كۆرۈش: 190349|ئىنكاس: 50

جۇڭگونىڭ مەشھۇر سەنئەتكارى، ناخشىچى دېڭ لىجۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 18:13:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگونىڭ مەشھۇر سەنئەتكارى، ناخشىچى دېڭ لىجۈن


ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي



6.jpg


   ئۆزىنىڭ ‹‹ئۆتمۈشنى ئەسلەش››، ‹‹تاتلىقىم›، ‹‹يۈرىكىم مىسلى ئايدۇر››، ‹‹خۇش قال جانان›› قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ناخشىلىرى بىلەن دۇنيادىكى كەڭ ناخشا مەستانىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ناخشا مەستانىلىرىنىڭمۇ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەشھۇر سەنئەتكار دېڭ لىجۈن جۇڭگو تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك نوپۇزغا ۋە ئورۇنغا ئىگە ھۆرمەتكە سازاۋەر مول ھوسۇللۇق سەنئەتكارلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ چىقارغان پىلاستىنكىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ھەر قېتىم يۇقىرى رېكورت ياراتقان.
   دېڭ لىجۈن 1953-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تەيۋەننىڭ يۈنلىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 14-قارارلىق سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، ئاپىسى ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى بولۇپ، شەندۇڭدا تۇغۇلغان. 1949-يىلى گومىنداڭ قىسمى تەيۋەنگە چېكىنگەندە،  دېڭ لىجۈننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گومىنداڭ قىسمى بىلەن تەيۋەنگە كېلىدۇ. ‹‹دېڭ لىجۈن›› دېگەن بۇ ئىسىم ھەققىدە گەپ بولغاندا،  ئۇنىڭ دادىسى دېڭ چۈ قىزىغا ‹‹گۈزەل بامبۇك نوتىسى›› دېگەن مەنىدە دېڭ لىجۈن (邓丽筠) دەپ ئات قويغان. كېيىن ‹‹筠›› خېتىنىڭ دائىم باشقىچە تەلەپپۇز قىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ‹‹君›› خېتىگە ئالماشتۇرۇۋەتكەن.

2.jpg


   دېڭ لىجۈن پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن گىگانت ناخشىچى، ئامېرىكا نيو-يورك لىنكولىن مەركىزى، لوس-ئانژىلىس مۇزىكا مەركىزى، شۇنداقلا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلادا نۇرغۇن قېتىملاپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، سانسىزلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان. 1986-يىلى ئامېرىكا ‹‹دەۋر ژۇرنىلى›› ئۇيۇشتۇرغان بېلەت تاشلاشتا، دۇنيادىكى يەتتە چوڭ ئايال ناخشىچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشلانغان ئايال ناخشىچىلارنىڭ بىرى، ئاسىيا-ياۋرۇپادا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل شەرەپكە نائىل بولغان ناخشىچى بولۇپ باھالانغان. 1984-، 1986-يىللىرى ئۇدا ئۈچ يىل بۆسۈش خاراكتېرلىك رېكورت ياراتقان. 1985-، 1986- ۋە 1991-يىللىرى ئۈچ قېتىم ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قىزىل-ئاق›› ناخشا قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. ئۇ ۋاپات بولۇپ 14 يىلدىن كېيىن بىر قېتىملىق باھالاشتا، ئۇ لاۋشى، جىن كۇن، ۋاڭ فېي، جوۋ جيېلۇن قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى تەسىرى ئەڭ زور شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 2010-يىلى دېڭ لىجۈن ۋاپاتىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دېڭ لىجۈن مەدەنىيەت-مائارىپ فوندى جەمئىيىتى ئاسىيا-ياۋرۇپادىكى 20 نەچچە رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە ‹‹دېڭ لىجۈننىڭ ئەڭ ياقتۇرغان ناخشىسىغا توردا بېلەت تاشلاش›› پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. بىر ئاي بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۇ ئېيتقان ‹‹شىمالىي جۇڭگو باھارى›› ناملىق ناخشا 49.11 پىرسەنتلىك ئاۋاز بىلەن تورداشلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشا بولۇپ باھالانغان. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا CNN ئۆتكەنكى 50 يىلدا پۈتۈن يەر شارى مىقىياسىدا ئەڭ ئالقىشلانغان 20 مۇزىكانتنى باھالاپ چىققان. نەتىجىدە جۇڭگولۇق سەنئەتكارلاردىن جاڭ گوروڭ، دېڭ لىجۈن ئىككىيلەن بۇ خىل شەرەپكە نائىل بولغان.
   نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دېڭ لىجۈن جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئايال ناخشىچى دەپ تەرپلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشىچىلىق ساھەسىدىكى مۆتىۋەرلىك ئورنىنى بىر ئۆمۈر ساقلىيالىغان سەنئەتكار ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاجايىب سېھرىي كۈچكە ئىگە يېقىملىق ئاۋازى ۋە جەلپ قىلىش كۈچى ئۇ ئېيتقان ھەربىر ناخشىغا مۇجەسسەملىنىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ناخشىلىرى تا ھازىرغىچە كىشىلەر قەلبىدە يادلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل ھۆسن-جامالى، خۇلقى-مىجەزى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ ئاياللارنىڭ ئەڭ سەرخىلى، گۈزەللىكىنى چىن مەنىسى بىلەن سۆيىدىغان ئايال بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇنىڭ سەھنىگە چىقىش قىياپىتى بولسۇن، سەھنىدىكى تۇرقى بولسۇن، ناخشا ئېيتقاندىكى چىراي قىياپىتى بولسۇن ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇ ناخشا ئېيتقاندا ئۆتمۈش بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ نازاكىتىنى نامايان قىلىش ئۇنىڭ سەنئەتتىكى بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك.


12.jpg


   1963-يىلى 8-ئايدا 10 ياشقا كىرگەن دېڭ لىجۈن جۇڭخۇا رادىيو ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، چېمپيون بولغان. 1965-يىلى دېڭ لىجۈن خۇسۇسىيلار باشقۇرۇشىدىكى جىنلىڭ قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەقىقەت ئاۋازى رادىيو شىركىتى ئاچقان ناخشا مەشىق قىلىش كۇرسىغا قاتناشقان. دېڭ لىجۈننىڭ مۇشۇنداق جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. 1966-يىلى تەيبېيدىكى شەرق غەزەلخانىسىنىڭ خوجايىنى ئۇنى ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا غەزەلخانىدا ناخشا ئېيتىشقا باشلايدۇ. 1967-يىلى ئۇ رەسمىي ھالدا ئالەم پىلاستىنكا شىركىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، 14 يېشىدا تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسى ‹‹گۈل دۇمباق››نى نەشر قىلدۇرىدۇ. بۇ مەزگىل تەيۋەندە مۇدا ئېقىمدىكى ناخشىلار تازا دەۋر سۈرۈۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، ئۇ ئېيتقان ئاددىي رېتىمدىكى خەلق ناخشىلىرى ناھايىتى تېزلا خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. ئۇ 15 ياشقا كىرگەن يىلى تەيۋەن تېلېۋىزىيە شىركىتى ئىشلىگەن ‹‹چولپانلار بىرلەشمىسى›› ناملىق پىروگراممىدا نومۇر ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئېكران ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان.
   1969-يىلى دېڭ لىجۈن ‹‹باش دىرېكتور، رەھمەت سىزگە›› ناملىق فىلىمدە ئايال باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئالىدۇ. شۇ يىلى ئۇ يەنە تەيۋەندىكى تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولغان ‹‹كىرىستال››نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتىدۇ. 1973-يىلى دېڭ لىجۈن تەيبېي شىلىن ئامېرىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىقىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
   1973-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، دېڭ لىجۈن ياپونىيەگە بارىدۇ. 1977-يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا، ئۇنىڭ ياپونىيەدە سەككىز دانە بىرلەشمە پىلاستىنكا بىلەن يالغۇز كىشىلىك ناخشا پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنغان. ھەربىر پىلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى 30 پىلاستىنكىنىڭ ئىچىگە كىرگەن.
   1975-يىلى 7-ئايدا، دېڭ لىجۈن شياڭگاڭ باۋلىجىن پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن توختاملاشقان، شۇ يىلى 9-ئايدا شياڭگاڭدىكى 10 چوڭ ناخشا چولپىنىنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان. 1976-يىلى، دېڭ لىجۈن شياڭگاڭ لىۋۇتەي كۇلۇبىدا تۇنجى قېتىملىق يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن دېڭ لىجۈن 1976-، 1977-، 1978-، 1980- ۋە 1981-يىللىرى ئارىلىقتا ئامېرىكىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇدا بەش يىل شياڭگاڭ لىۋۇتەي كۇلۇبىدا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، سانسىزلىغان ناخشا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغان.
   1980-يىلى ئۇنىڭ مودا ناخشا ساھەسىدىكى ھەقىقىي ئورنى تىكلەنگەن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سانسىزلىغان ناخشا مەستانىلىرىغا ئىگە بولغان بىر يىل بولدى. ئۇ ئېيتقان ھەربىر ناخشا دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلقنىڭ يۈرەك رىشتىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. دېڭ لىجۈن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا، جۇڭگودىكى ئايال ناخشىچىلارنىڭ سەنى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئاز ئىدى. بۇ مەزگىللەردە دېڭ لىجۈننىڭ ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېيتىۋاتقان ناخشىچىلاردىن لى گۇيى، جۇ مىڭيىڭ، چېڭ لىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، باشقىلار ئۇلارنى ‹‹چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭ لىجۈنلەر›› دەپ ئاتىشاتتى.
   1995-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، بۇ ئوت يۈرەك سەنئەت پەرۋانىسى، ئىقتىدارلىق ناخشىچى دېڭ لىجۈن زىققا كېسىلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي تايلاندتا 42 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
   دېڭ لىجۈن 30 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىدا خەنزۇ، ئىنگلىز، ياپون تىللىرىدا جەمئىي 3000 دىن ئارتۇق ناخشا ئېيتىدۇ.


15.jpg


   ئەمدى بىز دېڭ لىجۈننىڭ ھايات مۇساپىسىگە نەزەر سېلىپ باقايلى:

   دېڭ لىجۈن 1953-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تەيۋەننىڭ يۈنلىن ناھىيەسى باۋجۇڭ كەنتىدە تۇغۇلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا تەيدۇڭ ناھىيەسى چىشياڭ يېزىسىغا كۆچۈپ كېتىدۇ.
   1954-يىلى بىڭدۇڭ ناھىيەسى ھەربىي ئايرۇدۇرۇمنىڭ يېنىدىكى بىر كەنتكە كۆچۈپ كېلىدۇ.
   1958-يىلى بىڭدۇڭ ناھىيەسى شەنگۇل تىياتىرخانىسىدا بالېت ئۆگىنىدۇ.
   1959-يىلى 11-ئايدا ئائىلىسى بىلەن لۇجوۋ شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
   1961-يىلى ئۇستازى لى چېڭچىڭدىن ناخشىچىلىق بويىچە تەلىم ئالىدۇ.
   1962-يىلى ‹‹3-سېنتەبىر شادلىق ئەترىتى››گە ئەگىشىپ، ھال سوراش ئويۇنىدا ناخشا ئېيتىدۇ.
   1963-يىلى 8-ئايدا بىر قېتىملىق ناخشا مۇسابىقىسىدە چېپميۇن بولىدۇ، ئۇ بۇ مۇسابىقىدە يېشى ئەڭ كىچىك ناخشىچى ئىدى.
   1964-يىلى ئۇ مەكتەپكە ۋاكالىتەن ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت تىلىدا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە، بىرىنچى بولىدۇ.
   1965-يىلى جىنلىڭ قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسدە بەشىنچى بولىدۇ.
   1966-يىلى ھەقىقەت ئاۋازى شىركىتى ئاچقان ناخشا كۇرسىغا قاتنىشىپ، كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملايدۇ. يەنە ‹‹ئالتۇن ئات›› مۇكاپاتى ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپيون بولىدۇ.
   1967-يىلى زىجىنلىڭ قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدىن بوشاپ، ئالەم بوشلۇقى پىلاستىنكا شىركىتىدە ناخشا ئېيتىپ پىلاستىنكا چىقىرىشقا باشلايدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدا بىرىنچى ناخشى پىلاستىنكىسى ‹‹دېڭ لىجۈن ناخشىلىرىنىڭ 1-قىسمى ـــ گۈل دۇمباق›› نەشر قىلىنىپ، ئۇنىڭ ناخشىچىلىق ھاياتى رەسمىي باشلىنىدۇ.
   1968-يىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹چولپانلار بىرلەشمىسى›› ناملىق پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ناخشا ئېيتىدۇ.
   1969-يىلى ‹‹باش دىرېكتور، رەھمەت سىزگە›› ناملىق فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئالىدۇ. يەنە تەيۋەندىكى تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹كىرىستال››نىڭ ئاساسلىق قىستۇرما ناخشىسىنى ئېيتىدۇ. تەيۋەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹كۈندە بىر چولپان›› ناملىق پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ‹‹تالانتلىق ئايال ناخشىچى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى يەنە سىنگاپور زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سىنگاپورغا چىقىپ خەير-ساخاۋەت ئويۇنىغا قاتنىشىدۇ.
   1970-يىلى 1-ئايدا شياڭگاڭدا ‹‹ئاق ئاپتەپپەرەس مېيى ساخاۋەت خانىشى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولۇپ، بۇ تۈردىكى چولپانلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك ساخاۋەتچى بولۇپ قالىدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا ئارتىس جاڭ جۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككىنچى فىلىمى ‹‹ناخشا مەستانىسى خانقىز››نى ئىشلەيدۇ.
   1971-يىلى 2-ئايدىن 8-ئايغىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى، شۇنداقلا شياڭگاڭ، سىنگاپور، مالايشىيا، فىلىپپىن، تايلاند، ۋېيتناملاردا ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ.
   1972-يىلى 6-ئايدا دېڭ لىجۈن ناخشا مەستانىلىرى كۇلۇبى بولغان ‹‹گۈزەل ياشلىق دوستلۇق بىرلەشمىسى›› شياڭگاڭدا تۇنجى قېتىم قۇرۇلىدۇ. شۇ يىلى يەنە شياڭگاڭدىكى 10 چوڭ ئەڭ ئالقىشلانغان ناخشىچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ. يەنە بىر قېتىم ‹‹بەيخۇايوۋ سەنئەت خانىشى›› بولۇپ سايلىنىدۇ.
   1973-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىدۇ. يەنە شياڭگاڭغا بېرىپ ‹‹شياڭگاڭ تىياتىرخانىسى›› قاتارلىق داڭلىق تىياتىرخانىلاردا، ۋېيتنامدىكى چوڭ كۇلۇبلاردا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. يەنە شۇ يىلى ‹‹دۇنيادىكى تۇنجى تەبەسسۇم›› ناملىق فىلىمنى ئىشلەشكە قاتنىشىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر ئۈن-سىن شىركىتى ھەمدە پوليدور پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ پىلاستىنكا چىقىرىدۇ. ياپونىيەدە قاتتىق مەشىق قىلىپ، سىنگاپور دۆلەتلىك تىياتىرخانىسى تەشكىللىگەن ‹‹يىراق شەرقتىكى ئون چوڭ داڭلىق چولپان›› ناملىق كېچىلىككە قاتنىشىدۇ.
