شىنجاڭ تەنتەربىيەسىدىكى شانلىق بىر يىل
جاڭگال 2011–يىل شىنجاڭ تەنتەربىيەسى چوڭ ئاتلاپ ئىلگىرلىگەن بىر يىل بولدى. بولۇپمۇ پۇتبول، ۋاسكېتبول قاتارلىق تۈرلەردىكى نەتىجە ئەڭ روشەن بولدى. شىرئەلىجان، بارى، مىرئەخمەتجان، يەھيا، دىلمۇرات، ئابدۇۋەلى، ئەكرەم قاتارلىق ئىسىملار، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ماقالىلەر، ئوبزورلار جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەڭ قىزىقىپ باسىدىغان، ھەر قايسى تەنتەربىيە مۇنبەرلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇنازىرە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.بارى بىلەن مىرئەخمەت توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەتتا چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا شۇنداقلا خەلقئارار پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس تورلىرىدا تىلغا ئېلىندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى شىنجاڭ تەنتەربىيەسى 2011–يىلى جۇڭگو ھەتتاكى دۇنيانىڭ دېققىتىنى قوزغىدى.
شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى جۇڭگو ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوشۇننىڭ بىرىغا ئايلاندى 2011–يىلى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان نەتىجىسى ياخشى بولۇۋاتقان شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كوماندىسى جۇڭگو CBA كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم ئىككىنچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن جۇڭگو ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى باشقا ھەرقانداق كوماندىنىڭ ‹‹تېنىنى شۈركىتىدىغان›› كۈچلۈك قوشۇنغا ئايلاندى. شىنجاڭ كوماندىسىنى ئۇتۇش جۇڭگو CBA كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نىشانىغا ئايلاندى. شۇنداقتىمۇ، 2010–2011–يىللىق جۇڭگو CBA كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ دائىمىي مۇسابىقە باسقۇچىدىكى 32 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 31 مەيدانىدا ئۇتۇپ، پەقەت بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، ئومۇمىي نومۇردا بىرىنچى بولۇپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى مۇسابىقىگە كىرگەن بولۇپ، پەقەت شەندۇڭ كوماندىسىلا شىنجاڭ كوماندىسىنى ئۇتۇش شەرىپىگە ئېرىشىلىدى.
دائىمىي مۇسابىقىدە بىرىنچى بولۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەن شىنجاڭ كوماندىسى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 4 دە 2 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى. بۇ نەتىجە بىر يىلدىن بۇيان روشەن ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇپ كەلگەن شىنجاڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن ئېيتىقاندا ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان نەتىجە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولىدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشىنەتتى. گەرچە ئۇدا ئىككىنچى قېتىم جۇڭگو CBA كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بىر يىللىق تىرىشچانلىقى يەنىلا پۇتۇن جۇڭگو ۋاسكېتبول مەستانىلىرنىڭ ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.
كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئۇيغۇر ۋاسكېتبول ماھىرى شىرئەلىجان تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، ‹‹1ـ ئاۋغۇست›› ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ترېنېرى ئادىلجاندىن قالسا جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان ئىككىنچى ئۇيغۇر ۋاسكېتبول ماھىرى بولۇپ قالدى، ھەمدە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ئاسىيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئەڭ ئاخىرقى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەر شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنىڭ شانلىق ناماياندىسى.
بارى ئاچقان يول2011–يىللىنىڭ كىرىشى بىلەن جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدە شىنجاڭلىق پۇتبولچىلار توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرلەر ئارقا–ئارقىدىن چىقىشقا باشلىدى. بۇلتۇر 3–ئايدا جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق باش ترېنېرى بۇلازېۋىچ جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ئەزالارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى مىرئەخمەتجان ئۆزىنىڭ 2009–2010–يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى شۇنداقلا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى ئارقىلىق جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغاندىن سىرت، خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىدا ئەمدىلا كەسپىي پۇتبول ھاياتىنىڭ تۇنجى يىلىنى ئاخىرلاشتۇرغان بارىمۇ بۇ قېتىملىق جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللاندى.

خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى بۇلتۇر 3–ئايدا ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بولۇپ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ياپونىيە چېمپىيونى ناگويا گرامپاس كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. ئىككى كوماندا ئالدىنقى يېرىم مەيداندا 0 دە 0 بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مېنۇت بولغاندا خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىنىڭ ترېنېرى ۋۇ جىنگۇي مەزكۇر كوماندىدىكى شىنجاڭلىق ماھىر بارىنى مەيدانغا چۈشۈردى، بارىنىڭ مەيدانغا چۈشىشى بىلەن مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. بارى مەيدانغا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي سەبدىشى رامرېيىسقا بىر ھۇجۇم پاس بەردى، رامرېيسى توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 1 دە 0 قىلىپ ئۆزگەرتتى. بۇ تېخى بارىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. مۇسابىقە ئاياغلىشىشىغا 5 مېنۇت قالغاندا بارى ئوڭ تەرەپتىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ۋاراتارغا بىر خالتا توپ كىرگۈزدى، ئالقىش سادا پۈتۈن مەيداننى زىل–زىلىگە سالدى. شۇنداق قىلىپ خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ياپونىيە چېمپىيونى ناگويا گرامپاس كوماندىسىنى ئۇتۇپ تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بارىنىڭ توپ كىرگۈزكەندىكى سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ خەۋىرى ئىككىنچى كۈنىدىكى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ باش سۈرىتى ۋە باش خەۋىرگە ئايلاندى. بارى ئامېرىكا ئىشلىگەن بىر پۇتبولچىنىڭ ئىش–ئىزلىرى تەسۋىرلەنگە فىلىمى ‹‹بىر توپ بىلەن داڭ چىقىرىش››قا ئوخشاش بىر توپ بىلەن پۈتۈن جۇڭگودا، ھەتتا ئاسىيادا داڭ چىقاردى. جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بۇلازېۋىچ: ‹‹ مەن بارىغا ئانچە دېققەت قىلماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ ئىپادىسى مېنى ھەيران قالدۇردى، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ دەرۋازىسى ئۇنىڭغا داۋاملىق ئېچىلىدۇ››–دېدى.
بارى ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبول ھاياتىغا يېڭى يول ئاچقاندىن سىرت، شىنجاڭدىكى پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرغان باشقا پۇتبولچىلارغامۇ يول ئېچىپ بەردى. شىنجىن خۇڭزۇەن كوماندىسى بىراقلا ئۈچ شىنجاڭلىق پۇتبولچى بىلەن توختاملاشتى. ئۇلار يەھيا، ئابدۇۋەلى ۋە دىلمۇراتلار بولۇپ، كېيىن ‹‹شىنجاڭلىق ئۈچ قېلىچۋاز›› دەپ ئاتالدى. پۈتۈن جۇڭگودا شىنجاڭ پۇتبولى دولقۇنى پارتلىدى، ھەر قايسى كوماندىلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ‹‹ئەرزان ھەمدە سۈپەتلىك›› بولغان شىنجاڭ پۇتبولىغا كۆز تىكتى. شىنجاڭ پۇتبولىچىلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ دەرۋەزىسى رەسمىي ئېچىلدى.
بارى بىر توپ بىلەن ئاچقان يول 2012–يىلى تېخىمۇ راۋانلاشقۇسى، شىنجاڭ پۇتبولچىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگۈسى. يېڭى نەتىجە، يېڭى شەرەپ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى كۈتمەكتە، يېڭى يىل شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ يېڭى تەلپۈنىشى بوپ قالغۇسى.
