كۆرۈش: 8806|ئىنكاس: 9

ئايال موزدۇز ھەققىدە ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 13:00:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايال موزدۇز ھەققىدە ھېكايە
   


پۇرقەت مۇھەممەد تۇرسۇن


    ‹‹سىز ئايال كىشى تۇرۇپ، ھەجەپ ئەرلەرگە خاس كەسىپنى تاللاپسىزغۇ؟›› دېگەن بۇ سوئال بېشىدىن تالاي ئىسسىق – سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن، موزدۇزلۇق بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان پاتىگۈل مۇھەممەد ئۈچۈن يېڭى سوئال ئەمەس ئىدى. مەيلى ئايىغىنى ياماتقىلى كەلگەن خېرىدارلار بولسۇن ياكى بىللە تىجارەت قىلىدىغان ھەمراھلىرى بولسۇن ۋە ياكى قىزىقىش بىلەن ئالاھىدە كېلىپ سورىغانلار بولسۇن، ئاساسەن مۇشۇ سوئالنى سورايتتى. پاتىگۈل مۇھەممەدنىڭ بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلايلى:
    پاتىگۈل مۇھەممەد مەكىت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئائىلە شارائىتىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن مەكتەپتە ئوقۇيالمىدى. كېيىن ئۇ نەۋرە ئاكىسى بىلەن توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولدى، تۇرمۇشتا كېلىشەلمەي توققۇز يىلدىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتتى. بۇ دەل 2003 – يىلى بولۇپ، ئۇ شۇ يىلى ئۈرۈمچىگە چىقىپ، ئىش ئىزدەپ، باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئاخىرى بىر ئاشخانىنى تېپىپ ئىشلىدى. لېكىن، ئۇ ئاشخانىنىڭ ئىش تەرتىپىگە كۆنەلمەي بۇ يەردىمۇ ئۇزاق ئىشلىيەلمىدى. پاتىگۈل ئەنە شۇنداق تەمتىرەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈرۈمچى ياشلار باغچىسى ئەتراپىدا موزدۇزلىق قىلىدىغان مەھمۇد ئىسىملىك بىر ياش بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئۇلار بىر مەزگىل ئارىلىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئاددىيلا توي قىلدى. تويدىن كېيىن مەھمۇد بىلەن پاتىگۈل مەسلىھەتلىشىپ، مەھمۇد موزدۇزلۇقىنى قىلىدىغان، پاتىگۈل گازىر ساتىدىغان بولدى. ئۇلار بىر بىنانىڭ ئەرزان ئىجارىلىك يەر ئاستى ئۆيىدە ئولتۇراتتى. پاتىگۈل توكى، سۈيى يوق يەر ئاستى ئۆيدە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ئۇ بىر ئائىلە ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى بىر – بىرىنى چۈشىنىش، كۆيۈنۈش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.
    مەھمۇد بىلەن پاتىگۈل ھەش – پەش دېگۈچە بىر بالىلىق بولدى، بۇ بالا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە زور خۇشاللىق ئاتا قىلدى. كېيىنچە مەھمۇد مۇزدۇزلۇقىنى قىلىۋەرگەن بولسىمۇ، يېڭىلا تۇغۇتتىن قوپقان پاتىگۈلنىڭ بىر بالىنى كۆتۈرۈپ، كوچا – كويلاردا گازىر سېتىپ يۈرىشى ئەپسىز ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەر – ئايال ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ پاتىگۈل ئۆيىگە يېقىن بىر ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان بولدى. ‹‹يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكۈچە بۇرنى قاناپتۇ›› دېگەندەك، ئەمدىلا تۇرمۇشىنى بىر ئىزىغا چۈشۈرۈۋالغان پاتىگۈلگە قارا قىسمەت يەنە قول ئۇزاتتى.
    2009 – يىلى يېڭى يىل ھارپىسى كەچتە پاتىگۈل تۇيۇقسىز قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئۇنىڭغا پۇت سۆڭىكى سۇنغان، قورساق داس سۆڭەك يېرىلغان، دەپ دىياگنوز قويۇپ، تېزدىن ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغانلىقى، ئوپېراتسىيە ھەققى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن تەييارلاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇ ئائىلىگە 10 مىڭ يۈەن ھەقىقەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ پۇل قەرز ئېلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن ئېرى مەھمۇدنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن پاتىگۈل ئاخىرى دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل يېتىپ تېڭىق ئارقىلىق داۋالىنىپلا قايتىپ چىقتى.
    بۇ ئائىلە ئەمدى مەھمۇدنىڭ موزدۇزلۇق ھۈنىرىگىلا قاراشلىق بولۇپ قالدى. ئارىدىن بەش، ئالتە ئاي ئۆتتى، پاتىگۈلنىڭ سالامەتلىكى ئاستا – ئاستا ياخشىلىنىپ قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ ماڭالىغۇدەك بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمدى بۇنداق بىكار ياتسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئېرىگە ئازراق بولسىمۇ ياردەملىشىپ بېرىش مەقسىتىدە موزدۇزلۇقنى ئۆگەندى. شۇ جەرياندا ئۇ ئېرىدىن موزدۇزلۇقنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، مۇستەقىل موزدۇزلۇق قىلالىغۇدەك بولدى. مەھمۇدمۇ دۇكاننى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى. پاتىگۈل سەللىمازا ساقىيىپ ھاسا تاياقنى تاشلىغاندىن كېيىن، مەھمۇد شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدىن پاتىگۈلگە ئايرىم دۇكان ئېچىپ بەردى. موزدۇزلۇق بۇرۇندىن تارتىپ ئەرلەرگە خاس كەسىپ بولغاچقا، ئاياللارنىڭ ئاياغ تىكىش ماشىنىسى ئالدىدا ئولتۇرۇشى ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمايتتى، ئەلۋەتتە.
    — تۇنجى خېرىدارىم بىر ئايال كىشى بولدى. ئۇ موزدۇزلۇق قىلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغان بولسا كېرەك، باشتا ئايىغىنى بۇزۇپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرىگەندەك قىلدى، لېكىن مەن ئاياغنى ياخشى ياماپ ئۇ ئايالنى رازى قىلدىم. شۇ كۈنى مەن تۇنجى قېتىم مۇستەقىل ئىش قىلغانلىقىمدىن خۇشال ئىدىم، – دېدى پاتىگۈل.
    — ئەر – ئايال ئىككىڭلار قانچىلىك كىرىم قىلىسىلەر؟
    — ئېرىم ھازىر يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەۋاتىدۇ، مەن تىجارىتىم ياخشى بولغان كۈنلىرى 40، 50 يۈەن تاپىمەن. ھەممىنى قوشقاندا بىر يىلدا چىقىمدىن ئايرىلىپ 5000 يۈەن ئەتراپىدا ئېشىنالايدىكەنمىز. بۇنى كۆپ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ياخشى دېيىشكە بولىدۇ.
    — بۇ كەسىپنى ياخشى كۆرەمسىز؟
    — مەن ھازىر بۇ كەسىپنى ياقتۇرۇپ قالدىم. كېيىنچە شارائىت يار بەرسە بۇ كەسىپنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئويۇم بار.
    پاتىگۈل ماڭا ئۆزىنىڭ موزدۇزلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاياغ بېزەشنى ئاساس قىلغان دۇكان ئېچىش ئويىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا، كۆزلىرىدىن ئاشۇ ئۇلۇغۋار پىلانىغا بولغان ئۈمىد غىل – پال چاقنىغاندەك بولدى.
    مۇخبىرنىڭ تەسىراتى: تۇرمۇش ئادەمنى سىنايدۇ ھەم ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ. مەن پاتىگۈلنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، ئۇنىڭ شۇنداق ئېغىر قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ قىلچە چۈشكۈنلەشمەي، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار قاراپ، تىرىشىپ – تىرمىشىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى مېنى چەكسىز سۆيۈندۈرسە، جەمئىيىتىمىزدىكى ھاياتىنى، ۋاقىتنى قەدىرلىمەي، ياشلىقىنى نادانلىق ئاپتاپلىرىغا قاقلاپ خورۇتۇۋاتقان ياشلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كېلىپ، ئۇلارنى ئاشۇ موزدۇز ئايال بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالدىم. مۇبادا ئاشۇ ياشلىرىمىزمۇ تۇرمۇشقا باھادىرلارچە جەڭ ئېلان قىلالىغان بولسا، ئۇ چاغدا تۈمەنلىگەن كۆزلەر ئۇلار ئۈچۈن كۈلگەن، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىغان بولار ئىدى، ئەلۋەتتە!