   1974-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ھالدا ياپونىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ياپونىيەدە 10 غا يېقىن پىلاستىنكا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى نەچچە يۈز مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
   1975-يىلى شياڭگاڭ باۋلىجىن پىلاستىنكا شىركىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، كىلاسسىك ناخشىلاردىن تەركىپ تاپقان ‹‹ئارال دۆلىتىدىكى مۇھەببەت››نىڭ 1-قىسمىنى نەشر قىلدۇرغان. شۇ يىلى 9-ئايدىن 10-ئايغىچە مالايشىيادا سەييارە ئويۇن قويىدۇ. شۇ يىلى شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹دېڭ لىجۈن ئالاھىدە تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى››نى ئىشلەشكە قاتنىشىدۇ.
   1976-يىلى 3-ئايدا دېڭ لىجۈن شياڭگاڭ ناخشا مەستانىلىرى جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلىدۇ. شۇ يىلى شياڭگاڭدىكى ‹‹لىۋۇتەي كۇلۇبى››دا تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا كېچىلىكى بولۇپ قالىدۇ. شۇ يىلى يەنە ئۇنىڭ نامىدا خۇسۇسىي مۇزىكا جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ. ئۇ شۇ يىلى 11-ئايدا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، مالايشىيادا سەييارە ئويۇن قويىدۇ.
   1977-يىلى 4-ئايدا ياپونىيە پايتەختى توكيودا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. 6-ئايدا ‹‹دېڭ لىجۈن ناخشا كېچىلىكى›› ناملىق پىلاستىنكا نەشر قىلىنىدۇ. يەنە شياڭگاڭ ‹‹لىۋۇتەي كۇلۇبى››دا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. توكيودا ‹‹يۇرتۇم نەدىسەن؟›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا مۇسابىقىسىدا چېمپيون بولىدۇ. شۇ يىلى 7-ئايدا ‹‹ئارال دۆلىتىدىكى مۇھەببەت›› ناملىق پىلاستىنكىنىڭ 2-قىسمى ‹‹بۇ كېچە سىزنى ئەسلەيمەن›› بىلەن شياڭگاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئالتۇن پىلاستىنكا›› مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، شياڭگاڭدا تۇنجى بولۇپ ‹‹ئالتۇن پىلاستىنكا›› مۇكاپاتىغا نائىل بولىدۇ. شۇ يىلى يەنە شياڭگاڭ ‹‹لىۋۇتەي كۇلۇبى››دا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. يەنە ياپونىيەگە بېرىپ توكيودا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مەزگىلدە ياپونىيەدە جەمئىي سەككىز چوڭ تىپتىكى ناخشا پىلاستىنكىسى، 12 كىچىك تىپتىكى ناخشا پىلاستىنكىسى نەشر قىلدۇرىدۇ.
   1978-يىلى 2-ئايدا، مالايشىيا، سىنگاپورلاردا سەييارە ئويۇن قويىدۇ. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەدە يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ، ناخشا كېچىلىكىدە قىلغان كىرىمنىڭ ھەممىسىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ. 9-ئايدا ئاتاقلىق ئارتىس جياڭ مىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ تەيۋەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ئۆتمۈشنى ئەسلەش››تە رول ئالىدۇ. شۇ يىلى يەنە شياڭگاڭدا ئۈچ كۈن ئىچىدە بەش مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.
   1979-يىلى 4-ئايدا كانادادا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا، كانادا تەۋەلىكىدە تۇنجى قېتىم ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى ‹‹شياڭگاڭ 4-نۆۋەتلىك ئالتۇن پىلاستىنكا مۇكاپاتى››نى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۈچ چوڭ پىلاستىنكىسى ‹‹ئاق ئالتۇن پىلاستىنكا مۇكاپاتى››غا، ئىككى دانە پىلاستىنكىسى ‹‹ئالتۇن پىلاستىكا مۇكاپاتى››غا ئېرىشىدۇ.
   1980-يىلى ئامېرىكا نيو-يورك لىنكولىن مەركىزىدە ۋە لوس-ئانژىلىس مۇزىكا مەركىزىدە ئويۇن قويىدۇ. بۇ يىلى ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭ تەلەپپۇزىدا ئېيتقان ناخشىلاردىن تەركىب تاپقان تۇنجى پىلاستىنكىسى نەش قىلىنىدۇ. ئۇ، بۇ يىلى يەنە شياڭگاڭ ‹‹لىۋۇتەي›› كۇلۇبىغا 4-قېتىم كېلىپ، ئۇدا يەتتە مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. يىل ئاخىرىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە سەييارە ئويۇن قويىدۇ. ئۇ شۇ يىلى يەنە تەيۋەن ئالتۇن سائەت مۇكاپاتى بويىچە ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ناخشىچى مۇكاپاتى››غا نائىل بولىدۇ.
