ھەممىسى ئوخشاش
(تەرجىمە ھېكايە)
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
كەچ كۈز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، داۋىد ئىتىنى يېتىلەپ سەيلە قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى مېيىت يۆتكەش ھارۋىسىنى كۆرۈپ قالدى، ھارۋا ئاستا-ئاستا كېتىۋاتقان بولۇپ، كەينىدە ئىت يېتىلىۋالغان، چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر، ئۇنىڭ كەينىدە بولسا 200 گە يېقىن ئادەم ئۈن-تىنسىز كېتىۋاتاتتى.
داۋىد قىزىققان ھالدا ھېلىقى ئەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن:
ـــ كەچۈرۈڭ، سىزنى پاراكەندە قىلدىم. بىرىنچى مېيىت ساندۇقىدىكى كىم بولىدۇ؟
ـــ ئايالىم بولىدۇ، ـــ دەپ جاۋاب بەردى ئوتتۇرا ياشلىق ئەر.
ـــ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ، ـــ دېدى داۋىد، ئەر قارىماققا 40 ياشلار چامىسىدا بولغاچقا، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇ يەنە قىزىقسىنىپ سورىدى، ـــ ھە راست، ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولغان؟
ـــ ئۆيىمىزدىكى ئىت ئۇنى چىشلىۋالغاچقا ئۇ مۇشۇنداق كېتىپ قالدى، ـــ دېدى ئەر.
ـــ ھە، مۇنداق دەڭ. ئۇنداقتا ئىككىنچى مېيىت ساندۇقىدىكى نېمىڭىز بولىدۇ؟ ـــ يەنە سورىدى داۋىد.
ـــ قېيىنئانام بولىدۇ، ئۇنىمۇ ئىت چىشلىۋالغاچقا ئۆلۈپ قالدى، ـــ دەپ جاۋاب بەردى ئەر.
ـــ ئىتىڭىزنى ماڭا بېرىپ تۇرارسىزمۇ؟ ـــ دېدى داۋىد تولا ۋالاقشىپ بېشىنى ئاغرىتىدىغان خوتۇنى بىلەن كوت-كوت قېيىنانىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ.
ئوتتۇرا ياشلىق ئەر كەينىدىكى سەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ـــ ئۇنداق بولسا ئۆچىرەتتە تۇرۇڭ.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى