا بەزىلەرنى يىغلاتماقتا .

ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى بۇ نوچىلار بىتەرەپ قىلىنغاندىن كىيىن ، بۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى يانچۇقچىلار ( شوركىلار ) ئۇ يەردە ئامالسىز يۇرىتلىرىغا قايتىشماقتا ، بەزىلىرى دۆلەت تەرىپىدىن مەخسۇس تەربىيلىنىپ جەمىيەت قوينىغا قايىتماقتا ، يەنە بەزىلىرى رىئاللىقا يۈزلەنمەي كونا سەنەمگە دەسسەپ ، جەمىيەت ئامانلىقىنى داۋاملىق بۇزماقتا .
بۇ ھەقتە مەن ئۆز يۇرتۇم ئەھۋالىغا تەدبىقلاپ سۆزلەشنى توغرا تاپتىم .
ئالدىنقى يىلنىڭ بېشىدا ، كەڭ خەلەق ئاممىسى جەمىيەت ئامانلىقىدىن قاتتىق نارازى ئىدى ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە كوچا - كويلاردىكى ئوغرى يانچۇقچىلانىڭ شىددەت بىلە كۆپىيىپ ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مال - مۈلىكىگە ئېغىر زىيان سالغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ بولغان .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى مەزكۇر مەسلىنى كۆزدە تۇتۇپ ، 2011- يىلى 3- ئاينىڭ 16- كۈنى 16 كىشىلىك مەخسۇس ( ئوغرى يانچۇقچىلارغا قارشى تۇرۇش ئەترىتى ) نى قۇرغان ئىدى .
مەزكۇر ئەترەت قۇرۇلۇپ ئۇزاققا بارماي نەتجە كۆرۈلۈپ ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مۇقەررەلەشتۈرىشىگە ئىرىشتى .
ئۇلارنىڭ 2011-يىلدىكى ئالاقىدار ساقچىخانا ۋە چوڭ ئەترەتلەر بىلەن بىرلىشى ۋە ياكى ئۆز ئالدىغا بىتەرەپ قىلغان ئادەم سانى 500 دىن ئېشىپ كەتكەن .
سىنا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرى :

دىمەك ، ئوغرى - يانچۇقچىلارنىڭ كۈنى تەس بولماقتا ، ئۇلار ئۈچۈن قىيامەت بولماقتا .
ئەسلى ۋاقىتلىق قۇرۇلغان بۇ ئەترەت ، مانا ھازىغىچە نۇرغۇن ئىسسىق - سوغوقنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، ھازىرغىچە شەرەپلىرى بىلەن چاقناپ تۇرماقتا .
كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ جەمىيەت ئامانلىقىغا بولغان كۆز قارىشىمۇ ، ئۆزگىرىپ ج خ خىزمىتىنىڭ ئۆنىمىنى مۇقەررەلەشتۈرمەكتە .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ مىكرو بىلوگىغا يېزىلغان خەت .

مەلۇم تور ئابۇنىتىنىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا بەرگەن باھاسى

ساقچى خىزمىتى ئۇزاق مەزگىللىك ، ئەمما شەرەپلىك خىزممەتتۇر .
شەخسەن ئۆزەمنى ئېيىتسام ، مەنمۇ مەزكۇر ئەترتنىڭ خىزمەت نەتىجىسىدن رازى .
چۈنكى مەزكۇر ئەترەت قۇرۇلغاندىن بىرى ، ئاقچى - قاپاقچىلارمۇ خېلى ئوبدان ئازلاپ قالدى .
قانۇن ئۆزگەردى ، ئوغرى - يانچۇقچىلارمۇ تۇتۇلماقتا.
ئەمدى نۆۋەت ، ئاشۇ نىجس ئوغرىلارنى بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن قەغەز قەلەم تەمرىتىۋاتقان ، ساقچى بىلەن تەپتىشنىڭ ۋىجدانىنى ئۆلچەيدىغان چاغ كەلدى .
يۇقالسۇن ئوغرىلار ....
قۇشۇمچە :
كەمنىنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئادەتتىكىچە ، بەلكىم مەزمۇن قالايمىقانچىلىقى بۇلىشى مۇمكىن ، شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىش بىلەن بىرگە ، مەزكۇر يازمىنى رۇخسەتسىز ھەرقانداق مۇنبەر ۋە ئورۇنغا كۆچۈرۈپ يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ھەم قارشى ئالىمەن .