    1981-يىلىنىڭ بېشىدا چەت ئەللەردە ۋە چاغان مەزگىلىدە تەيۋەندە كۆپ قېتىم ئويۇن قويىدۇ. يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە سەييارە ئويۇن قويىدۇ. ئۇ يەنە شۇ يىلى تەيۋەن ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹ۋەتەنپەرۋەر سەنئەتكار›› دېگەن پەخىرلىك نامغا نائىل بولىدۇ. 4-ئايدا شياڭگاڭ ‹‹لىۋۇتەي كۇلۇبى››غا 5-قېتىم كېلىپ يەتتە كۈندە جەمئىي توققۇز مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ شۇ يىلى نۇرغۇن مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە، مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدۇ.
   1982-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە شياڭگاڭ ئىلىسا تەنتەربىيە سارىيىدا بەش مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. تەيۋەن، شياڭگالاردا بىر نەچچە قېتىملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ. 12-ئايدا شياڭگاڭ ‹‹شادلىققا تولغان شەرق›› خەير-ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ.
   1983-يىلى دېڭ لىجۈننىڭ ناخشىچىلىق ھاياتى 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شياڭگاڭدىكى بىر كاتتا مېھمانسارايدا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2-ئايدا ‹‹مۇھەببەت رىشتى›› ناملىق پىلاستىنكىسى تارقىتىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە سەييارە ئويۇن قويىدۇ. 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا يېتىپ بېرىپ، قىمار شەھىرى لاس ۋىگاستىكى ‹‹قەيسەر خان ئوردىسى››دا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئالقىشقا سازاۋەر بولغان ئايال ناخشىچى بولۇپ قالىدۇ. 5-ئايدا شياڭگاڭ باۋلىجىن پىلاستىنكا شىركىتىنىڭ 1975-يىلىدىن باشلاپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دېڭ لىجۈننىڭ ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى بەش مىليون دانىدىن ئېشىپ، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگوچە ناخشىلار مۇنبىرىدە رېكورت يارىتىدۇ. شۇ يىلى ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭ تەلەپپۇزىدا ئېيتقان 2-پىلاستىنكىسى، يەنى 109-ناخشا پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنىدۇ (بۇ سان ياپونىيەدە چىقارغان پىلاستىنكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). شۇ يىلى 12-ئايدا فىلىپپىندا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، شياڭگاڭ ‹‹خۇڭلى›› تەنتەربىيە سارىيىدا ئالتە كۈندە جەمئىي يەتتە مەيدان ئويۇن قويۇپ، تۆت تۈردە يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. شۇ يىلى يەنە ‹‹شياڭگاڭدىكى 10 چوڭ مەشھۇر ئايال ياش›› بولۇپ باھالىنىدۇ.
   1984-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوندۇنغا ئوقۇشقا بارىدۇ ھەم ئاسىيا قىتئەسىدە سەييارە ئويۇن قويىدۇ. يەنە ناخشىچىلىق ھاياتىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە بېرىپ سەييارە ئويۇن قويىدۇ. 1-ئايدا تەيبېي شەھىرىدىكى ئىستېرېئولۇق تەنتەربىيە سارىيىدا ئىككى مەيدان 15 يىللىق ناخشىچىلىق ھاياتىنى ئەسلەش باش تېما قىلىنغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ناخشا كېچىلىكى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن بىۋاستە ئۇلاپ تارقىتىلىدۇ. 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىنگاپور قاتارلىق جايلاردا سەييارە ئويۇن قويىدۇ. 2-ئايدا ياپون تىلىدا بىر پىلاستىنكا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ياپونىيەدە پىلاستىنكىلىرى ياپونىيەدىكى باشقا ناخشىچىلار چىقارغان بارلىق پىلاستىنكىلار ئىچىدە بىر يىلغا يېقىن ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ،  ياپونىيە سەنئەت مۇنبىرىدە يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. 3-ئايدا تەيۋەندىكى ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن ‹‹10 مەشھۇر ئايال ياش›› بولۇپ باھالىنىدۇ. 8-ئايدا تەيبېيدا ‹‹10 داڭلىق ناخشىچى›› مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ‹‹ئالتۇن ئاۋاز›› مۇكاپاتىغا نائىل بولىدۇ.
