كۆرۈش: 17306|ئىنكاس: 14

كۆمەچ رىۋايىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6185
تۆھپە
2819
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 10:17:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆمەچ رىۋايىتى


ئابدۇرېھىم ئەشرەپ


01380543nt66306gnigh0r.jpg


    رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كۆپ زامان ئىلگىرى خوتەن دىيارىنىڭ چەت ياقىسىدا بىر بەگلىك ئۆتكەن ئىكەن. بۇ بەگلىكنىڭ بېگى يۇرتنى ناھايىتى ئادىل سورايدىكەن. شۇڭا بۇ يۇرتتىكىلەر باياشات، خۇشال - خۇرام، خاتىرجەم ياشايدىكەن. بۇ يۇرتتا گۈلخان ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىكەن. ئۇ بەگنىڭ ئادىل، خەلقپەرۋەرلىكىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، بىر كۈنى 40 چارەك ئۇندا خېمىر، 40 قوينىڭ گۆشىدە قىيما تەييارلاپ، 40 كۈن ھەپىلىشىپ بىر كۆمەچ پىشۇرۇپتۇ - دە، ئۇنى بەگكە تارتۇقلاش ئۈچۈن، 40 ئاتقا ئارتىپ بەگنىڭ قورۇسى ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. بىراق، كۆمەچ بەگنىڭ دەرۋازىسىدىن پاتماپتۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەگ كۆمەچنى دەرۋازا ئالدىدىلا ئاۋامغا تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. كۆمەچنى يېگەنلەر كۈچ - قۇدرەتكە تولۇپتۇ - دە، يۇرتنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق ۋە باشقا ئىشلىرى تېخىمۇ يۈرۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆمەچنىڭ داڭقى چىقىپ، ھېلىغىچە خوتەن خەلقى ئەتىۋارلاپ يەيدىغان تائامغا ئايلىنىپتۇ.

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1240
تۆھپە
987
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 10:50:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىنى تازىمۇ يىگۈم كەلدى دېسە...................


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
743
تۆھپە
456
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 11:43:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامال ئەپەندى ئىلىدا كۇمەچنى سامسا دەمدۇ


Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
5
UID
2746
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:17:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1403
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:52:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆمەچ دېگەننى خوتەندە يېسە بولامدۇ نېمە ؟
ئۈرۈمچىدىكى كۆمەچلەرنىڭ تەمى يوق ، گۆشىمۇ ياخشى ئەمەس .


Rank: 4

ئىسىمى
تۆمۈر قادىرى
تىللا
407
تۆھپە
138
UID
379
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 14:13:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يوللىغان تېمىڭىزدىكى رىۋايەت  سەل كەمتۈك بولۇپ قاپتۇ. بۇ،  چىرا ناھىيەسىنىڭ  شەرقىدىكى ئاشلىق كانى ___ گۇلاخما يېزىسىنىڭ  نامىدىكى « گۇلاخما» دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان   « گۇلاخما رىۋايىتى»دۇر. يوللىغان تېمىنى « چىرا خەلق چۆچەكلىرى» توپلىمى ۋە « بۇلاق » ژۇرنىلىدىكى « گۇلاخما رىۋايىتى» بىلەن  بىر سېلىشتۇرۇۋېتىپ، مەزمۇنىنى تولۇقلاپ قويغان بولسىڭىز.


QQ : 1196015800 ؛    Tel: 18999651544
مائارىپچىلار  مۇنبىرىگە مەرھەمەت!
http://www. maaripqilar.com
http://www. maaripchilar.com

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1291
تۆھپە
794
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 15:40:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىنى كۆمەچ دەمدا؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   harsan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-30 15:40  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1286
تۆھپە
870
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 16:45:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېلىقى كولۇمبونىڭ «پىشسا» قاتلىمىسى ئەمەستۇ ھە!؟


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2507
تۆھپە
893
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 17:40:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماياققا ئىككىنى سۇنىۋىتىڭلار. يېگەچ پاراڭلىشايلى. قورساق ئاچ، مۇشۇنچىلىك ئىنكاس يازغىلى بولىدىكەن.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 18:07:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:32, Processed in 0.083671 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991