شەرەپ قۇچقان ئۈمىد نوتىلىرى 2011–يىلى ئىيۇلدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5–باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى شەندۇڭ ۋېيفاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ۋېيفاڭ ‹‹ئۈمىد لوڭقىسى›› خەلقئارا ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ، U13 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن يەنە شەرەپ قۇچتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5–باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى بارلىق رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرمىغان، مۇسابىقىدە جەمئىي 26 توپ كىرگۈزگەن. كىچىك پۇتبولچىلارنىڭ بۇ نەتىجىسىنى ئاڭلىغان كىشىلەر بۇ كىچىك نوتىلاردىن سۆيۈندى ۋە ئۇلاردىن پەخىرلەندى. ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ھەتتا جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋېي دىنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى.

‹‹ ۋېيفاڭ لوڭقىسى ›› خەلقئارا ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىپى 2006–يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇسابىقە بولۇپ ، ‹‹ پۇتبول چولپانلىرى بۆشۈكى ›› دەپ نام ئالغان ‹‹ تۇۋلۇن لوڭقىسى ›› خەلقئارا ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى قىلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان . 2006–يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي تۆت قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، بۇ يىلقىسى بەشىنچى قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ ۋېيفاڭ لوڭقىسى ›› خەلقئارا ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىپى چېمپىيون بولغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا ، ئاۋسترالىيە دۆلەت ياش–ئۆسمۈرلەر كوماندىسى ، بارسېلونا ئىسپانىيەلىكلەر كۇلۇبى ياشلار–ئۆسمۈرلەر كوماندىسى چېمپىيون بولغان .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5–باشلانغۇچ مەكتەپ ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ رەھبەرلىكىدە 1939–يىلى مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ ، 2004–يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىكى 7–باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ، ئەسلىدىكى مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن مىللىي–خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . بۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش ئىشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ، ياش–ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مائارىپىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ ، نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . بولۇپمۇ ، پۇتبول تۈرىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، 1987–يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پۇتبول ئەنئەنىۋى مەكتىپى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن .
ئەرگىمۇ بىر نۆۋەت يەرگىمۇ بىر نۆۋەت جۇڭگو رادىيو تورى 2011–يىلى 25–نويابىر شىنجاڭنىڭ 2016–يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىتىگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بۇ شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەت خارەكتىرلىق چوڭ تىپتىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىتىگە ئېرىشىشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىتىنى راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالغۇسى.
ئابدۇراخماننىڭ ئىزباسارى چىقتى كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2011– يىللىق ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو بوكس كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق ماھىر مەمەتتۇرسۇن(چوڭ) 69 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسىدە چېمپىيون بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 5–ئاۋغۇستتىن 12–ئاۋغۇستقىچە كورىيەنىڭ ئىنچان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، مەمەتتۇرسۇن(چوڭ) ، ئولىمپىك چېمپىيونى جاڭ جىلېيلار جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان . مەمەتتۇرسۇن (چوڭ) ئالدى –كەينى بولۇپ كورىيە ، فىلىپپىن ۋە موڭغۇلىيە ماھىرلىرىنى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قازاقىستان ماھىرى بىلەن ئۈچ مەيدان تۇتۇشۇش ئارقىلىق، 19 غا قارشى 24 نومۇر بىلەن ئۇتۇپ ، چېمپىيون بولغان.
مەمەتتۇرسۇن(چوڭ) 13–ئاۋغۇست شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى ھەمدە كېيىنكى نىشانىنىڭ دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ ، كېلەر يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇراخمان 1999–يىلى ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسىدە چېمپىيون بولغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 12 يىل جەريانىدا شىنجاڭلىق ماھىرلار بۇ مۇسابىقىدە تېخى چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ باقمىغانىدى. مەمەتتۇرسۇن(چوڭ) شىنجاڭ كوماندىسىغا كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ–كىچىك مۇسابىقىلەردە نۇرغۇن قېتىم چېمپىيون بولغان ھەمدە ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىمۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ باققان بولۇپ ، پەقەت چېمپىيون بولۇپ باقمىغانىدى ، بۇ قېتىم ئۇ ئاخىرى ئاسىيا چېمپىيونى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى .