"ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس " تېمىسىدىكى بۇ يازمىنىڭ نۇرغۇن
مۇنبەرلەرنى ئايلىنىپ، ئەمدى تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە كەلگەنلىكىنى كۆردۈم ، تورداشلارنىڭ ھەر خىل ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئىنكاس يېزىشنىڭ ئورنىغا روھلان مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان، مۇختار روزى ( نىقاب ) ئەپەندى قەلىمىدىكى
” ’ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس
‘ نىڭ ئاپتورىغا سوزۇم بار
“ دىگەن بۇ يازمىسىنى مۇنبەرداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا يوللاشنى لايىق تاپتىم .
ئۇيغۇر ئەرلىرى يارماس نىڭ ئاپتورىغا سۆزۈم بار
ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆزلىك ۋە كىملىك، ئۇيغۇرلۇق ھەققىدە بولىشىغا جار سىلىۋاتقان ئاپتۇرلىرىمىزغا دىمەكچى بولغان ئىككى ئېغىز سۆزۇم بار ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، خىزمەت، تىجارەت ۋە باشقا ئىشلارنىڭ جىددىيەتچىلىكىدە بۇ سۆزۇمنى ئېيتالماي كېلىۋاتقان ئىدىم. بۇگۈن
روھلان تورىدا
«ئۇيغۇر ئەرلىرى يارماس» ... ئۆزۇم يازغان ،مەزمۇنى ياخشى . دېگەن تىمىنى كۆرۇپ بۇ تىمىغا كىرىپ باققۇم كەلدى. كىرگەندىن كېيىن بىر ئېلكىتاپ چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ شۇ ئادرېس بويىچە بۇ ئەسەرنى چۈشۈردۇم. ماتېرىيالنىڭ بېشىنى كۆرۈپلا بۇ ئەسەرنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەلدىم. كىېين ئىچكىرلەپ ئوقۇش ئارقىلىق بۇ ئەسەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەن بۇرۇن بىر قېتىم ئوقىغان ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ ئەسەرنى تۇنجى ئوقىغان ۋاقتىمدىلا ئاپتۇرنىڭ ئەسەر يېزىشتىكى ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولسىمۇ مەزمۇن جەھەتتىن زادىلا خوشۇمغا كەتمىگەن ئىدى. چۈنكى ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى مەيلى قايسى نوقتىدىن بولمىسۇن يۈزەكى، بەكلا يۈزەكى يازغان ئىدى. ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ «
يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام » دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىنمۇ مەندە مىللەتنى تەرىپلەش كېرەكمۇ ياكى سۆكۈش كېرەكمۇ؟ دېگەن بىر سوئال كاللامدا ئەگىپلا يۈرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.ئەمما بۇ جەھەتتىن ئەختەم ئۆمەر ئاكىدەك مول بىلىمگە ئىگە بولمىغانلىقىم ئۈچۈن ھازىرغىچە بۇ جەھەتتىن باھا بېرىشكە لاياقىتىم يوق دەپ قاراپ نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىققان ئىدىم. (بۇ خېلى بۇرۇنقى ئىشلار) يېقىندا ئۆزۈم ئەسەرلىرىنى ياختۇرۇپ ئوقۇيدىغان شائىرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يېزىلغان زۇلپىقار بارات ئەپەندىنىڭ بىر ئەسىرى شىنجاڭ مەدەنىيىتىگە بېسىلغاندىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلەردە سۆز ئىشلىتىشكە خېلى ماھىر ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ بىراق بۇ ئەسەرنى شۇ كىشىنىڭ (زۇلپىقار بارات ئۆز باشنىڭ ) يازغانلىقىدىن شۈبھىلىنىپ نەچچە قېتىم ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا قاراپ كەتكەنلىكىم يادىمدا. دائىم ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىكى ۋە كىملىكى ھەققىدە ئەسەر يازدىغان، خاس شۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ باردىغان نوپۇزلۇق بىر كىشىنىڭ ئەسىرىدە (بۇ ئەسەردىمۇ ئادىل تۇنياز ئەپەندىنىڭ ئېتىقاد قارشى ئاساسىي ئوبىكىت قىلىنىپ شۇ ئارقلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد، ئۆزلىك ۋە كىملىك ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئېچىپ بېرىش ئاساسىي ئىددىيە قىلىنغان) ئۆزىنى چەتئەلىك بىر كىشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ يازغان « ... ھەتتا مەن ئۇ كىشىنىڭ پايپىقىغىمۇ تەڭ كەلمەيمەن ...» سۆزى دىققىتىمىنى تارتقان.زۇلپىقار بارات ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسەردە ئۆزىنىڭ ئوتتەك ھېسسياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن كىچىكرەك قىلىپ ئېيتساق ئادىل تۇنىياز ئەپەندىنىڭ، چوڭراق قىلىپ ئېيتساق بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كىملىك ۋە ئۆزلىكتىكى نوپۇزىنى يەرگە ئۇرغانلىقى زادىلا دىتىمغا ياقمىدى.مۇشۇ سەۋەپلىك بۇ كىشىنىڭ بارلىق كىتاپلىرىنى ۋە ئەسەرلىرىنى، شەخسى بىلوگىنى نەچچە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ كۆرۈپ چىقتىم. خېلىلا نوپۇزلۇق بولۇپ قالغان « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دەك بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئەسەرگە بىزدىكى نوپۇزلۇق يازغۇچىلارنىڭ ۋاقتى چىقماي ئوقىمىدىمۇ ياكى بىر نەرسە دىيىشكە رايى بارمىدۇ ۋە ياكى راستىنلا بىزدىكى يازغۇچىلارنىڭ ساپاسى شۇنچىلىكمۇ بىلمىدىم، بىرمۇ كىشى تىنىپ قويماستىن بىر قانچە ئاينى ئۆتكۈزىۋەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر سانىدا ئەقىليە سۆزلەر ۋە دۇردانىلەر نۇسقىسىدا چىقىدىغان ئوتتۇرا بېتىدە بىر مۇئەللىپنىڭ « كىتاپخانلاردىكى كىتاپلىرىمىزنى توپا بېسىپ تۇرغانلىقى بۇ مىللەتنىڭ كىتاپخانلىرىنىڭ ( يەنى كىتاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ) ساپاسىزلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى....» (ئاساسىي مەزمۇنى شۇنداقراق، قۇر ، چېكىت ، ھەرىپ بويىچە ئەسلىيەلمىدىم ) توغرىسىدا بىر قىسقا ئۈزۈندىنى كۆرۇپ، مۇشۇ ئىككى قۇر خەتنى باسقان تەھرىرگىمۇ ھەقىقەتەن غەزىپىم كەلگەن ئىدى. بىراق كىچىككىنە بىر خاتالىق سەۋەپلىك ئۇنىڭ تەتۈرسىدە تۇرۇپ گەپ قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ سۈكۈت قىلغان ئىدىم.
مەن بۇ تېمىدا ئاپتورغا، ئەختەم ئۆمەر ئاكىغا ۋە زۇلپىقار بارات ئۆزباشقا،شۇنداقلا شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى بەزى تەھرىرلەرگە قارشى نۇقتىدا تۇرۇپ گەپ قىلغىنىم يوق. چۈنكى بىر ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان سەرخىل ئەسەرلەرگە ۋە سەرخىل مەزمۇنلارغا ئىگە بولغىنىدەك نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ. ئەمما بۇ يەردە مەن يۇقارقىلارغىلا ئەمەس بارلىق يازغۇچىلىرىمىزغا، قەلەمكەشلىرىمىزگە شۇنى دەپ قويماقچىمەن. مىللەت، كىملىك، ئۆزلىك، ئېتىقاد . . . دېگەندەك نازۇك مەسلىلەر سىز ۋە مېنىڭ ئائىلىمىزدىكى بالىمىزغا تەربىيە قىلغاندەك ھېسياتلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان، ھېسسى تۇيغىمىزغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدىغان، يازغان ئەسەرلىرىمىزنى مەتبۇئات باستى دەپلا مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمىلىدىغان، خالىسىڭىز ماختاپ، خالىسىڭىز تەنقىدلەيدىغان نەرسە ئەمەس، ئاۋۋال سىز قەلەم تۇتقان قولىڭىزدىكى يۈرىكىڭىزگە تۇتاشقان ئاساسىي تومۇرىڭىزنى، سىز نامىنى ئاغزىڭىزغا ئېلىپ سۆزلەۋاتقان شۇ مىللەتنىڭ يۈرىكىگە، قەلبىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇپ،شۇ مىللەتنىڭ ئۆزلىكى، كىملىكى، دىنى ئېتىقادى مەسلىلىرىدە ئۆلچەملىك بىلىملەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، دىننىي ۋە پەننى نۇقتىدىن ئۆزىڭىزنىڭ كىملىك، ئۆزلىك، ئېتىقاد، ئىمان دىگەندەك مەسلىلەردە شەرھىي سالاھىيىتىڭىز بولغاندىن كىيىن ئاندىن قەلەم تەۋرتىدىغان چوڭ مەسلىلەر قاتارىدا تۇرىدۇ. ئىچكىرىگە چىققانلار ئىچكىردىكى ئوغرى- يانچۇقچىلارنىلا كۆرۈپ ھەممە ئۇيغۇر مۇشۇنداق دەپ يازسا، چەتئەلگە چىققانلار يېرىم يالىڭاچ ئاياللار ۋە ئەرلىك،ئەركەكلىك ھەققىدە سۆز ئېچىشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدىغان . ھەممىنى ئەركىنلىك دەپ قارايدىغان كىشىلەرنى كۆرۈپ بۇ ئىدىيەنى ئۇيغۇرغا تاڭسا. ئوتتۇرا شەرققە چىققانلار ھەممىمىز سەئۇدىنىڭ ئەرەپلىرىدەك ياشىساق بولىدىكەن دەپ ئويلاپلا ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تەنقىدلىسە،مەسچىت -مەسچىتلەردە ئىسلامغا، ئېتىقادقا، ئۆرپ- ئادەتكە يات بولغان پەتىۋالارنى بەرسە، بىرسى كىچىككىنىلا ئەرەپ تىلى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىسلام تور بېكىتىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇنىڭدا مىللەتتىن،مىللەتنىڭ ئۆزلىك ۋە كىملىك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ تۇرۇپ دىن ۋە ئېتىقاد مەسلىلىرىگە مۇخالىپ پەتىۋالارنى بەرسە ،تۈركىيەگە چىققانلار نېمىشقا بىزمۇ تۈرك كاستىيۇملىرىنى كەيمەيمىز دەپ ھېسسىياتلىنىپ سۆزلىسە، كورىيەگە چىققانلار كۇڭجۇ، يۇنجۇ مەدەنىيىتىنى دەپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچلىرىنى بوياپ ، كېيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا تەشۋىق قىلسا بولدىغان مەسىلە ئەمەس.ئۆزىمىزنى بەك كۆپنى كۆرگەن، ئەقىللىق سانامدۇق، زاماندىن ھالقىپ تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتقان كاللىمىزنىڭ ھالقىش بوسۇغۇسىغا شۇنى يوغان قىلىپ ئويۇپ قويايلىكى بىز يازغان ئەسەرلەرنىڭ كىتاپخانىدا توپا بېسىپ تۇرشى ھەرگىزمۇ خەلقىمىزنىڭ كىتاپ سۆيمەيدىغان،ساپاسىز مىللەت ئەمەس بەلكى ھەقىقىي ئېسىل ئەسەرلەر بىلەن ئەخلەت ئەسەرلەرنى(بىر ئۇستاز ماڭا ماتېرىيالنىڭ ناچىرى يوق. چوقۇم ساقلاپ قويۇش كىرەك دىگەن ئىدى.بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنىغا قارتىلغان سۆز ئەمەس، ئىشلىتىشچانلىقىغا قارتىلغان سۆز.)ئايرىيالايدىغان كىتاپخۇمار مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىر جىسىمغا كۆز قايسى نۇقتىدىن قارىسا ئەلۋەتتە شۇ تەرىپىنى كۆرىدۇ. ئۆزىڭىز مىللەتكە بىرلا نۇقتىدىن قارىۋالماستىن باشقا يەنە بىر قانچە نۇقتىغا يۆتكىلىپ تۇرۇپ قاراپ ئاندىن ئەسەرلىرىڭىزدە مىللەتكە تىل تەككۈزۈش ياكى ئۇلارغا تەنبىھ بىرىش، مىللەتنى تەرىپلەش ياكى چۆكۈرۈش ھەققىدىكى مەسلىلەرگە قەلەم تەۋرەتكىنىڭىز ياخشى. چۈنكى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئىچىدە سىزدەك بىر ئاپتورغا توغرا باھا بېرەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەر بولغاچقا، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ زوق ئالالمىغاچقا، ئۆزىنىڭ گېلىدىن، تۇرمۇشىدىن ، ئۇچىسىدىن تېجەپ ئاشىنغان ئازغىنا پۇلىغا ئەڭ ياخشى مەزمۇندىكى كىتاپنى سېتىۋېلىشنى ئويلىغاچقا سىز ۋە بىزدەك قەلەم ئىگىلىرى يازغان كىتاپ ۋە ئەسەرلەر كىتاپخانىدا توپا بېسىپ تۇرىدۇ. خىيالىمىزچە ئىككى قۇر دۇردانە، بىر كىتاپ ۋە بىر قانچە تۈردىكى تەتقىقات تېمىمىز بىلەنلا مىللەتكە باھا بېرىش ھوقۇقۇم بار دەپ قارامدۇق. سىزدەك،بىزدەك ھەتتە بىزدىنمۇ كۆپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىندىغان نې، نې مويسىپىتلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئېھتىيات بىلەن قەلەم تەۋرىتىدىغانلىقىنى ئويلاپراق ئاندىن مىللىي كىملىك، ئۆزلىك، مىللەت، ئاڭ ، ئېتىقاد ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشىڭىزنى سەمىمىي تەۋىسىيە قىلىمەن.
2005-2007- يىللىرى بىلىك كۇلۇبىدا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدىكى بىر ماتېرىيالنى يوللىغان ئىدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلخېتىمگە
قۇتغۇر ئوسمان نامىدىكى ئېلخەتتىن بىر ماتېرىيال ۋە قىسقىغىنە بىر پارچە خەت كەلدى. ماتېرىيالنى چۈشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن مۇئەللىپنىڭ ماڭا يوللاپ بەرگەن ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈم بۇ ھەقتە ھەقىقەتەنمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، بىر نەرسىنى كىچىككىنىلا بىلىۋېلىپ، بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئىزدەنمەستىن ماقالە يوللىغانلىقىمدىن كۆپ ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى ماڭا كەلگەن ماتېرىيالدا قاراخانىيلار خانلىقى ۋە خانلىقنىڭ قۇرۇلغان ، يىمىرىلگەن يىل ناملىرى ھەققىدە 30 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان قاراشنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تارىخىي ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلغاندا ناھايىتى ئىنچىكە بولمىسا خاتالىق چىقىپ قالدىغانلىقى ھەققىدە ئەسكەرتىلگەن ۋە ماتېرىيال ناھايىتى ئورۇنلۇق، تەرتىپلىك ئىزاھلانغان ئىدى. شۇندىن كېيىن مىللەت، تارىخ، ئېتىقاد، كىملىك، ئۆزلىك ھەققىدە سۆز قىلغاندا چوقۇم چوڭقۇر ئىزدىنىش، مىللەتنىڭ سىرتقى ھالىتىگە، بىر ئىككى ماتېرىيالدا تەسۋىرلەنگەن سۆزلەرگە قاراپ ئەمەس ھەقىقىي ئىچكى ماھىيەتلىك مەسلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندىن كىيىن ئاندىن تىما يوللاش ھەققىدە ئۆزۇمنى ئىزچىل ئەسكەرتىپ كەلدىم. ئەمەلىيەتتە مەن شۇ قېتىم يوللىغان تارىخى ماتېرىيال بىزدىكى خېلى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىزدە بار ماتېرىياللىرىنى تەپسىلى كۆرۇپ، ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن يېزىلغان بولسىمۇ يەنىلا بىلىمسىزلىكىمدىن چوڭ بىر خاتالىققا يول قويغان ئىدىم.
