كېرىيە ئويتوغراق يېزا بازىرىدا-سۈرەت(1)
3-يانۋار سەيشەنبە ،كېرىيەدە ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى.بۇ كۈنى مەن ناھىيەمىزنىڭ ئويتوغراق يېزىسىدا سەيشەنبە بازار ئىكەنلىكىنى ،يېڭى بازارنىڭ تىيەنجىن شەھىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ياسالغانلىقىنى،بازارنىڭ بەك قىززىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ چۈشتىن بۇرۇن 9يېرىمدا 30كىلومېتىردەك يول يۈرۈپ يىتىپ كەلدىم.كېلىپ قارىسام بازار راستىنلا كەڭ ۋە چوڭ سېلىنىپتۇ.بازار ئىچى تىجارەت تۈرىگە ئاساسەن ئايرىلغان بولۇپ بۇنىڭدىن ئامما ۋە تىجارەتچىلەر بەكمۇ رازى بوپتۇ.مەن بازار ئارىلىغاچ رەسىم تارتىپ يۈرۈپ بىردەمدە چۈش بولغانلىقىنى،قورسىقىمنىڭ ئېچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.ئالدىمغا قارىسام بىر تونۇردىن ئەمدىلا پىشقان گۆشگىردىنى ئۇستام قومۇرغىلى تۇرۇپتۇ.بىرنەچچە دېھقان بۇ گۆشگىردىلەرنى قېنىق چاي بىلەن تازا ئىشتىھا بىلەن يەۋېتىپتۇ.بۇنى كۆرۈپ ئاغزىمغا سېرىق سۇ كەلدى،شۇنىڭ بىلەن فوتو ئاپاراتىمنى يېنىمغا قويۇپ مەنمۇ گۆشگىردىدىن بىرنى يىدىم.گۆشگىردە راستىنلا بەك يىيىشلىك بولۇپ ئۇستامغا بەرگەن 5يۈەندىن بەكلا رازى بولدۇم.چۈش سائەت 3لەردە بازار ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.بازار تېخىمۇ قىزىپ كەتتى.مۆلچەرىمدە بۇ كۈنى 10مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كەلگەن ئىدى.گىلەم بازىرىدا بىر بوۋاي ئۇچراپ قالدى،سالاملاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم،بوۋاينىڭ ئۆيى بازاردىن 5كىلومېتىر نېرىدا بولۇپ بۇيىل 70 ياشقا كىرىپتۇ.ھەر سەيشەنبە كۈنى بازار بولغاچقابوۋاي ئۆيدە زېرىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن 3يۈەن كىرا خەجلەپ بازارغا كىلىدىكەن. ئۇ بازاردىن بىرنەرسە سېتىۋالمايدىكەن.ئەمما بىركۈن بازار ئارىلاپ ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ ،تونۇشلار ئۇچرىسا پاراڭلىشىپ ،ناماز ۋاقتى كەلسە يول بويىدىكى تۈز يەردە نامىزىنى ئوقۇپ،كۆڭلىنى خۇش قىلىدىكەن.ئامراق يىمىلىكلەرنى سېتىۋېلىپ يەيدىكەن.كەچ بولغاندا خۇشال ھالدا يەنە 3يۈەن كىرا خەجلەپ ئۆيىگە بېرىۋالىدىكەن.ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ بازار نىيە ناھىيە يۆنىلىشىدە بولغاچقا نىيە ناھىيەسىدىنمۇ تىجارەتچى ۋە ئامما كېلىدىكەن.بىزنىڭ پارىڭىمىز تۈگىگەندە بوۋاي مەن بىلەن قىزغىن خوشلاشتى.مەنمۇ سائەتكە قارىسام 4بولغىلى ئاز قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ماشىنامنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدىم.يولدا كېتىۋېتىپ بوۋاينىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئاز-تولا بىرنەرسە ئۆگۈنىۋالغاندەك بولدۇم.بۇ كۈنى تارتقان بۇ سۈرەتلەرنى تورداشلار كۆرسۇن دەپ يوللىدىم.
