ھېكايە
لىن تېتې
مەن لې شىن بىلەن تونۇشقاندا، ئۇنىڭ راك كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ئىكەن. ئۇ ماڭا:
— مەن ھايات بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرغان بەختسىز ئايال، يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، تەلەيلىك ئايالمەن. چۈنكى، قاچان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. ھازىر ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنىم بالىلىرىم بىلەن قانداق خوشلىشىش، – دېگەنىدى.
ئۇ قوشكېزەك قىزنىڭ ئانىسى ئىدى. ئەپسۇس، قىزلار ئانىسىنىڭ پەرىشان كۆڭلىنى چۈشىنەلمەيتتى، چۈنكى ئۇلار ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەنىدى.
لې شىن قىزلىرىغا مۇنداق چۈشەندۈردى:
— مەن ھازىر بىر خىل مىكروب بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىمەن، ئەگەر ئۇلارنى يېڭەلىسەم، سىلەرگە داۋاملىق ئانا بولىمەن، مۇبادا يېڭىلىپ قالسام جەننەتكە كېتىپ پەرىشتە بولىمەن.
ئىككى قىز قولىنىڭ بارماقلىرىنى شورىغاچ سورىدى:
— ئانا، ھېلىقى پىنۇسونى قۇتۇلدۇرغان پەرىشتىدەكمۇ؟
—شۇنداق، – دېدى ئانا.
قىزلار چۇرقىرىشىپ كەتتى:
—ياق ئانا، بىزگە داۋاملىق ئانا بولۇشىڭىزنى خالايمىز، پەرىشتە بولۇشىڭىزنى خالىمايمىز.
ئانا يىغلىۋەتتى.
—ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىپادەڭلار ياخشى بولسا، –دېدى ئانا، مەن جەننەتتىن قايتىپ كېلىمەن، بىراق ئۇ چاغدا باشقا ئايالنىڭ سىياقىدا پەيدا بولۇشۇم مۇمكىن. ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە داداڭلار ئۆيىمىزگە ناتونۇش ئانىنى باشلاپ كىرىپ سىلەرنى ئۇنى ‹‹ئانا›› دەپ چاقىرىشقا دەۋەت قىلسا، چوقۇم شۇنداق قىلىڭلار! ئۇ دەل مېنىڭ قايتىپ كەلگىنىم. شۇ چاغدا سىلەر تونۇمىغاندەك تۇرۇۋالساڭلار بولمايدۇ جۇمۇ؟
سەبىيلەر باشلىرىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈشتى. ئۇلار ئانىسىنىڭ چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، شۇڭا بارماقلىرىنى شورىغىنىچە تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىشتى.
ئانىنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپقاندەك بولسىمۇ يەنىلا ئېغىر خۇرسىندى.
لې شىن ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، ئۇ كېتىش ئالدىدا ئازابلانمىدى، قىزلارمۇ ئۇنى پەرىشتە بولغىلى كەتتى، دەپ ئويلىدى.