كۆرۈش: 21896|ئىنكاس: 58

مۇنبەردىكى بارلىق چاۋاكخۇمارلارغا ئۇقتۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5661
تۆھپە
2502
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 10:15:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنبەردىكى بارلىق چاۋاكخۇمارلارغا ئۇقتۇرۇش



    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مۇنبەردىكى چاۋاك چالىدىغانلارنىڭ تىراژىمۇ تەڭ ئېشىپ بارماقتا . باشقىلار جاپا تارتىپ يازغان تېمىغا، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيلا چاۋاكنى بولۇشىغا چالىدىغانلار بۈگۈندىن باشلاپ بايقالسا، مەن شۇ ئەزانىڭ تۆھپە ۋە تىللا سانىدىن 5 نومۇردىن تارتىپ ماڭىمەن . بىرىنچى قېتىم بايقالغانلار بولسا، شۇ چاۋاك چېلىپ قايتۇرغان ئىنكاسىغا ئىنكاس شەكلىدە رەددىيە بېرىلىدۇ، ئەگەر يەنە دىققەت قىلمىسا مۇنبەردە ئىسمى ئاتىلىپ تەنقىد قىلىنىدۇ، ئەگەر يەنە دىققەت قىلمىسا ئەزالىقتىن چېكىندۈرۈلىدۇ .
     ئەمسە قانداق ئەھۋالدا چاۋاك چېلىشقا بولىدۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئالدى بىلەن سىز باشقىلارنىڭ يازغان تېمىسىغا يېزىق شەكلىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن چاۋاك چېلىشنى ياكى چالماسلىقنى بېكىتسىڭىزمۇ بولىدۇ ؛ بىراق ( ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، ياخشى تېمىكەن ، بولىدىكەن ) دېگەندەك ئىنكاسلارنى ئامال بار يازماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن . چۈنكى ئۇ ئىنكاسلار مۇنبەردىكى ئەخلەت ئىنكاسلار ھېسابلىنىدۇ، سىزمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى بولغاندىكىن بىرەر تېمىغا نىسبەتەن ئىككى قۇر مەزمۇنلۇق قىلىپ ئىنكاس يېزىشقا كۈچ - قۇدرىتىڭىز يېتىدىغاندۇ ؟ شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلىشنى راۋا كۆرمىدىم . مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چىقىرىلغان مۇنبەر قانۇنىغا رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    ھەممەيلەن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيلى !   

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Erkin + 5
Erkman + 20赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 25  باھا خاتىرىسى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
632
تۆھپە
322
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 10:37:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا! تەڭرىتاغئاخۇن! قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن جۇما! مەن بۇرۇنلا ئويلاشقان مۇشۇ خىل قائىدە-تۈزۈم چىقىرىشنى، بىراق مەندە ئۇنداق ھوقوق بولمىغانلىقتىن چىقىرىشقا پېتىنالمىغان، ئاقساقاللىق قىلماي دەپ. يەنە بىر پىكىر، بولسا ئاشۇ چاۋاك رەسىمىنى ئۆچۈرۈپلا يوقاتسىڭىز بولمامدۇ، ئۇچاغدا بۇ ئاۋارىچىلىقمۇ بولمايتتى، قۇرۇق چاۋاك چالىدىغانلارمۇ چالالمايتتى- تازا!!!!!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1432
تۆھپە
737
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 10:44:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قائىدە-تۈزۈم مۇنبىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. سىلەر بىز بىلەن يېقىندىن ھەمدەمدە بولساڭلارلا مۇنبىرىمىز چوقۇم تېخىمۇ گۈللىنەلەيدۇ.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Rank: 6Rank: 6

تىللا
658
تۆھپە
390
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 10:46:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مۇمكىن بولسا مۇشۇ چاۋاك ئىقتىدارىنى بىراقلا  ئېلىۋەتسەڭلار ، ياكى ئاۋۇ ھەيۋەتلىك چاۋاكنىڭ ئورنىغا ۋىجىكرەك چاۋاكچاقتىن بىرنى ئالماشتۇرساق قانداق ؟


مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
451
تۆھپە
255
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 11:11:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانا پىكىر . بولسا شۇ ئىپادىنى ئېلىۋەتسەك دىگەن ئۈمۈدۈم بار


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىئاي مۇھەممەد
تىللا
934
تۆھپە
251
UID
283

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 11:16:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق ئالمىسۇن،ئېلىۋەتسە ساۋادى يوق خوشامەتچىلەر مۇنبەرگە قانداق كىردۇ ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
975
تۆھپە
302
UID
3059
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 11:19:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۈختۇرۇشتىن تۇلىمۇ  خوش بولدۇم  تەڭرى تاغ ئەپەمدىم ،دىمىسىمۇ ھىچ بىر ئىناكسىز چاۋاك ۋە گۇلەر تىما يولىغۇچىلارغا ياىشى تۇيغۇ بەرمەيدىكەن  ، چاۋاكنىمۇ چېلىپ، گۇللەرنىمۇ تۇتايلى، چۇقۇم ئىپادىلىمەكچى بولغان ،يازغان ئىنكاسىمىزغا ماس كەسۇن . ئتپاقلىق، ئىناقلىق ،بىر بىرىمىزنى قولاش بىرلىكتتە ئالغا ئىلگىلەش،بو ھەمىمىزگەبىر ياخشى موھىت ئېلىپ كىلىدۇ.............. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇرغۇن133 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-18 11:20  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
941
تۆھپە
633
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 11:34:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق چېلىشلار ئىچىدە ئەرلەرگە نىسبەتەن چاۋاك چېلىش،ئاياللارغا نىسبەتەن ئوماچ چېلىش ئەڭ ئاسانمىكىن دەپ ئويلايمەن.
ئەمەلىيەتتىمۇ زادى بىرنىمىنى ئوقىغاندىكىن ئۇنىڭغا لايىقىدا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش پوزىسىيە بىلدۇرۇش كىرەك.  بولمىسا يولدىن ئۆتكەن ئادەمگە قاراپ چاۋاك چالغاندەك بىمەنە بىر ئىش بولىدۇ.
باشقىلارنى چاۋاك ئارقىلىق ئەمەس ئۆزمىزنىڭ ئىديسى ئارقىلىق، ياكى تولۇقلاپ، ياكى رەددىيە بىرىپ خاتالىقىنى تۇزۇتۇپ قوللاش كىرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-18 11:37  



بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1898
تۆھپە
1011
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 11:42:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  ئۇختۇرۇش بەك ياخشى بوپتۇ .نۇرغۇن جاپادا بىرەر تىما يوللىسا ،پەقەت دەرىجە ئېلىش ئۈچۈنلا قۇرۇق چاۋاك، گۇل ئەۋەتىپ قويسىلا  بۇ قانداق  بولىدۇ ،بەزىلەر تۇزۇكرەك بىرەر تىما يوللىماي  كۇمۇش ، ئالتۇن ئەزا بوپتۇ . ھەيران قالدىم


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
529
تۆھپە
256
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 12:14:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن،ئەمدى چاۋاك چالساك بولار


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 13:13, Processed in 0.087081 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991