   1985-يىلى 1-ئايدا دېڭ لىجۈن سىنگاپوردا ‹‹بېيجىڭ ياشلار گېزىتى››نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
   1986-يىلى ئۇ ھەر قايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. بۇ يىلى ئۇنى پىلاستىنكىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا ‹‹دەۋر ژۇرنىلى››نىڭ باھالىشى بىلەن ‹‹دۇنيادىكى يەتتە مەشھۇر ئايال ناخشا چولپىنى››، ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشلانغان10 مەشھۇر ئايال ناخشا چولپىنى››، شۇنداقلا بىردىنبىر بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل شەرەپكە نائىل بولغان ئاسىيالىق ناخشا چولپىنى بولۇپ باھالىنىدۇ.
   1987-يىلى شياڭگاڭ، تەيۋەن، سىنگاپور، فىرانسىيە قاتارلىق جايلاردا دەم ئالغاچ، تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتناشقاندىن باشقا، ئاممىۋى سورۇنلاردا تولىمۇ ئاز كۆرۈنىدۇ. نيو-يوركتا ‹‹خەلقئارا جامائەت پاراۋانلىقى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ياپونىيەدە ‹‹38-قېتىملىق قىزىل، ئاق ناخشا پائالىيىتى››گە قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى يەنە ‹‹دېڭ لىجۈن تاللانما ناخشىلىرىدىن 225 ناخشا›› بېيجىڭدا تارقىتىلىدۇ.
   1988-يىلى 1-ئايدا ياپون تىلىدىكى پىلاستىنكىسى ‹‹سۆيگۈ ئەھلىنىڭ ئەپسانىسى›› ناملىق پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنىدۇ. 8-ئايدا تەيۋەنگە قايتىپ ‹‹پارلاق 823 ـــ سەنئەت كېچىلىكى››گە قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى 8-ئايدىن باشلاپ شياڭگاڭدا مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا باشلايدۇ. 12-ئايدا ياپونىيەدە 21-قېتىملىق پۈتۈن ياپونىيەدىكى ئەڭ تالانتلىق چولپان، سىملىق تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپان، مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپان بولۇپ باھالىنىدۇ. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلىدۇ.
   1990-يىلى دېڭ لىجۈن سەنئەت پائالىيەتلىرىگە كەمدىن-كەم قاتنىشىدۇ ھەمدە شياڭگاڭدىن فىرانسىيەگە كۆچۈپ كېتىدۇ. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى شياڭگاڭ سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.
   1991-يىلى 2-ئايدا ياپونىيەدە ئىككى پىلاستىنكىسى تارقىتىلىدۇ. 7-ئايدا ياپونىيەدە يېڭى ناخشا تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە فىرانسىيەلىك ئوغۇل دوستى بوھاننى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلايدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا يەنە ياپونىيە ۋە شياڭگاڭدىكى نۇرغۇن سەنئەت ۋە خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.
   1992-يىلى 2-ئايدا تەيۋەنگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە چاغاننى تەبرىكلەيدۇ. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. 6-ئايدا فىرانسىيە پارىژ خاتىرە سارىيىدا ناخشا ئېيتىدۇ، 8-ئايدا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كۇلۇبلاردا ناخشا ئېيتىدۇ، 9-ئايدا شياڭگاڭدا ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىر قىسىم داڭدار ئارتىسلار بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىدۇ. شۇ يىلى 12-ئايدا خەنزۇ تىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنىدۇ.
   1993-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر داڭلىق پىروگراممىسىدا ئەزىز مېھمان بولۇپ سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ. 3-ئايدا تەيۋەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەزكۇر ئىستانسا ئۆتكۈزگەن ‹‹مەڭگۈلۈك ئاشىق›› ناملىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ. 5-ئايدا ياپونىيەدە ‹‹سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشايمەن›› ناملىق پىلاستىنكىسىنى نەشر قىلدۇرىدۇ، بۇ پىلاستىنكا ئۇنىڭ ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى پىلاستىنكىسى بولۇپ قالىدۇ. 12-ئايدا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 26-قېتىملىق سەنئەت ساھەسىدىكى داڭدارلارنى باھالاش مۇسابىقىسىگە ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ.

