كۆرۈش: 9129|ئىنكاس: 4

‹‹غۇلجا›› دېگەن يەر نامى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5571
تۆھپە
2457
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 10:33:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹غۇلجا›› دېگەن يەر نامى توغرىسىدا


سۇلتان مامۇت ئىبراھىم


   غۇلجا — شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بىر شەھەرنىڭ نامى، شۇنداقلا يەنە بۇرۇنقى جېلىليۈزىمۇ ھازىر غۇلجا ناھىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.
   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن تارتىپ، ‹‹غۇلجا›› دېگەن يەر نامى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلىنغان قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلەن پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ئاپتورلۇقىدىكى ‹‹شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى›› (1) دېگەن كىتابنىڭ 121-، 122-بەتلىرىدە ئاپتورلار ‹‹غۇلجا›› دېگەن يەر نامى ‹‹ئەسلىي 12 غول (ئېقىن) نىڭ نامى›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قاراشتىن ‹‹غۇلجا›› دېگەن يەر نامىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى ‹‹غۇلجا›› ئەمەس، بەلكى ‹‹غولجا›› دېگەن مەنا چىقىدۇ. ئاندىن باشقىلار تەرىپىدىن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك قاراشلار كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن: بىرىنچى، ‹‹غۇلجا›› دېگەن يەر نامى موڭغۇللارنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى پائالىيەتلىرى ھەم ‹‹ئالتۇن سۈمە›› (ئالتۇن قۇببىلىق ئىبادەتخانا)نىڭ موڭغۇلچە ئاتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن قاراش. ئىككىنچى، ‹‹غۇلجا›› دېگەن يەر نامى ‹‹تاغ قوشقىرى›› دېگەنلىك بولىدۇ، دېگەن قاراش. ئۈچىنچى، غۇلجا ئەتراپىدا بۆلۈكەي، جىرغىلاڭ، پىلىچى قاتارلىق 12 غول بولغانلىقى ئۈچۈن ‹‹غولجاي›› دەپ ئاتالغان، كېيىن بۇ نام ‹‹غۇلجا››غا ئۆزگەرگەن، دېگەن قاراش. تۆتىنچى، ‹‹جىرغىلاڭ غول›› ئىلگىرى ‹‹غۇلجا››، ‹‹پىلىچى›› بولسا ‹‹بولجا›› دەپ ئاتالغان. بۇ ناملار دەريا-غول ئىسىملىرىدىن ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراش.
   بۇ يەر نامىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹ئېقىن›› مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ‹‹غول››غا مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراشنى ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدۇ. دەرۋەقە، بەزى پاكىتلارمۇ ‹‹غۇلجا›› دېگەن بۇ يەر نامىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزىنىڭ ‹‹غولجا›› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. ‹‹غۇلجا›› دېگەن بۇ يەر نامى ‹‹غول›› بىلەن ‹‹جا›› دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپقان. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلىنغان غوپۇر غۇلام ئاپتورلۇقىدىكى ‹‹ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈكى›› دېگەن كىتابنىڭ 182-بېتىدە ‹‹غول›› دېگەن سۆزنىڭ بىر قانچە مەنىسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ‹‹دەريا، ئۆستەڭ، ئېقىن›› دېگەن مەنىنى بېرىدىغانلىقى، شۇڭا، خەلق ئىچىدە ‹‹ئۇلۇغ-ئۇلۇغ سۇنى كەشتىم، يەنە بارمۇ غول›› دېگەندەك قوشاق پارچىلىرى ساقلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مانا بۇ قوشاق پارچىسىنىڭمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ‹‹غول›› دېگەن سۆزنى دەريا، ئۆستەڭ، ئېقىن دېگەن مەنىدە ئىشلەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1992-يىل 12-ئايدا نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› دېگەن كىتابنىڭ 3-قىسىم 900-بېتىدىمۇ ‹‹غول›› دېگەن سۆزنىڭ بىر قانچە مەنىسى بېرىلگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا ئۇنىڭ ‹‹سۇ يولى›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمدى ‹‹غۇلجا›› (غولجا) سۆزىدىكى ‹‹جا›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1991-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› دېگەن كىتابنىڭ 2-قىسىم 504-بېتىدە ‹‹ئورۇن، جاي، ماكان›› دەپ ئىزاھلىغان. دېمەك، ‹‹غولجا›› دىكى ‹‹غول››، ‹‹جا›› دېگەن سۆزلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىسىدىن قارىغاندا، ھازىر ‹‹غۇلجا›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان بۇ يەر نامىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزىنىڭ ‹‹غولجا›› ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەنىسىنىڭ ‹‹ئېقىن — سۇ يولى ئورنى›› ياكى ‹‹ئېقىن — سۇ يولى ماكانى›› دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. دېمىسىمۇ، بۇ جايدا يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك ‹‹جىرغىلاڭ››، ‹‹پىلىچى›› قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق غول-ئېقىننىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلى دەرياسىنىڭمۇ بۇ شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغانلىقى قاتارلىق جۇغراپىيەلىك مۇھىتلارمۇ ‹‹غۇلجا›› (غولجا) دېگەن يەر نامىنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىسىنى قايىل قىلارلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز بۇ جايغا ماكانلاشقاندا، بۇ جاينىڭ ئەينى دەۋردىكى ئەنە شۇنداق جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ئۇنىڭغا ‹‹غۇلجا›› دەپ نام بەرگەن.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
   1. قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن: ‹‹شىنجاڭدىكى يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى›› (1)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001–يىل 1–ئاي نەشرى
   2. غوپۇر غۇلام: ‹‹ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈكى››، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986–يىل 1–ئاي نەشرى
   3. كوللېكتىپ تۈزگەن: ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991–يىل 11–ئاي نەشرى
   4. كوللېكتىپ تۈزگەن: ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1992–يىل 12–ئاي نەشرى
   5. مۇناسىۋەتلىك ژۇرناللار

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 10:47:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ماتېريالكەن.


سەكرا

Rank: 8Rank: 8

تىللا
4550
تۆھپە
498
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 11:55:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزنىڭ يەر ناملىرى تولىمۇ ياخشى قويۇلغان ، لېكىن بۇ ناملار بىزگە پەقەت ئېغىز ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ، تارىخىي يازما خاتىرىلەر تولىمۇ كەمچىل .


تەتقىتنى قوبۇل قىلغانلىق ، ئالغا باسقانلىق .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1193
تۆھپە
700
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 13:07:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇپتۇ، بىلىپ قويساق ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
697
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 00:47:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجا شەھرىنىڭ ھازىرقى نۇپۇسى 500مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇشى مۇمكىن،،غۇلجا شەھرى  ۋە شەھەرگە قاراشلىق تۇۋەندىكى يىزىلاردىن تەركىپ تاپقان
1-خەنبىڭ يىزىسى
2-تاشكۇۋرۇك يىزىسى
3-تۇغراق يىزىسى
4-يىڭىيەر يىزىسى
5-دادامتۇ يىزىسى
6-پەنجىم يىزىسى
7-قارا دۇڭ يىزىسى
8-بايانداي بازىرى(بۇرۇن يىزا ئىدى)


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 15:38, Processed in 0.072291 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991