زورەم ياسىن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلىدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، پىروفىسسور زورەم ياسىننىڭ «كېرىيەگە مۇھەببەت» ناملىق ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 30-دېكابىر چۈشتىن كېيىن جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا ئېچىلىدى.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە بېيجىڭدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ 500 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ كۆرۈنىشى