7.jpg

   1994-يىلى 6-ئايدا تەيۋەنگە قايتىپ، تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان ‹‹مەڭگۈلۈك خۇاڭپۇ›› ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. 10-ئايدا فىرانسىيەدىن شياڭگاڭغا يېتىپ بېرىپ، ئۆكتەبىر بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە داڭلىق ناخشىچى لۇ دايوۋ بىلەن بىرلىكتە ‹‹مېيىخۇا گۈلى›› ناملىق ناخشىنى ئېيتىدۇ. 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ، بىر كىچىك تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ياپونىيەدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاشكارا ئويۇن قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. 11-ئايدا شياڭگاڭدىكى مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىشى بولۇپ قالىدۇ. شۇ يىلى ياپونىيەدە يەنە ‹‹كېچىدىكى خۇشپۇراق›› ناملىق پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنىدۇ.
   1995-يىلى 2-ئايدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر قېتىملىق پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شياڭگاڭدا پەيدا بولۇشى بولۇپ قالىدۇ.
     1995-يىلى  5-ئاينىڭ 8-كۈنى پۈتۈن ھاياتىنى ناخشىچىلىققا بېغىشلىغان بۇ سەنئەتكار زىققا كېسىلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي تايلاندتا ۋاپات بولىدۇ، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 42 ياشتا ئىدى. 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى تايلانتتىن تەيۋەنگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈن يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلار ئۇنى تەيۋەن تەيبېيدىكى ئالتۇنتاغ ‹‹بامبۇكزارلىق››قا ئۇزىتىپ قويىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۈن-سىن شىركەتلىرى ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ‹‹دېڭ لىجۈننى خاتىرىلەش پىلاستىنكىسى›› تارقىتىدۇ. ناخشا چولپىنى ۋاڭ فېي مەخسۇس ئۇنىڭغا ئاتاپ ناخشا ئېيتىدۇ.
   1996-يىلى شياڭگاڭدىكى شىلى بىناسىغا ئوت كېتىپ، دېڭ لىجۈننىڭ باۋلىجىن پىلاستىنكا شىركىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئەسلى ئاۋازدىكى ئانا پىلاستىنكىلار كۆيۈپ كېتىدۇ. دېڭ لىجۈننىڭ ياپونىيەدىكى باش ۋاكالەتچىسى ئۇنىڭغا ئاتالغان ‹‹گۈزەللىك ۋە غېرىبلىق›› ناملىق تەرجىمىھال خاراكتېرلىك پىلاستىنكىنى نەشر قىلدۇرىدۇ.
   1998-يىلى دېڭ لىجۈننىڭ ناخشا پىلاستىنكىسى ‹‹ھاياتلىق يولىدا سەيلە قىلىش››غا مۇزىكىلىق دىراما ئىشلىنىدۇ.
   1999-يىلى ئامېرىكىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلى 20-ئەسىرىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە سەنئەتكارلارنى باھالاپ چىقىدۇ، نەتىجىدە جۇڭگولۇقلاردىن پەقەت لى شياۋلوڭ بىلەن دېڭ لىجۈن ئىككىيلەنلا بۇ خىل شەرەپكە نائىل بولىدۇ.
   2000-يىلى ئۇ ئېيتقان ‹‹يۇلتۇزلار مېنىڭ قەلبىم›› ناملىق ناخشىغا مۇزىكىلىق دىراما ئىشلىنىدۇ.
   2003-يىلى دېڭ لىجۈن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرلىنىدۇ.
   2005-يىلى دېڭ لىجۈن ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرلىنىدۇ.
   2008-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، دېڭ لىجۈننىڭ بىر قورساق ئىنىسى دېڭ جاڭشى كېسەل سەۋەبىدىن 55 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
   2009-يىلى توردا بېلەت تاشلاپ باھالاپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سەككىز مىليون 500 مىڭ بېلەت بىلەن جۇڭگودىكى مەشھۇر شەخسلەردىن ۋاڭ فېي، جوۋ جيېلۈن، لاۋ شى، جىن يوڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ‹‹يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى تەسىرى ئەڭ زور مەدەنىيەت ئەربابلىرى›› بولۇپ باھالاندى.
   2010-يىلى دېڭ لىجۈن ۋاپاتىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دېڭ لىجۈن مەدەنىيەت-مائارىپ فوندى جەمئىيىتى ئاسىيادىكى 20 نەچچە رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە ‹‹دېڭ لىجۈننىڭ ئەڭ ياقتۇرغان ناخشىسىغا توردا بېلەت تاشلاش›› پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بىر ئاي بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۇ ئېيتقان ‹‹شىمالىي جۇڭگو باھارى›› ناملىق ناخشا 49.11 پىرسەنتلىك ئاۋاز بىلەن تورداشلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشا بولۇپ باھالىنىدۇ.
   2010-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا CNN ئۆتكەنكى 50 يىلدا پۈتۈن يەر شارى مىقىياسىدا ئەڭ ئالقىشلانغان 20 مۇزىكانتنى باھالاپ چىقىدۇ. نەتىجىدە جۇڭگولۇق سەنئەتكارلاردىن جاڭ گوروڭ، دېڭ لىجۈن ئىككىيلەن بۇ خىل شەرەپكە نائىل بولىدۇ.
   مەشھۇر سەنئەتكار دېڭ لىجۈن ھەقىقەتەنمۇ سەنئەت ئۈچۈن، جۈملىدىن ناخشا ئۈچۈنلا تۇغۇلغان، ئېيتقان ھەربىر ناخشىسىدىن كۈچلۈك ھاياجان، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ، سۆيگۈ-مۇھەببەت كۈيلىرى، دۆلەت ۋە مىللەت ھالقىغان ئىپتىخار ياڭراپ تۇرىدۇ. ئۇ ۋە ئۇ ئېيتقان ھەربىر ناخشا سەنئەتسۆيەر دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئەبەدىي ياشىغۇسى.