ئاخىرىدا مەن يۇقاردا تېلغا ئالغان «ئۇيغۇرلاردا ئەرلەر يارماس . . .» ئەسىرىنى يازغان ئاپتورىمىزنىڭ، ئەرەپ تىلىنى بىلگەنلىكى ۋە ئەرەپ مەدەنىيىتىگە قىززىققانلىقى سەۋەپلىك بىزنىڭ يىگىتلىرىمىزگە تىل سىلىشقا پېتىنغان شۇ ئەرەپلەرنىڭ قانچىلىك مەدەنىيىتى ۋە قانچىلىك ئەرلىك غورۇرى بارلىقى ھەققىدە بىرلا تەرەپتىن ئەمەس كۆپراق تەرەپتىن ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇزۇن مەزگىللىك تاشقى سودا ۋە ئوتتۇرا شەرىقلىق تىجارەتچىلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ھېس قىلىشىمچە ئۇلارنىڭ بىزدىن ئېشىپ كەتكۈدەك ھېچ بىر ئارتۇقچلىقىنى كۆرمىدىم.ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇچراتقان ئەرەپلەردىنمۇ، پاكىستانلىقلاردىنمۇ ھېچ بىر ئۇيغۇردىن ئارتۇق مەدەنىيەت كۆرمىدىم. مەن سىزنىڭ مۇشۇ تېمىڭىزنى pdf قىلىپ چىقارغان جۇرئىتىڭىزگە ئاللاھ ئۆمرۈمنى بەرسە ۋە ئاللاھ خالىسا بىر ئەسەر يېزىپ چىقىمەن. سىز بەتچىۋاز پاتانلار، نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بىر قانچە ئەرەپ سودىگەرلىرى (ئاللاھىم، سېنىڭ ياراتقانلىرىڭىنى ھاياسىز سۆزلەر بىلەن تەرىپلەش ھەددىم ئەمەس ئىدى. ئۆزۈڭ كەچۈرگىن. )نىڭ كۆزى بىلەنلا ئۇيغۇرغا باھا بەرگۈدەك ۋە ئۇيغۇرنىڭ كىملىك، مىللىي غورۇر، ئۇيغۇر ئاياللىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تىلىڭىزغا ئالغۇدەك سالاھىيەتكە (ئەسىرىڭىزدىن قارغاندا ) ئىگە ئەمەس، ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇرنىڭ كىملىك غورۇرى، ئۆزلىك ئېڭى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قانداقلىقى سىزنىڭ كۆزىڭىز بىلەن ئەمەس، تارىخنىڭ، پۈتۈن ئەلنىڭ ھەممە تەرەپتىن كۆزتەلەيدىغان كۆز بىلەن باھا بېرىلىدىغان چوڭ - چوڭ مەسلىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىڭىزنى.ھەرگىزمۇ ساۋاقدىشىڭىزغا، دوستىڭىزغا، ئاكىڭىز، ئېنڭىزنىڭ كىملىكى، غورۇرى، ۋىجدانىغا باھا بەرگەندەك يەڭگىلتەكلىك بىلەن باھا بەرمەسلىكىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمەن.
ئاخىرىدا سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنىڭ باش ۋە ئاخىرىنى كۆرۇش جەريانىدا ئىسمىڭىزنى ئۇچرىتالمىدىم. ئەسەر يازغاندا ھېچ بولمىسا تەخەللۇسىڭىزنى بولسىمۇ ئەسكەرتىپ قويىشىڭىزنى سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن : مۇختار روزى (نىقاپ)
شەخسى بىلوگ بېكىتىم :
www.xmrit.com مۇختار روزى تورى
ئىسلامىي بېكىتىم :
http://www.etiqad.com ئېتىقاد ئىسلام تورى
تور چاقۇرغام : 371716097
ئېلخەت ئادرىسىم :iegrup@yahoo.com
بۇ ئىككى تېما روھلان مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، روھلان مۇنبىرىدىكى مۇنبەرداشلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يازمىغا بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى ، ئىنكاسلارنى تەپسىلىي يوللاشقا ئىمكان بولمىدى . تەپسىلاتىنى توۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ :
http://www.rohlan.biz/thread-10887-1-1.html