3.jpg
1.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 18:17:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەھمىيەتلىك يۇللانمىڭىزغا رەخمەت...


سەكرا

Rank: 3Rank: 3

تىللا
346
تۆھپە
47
UID
3392
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 18:26:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۆۋەندىكىسى 2-ئابزاستىكى سۆز:
    دېڭ لىجۈن 1953-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تەيۋەننىڭ يۈنلىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 14-قارارلىق سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، ئاپىسى شەندۇڭلۇق بولۇپ، ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى. 1949-يىلى گومىنداڭ قىسمى تەيۋەنگە چېكىنگەندە، بالىنىڭ تۆتىنچىسى بولغان دېڭ لىجۈن ئائىلىسى بىلەن بىرگە تەيۋەنگە كېلىدۇ...
   تېما يوللىغۇچى بۇ سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىدىكى قالايمىقانچىلىقنى بايقىدىمىكىن؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 18:37:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ھېلىقى ‹تاتلىقىم› دىگەن ناخشىسى ئۇزۇن مەزگىل  مودا بولدى بۇ ناخشىچىنىڭ.
جاپا چېكىپسىز.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 18:44:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇپىيانە سالاھىيىتى جۈنتۇڭنىڭ خادىمى (خادىم، دېگىنى خاس نام، خەنزۇچىدىكى «تېگۇڭ»)، دەپ ئاڭلىۋىدىم!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
548
تۆھپە
281
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 19:34:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، رھمەت! قىزغىنلىقىڭىز ناھايىتى ياخشى ، بىراق يىل نامىنى توغرا ئېلىڭ ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالمىسۇن،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
697
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 21:05:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇچىغا ياخشى بۇلمىغاچقا خەنزۇ سەنئەتكارلارنى ئانچە تۇنۇپ كەتمەيمەن ،،،،ئىپىزۇتچىلاردىن جاۋ بىنشەن ،،ناخشىچلاردىن خەن خۇڭ (ھىلىقى سىمزى كۇز ئەينەكلىك ئايال ناخشىچى مىللىتى زاڭزۇما)،،نى ئاران بىلىمەن،،،،،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
436
تۆھپە
214
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 22:02:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
80- يىللاردا ئۇنىڭ نامىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغانتىم، راسمۇ - يالغانمۇ ماڭا ئېنىق ئەمەس ناخشىلىرى رايۇنىمىزدا چەكلىنىدىكەن دەپمۇ ئاڭلىغان ئىدىم.


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىئاي مۇھەممەد
تىللا
915
تۆھپە
248
UID
283

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 23:05:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كۈيىمەن بۇ ناخشىسىغا.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
750
تۆھپە
538
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 00:20:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلار، مەن زامانەمنىڭ كەينىدا قالدىممۇ يا، پەقەت بىلمەيدىكەنمەنيا بۇ سەنئەتكارنى . . .



لېكىن ئاپتور، كۆپ ئەجىر قىلىپسىز. رەھمەت، داۋاملىق تىرىشىڭ . . .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 11:26, Processed in 0.097789 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991