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 13:02:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق غەيرەتلىك ئاياللىرىمىزغا ئاپىرىن.


سەكرا

Rank: 4

تىللا
490
تۆھپە
95
UID
908
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 13:39:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنچىلىك ئىرادە بەزى ئەرلەردىمۇ يوق،يەنە كىلىپ بۇ ھەدىمىز مىللىتىمىز ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ساقلىنىۋاتقان ناچار قاراشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن غۇلاپ چىقىپتۇ.بارىكاللا،بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە بەخىت تىلەيمەن.


ئىغىزىداپىل تەۋرەتكەندىن ئەمىلىيتىدە  قىل تەۋرەتكەن ئەۋزەلدۇر

Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 13:40:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ بىر قارارغا كەلمىكى بەسى مۈشكۈل ،ئەگەر ئۇلار شۇنداق بىر نىيەتكە كەلدىمۇ بولدى- ئەرلەردىن زۇر ئۇتۇق -نەتىنجىلەرگە ئىرىشىدۇ. دەپ يازغان مەن ھىكمەت خاتىرلىرىمگە
مۇشۇ بىرقىسىم پاھىشلەرنى بىر تەربىيلەپ باقساق قانداق بۇلار ھە ؟؟؟ موزدوزدىن باشقا كەسىپتە دەيمىنا؟؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
548
تۆھپە
281
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 13:44:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 2004-يىلى ئاقسۇنىڭ مەلۇم بىر ناھىيەسىدە بىر قىزچاقنىڭ مايلامچىلىق بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇ قىزدىن شۇنداق خوش بولغان، چۈنكى ئۇ قىز ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يولىنى توغرا تەرەپكە قاراپ ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ھالال پۇل تېپىشقا قاراتقان. شۇ چاغدا 23 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 16:04:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دوت ئەپەندىنىڭ پىكىرىنى ئۇرۇنلۇق دەپ قارايمەن.


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىئاي مۇھەممەد
تىللا
915
تۆھپە
248
UID
283

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 00:16:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆت يوللىغان ۋاقتى  2011-12-27 13:40
ئاياللارنىڭ بىر قارارغا كەلمىكى بەسى مۈشكۈل ،ئەگەر ئۇ ...

قېنى تەربىيلەشنى باشلاڭ!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 12:07:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shexla يوللىغان ۋاقتى  2011-12-28 00:16
قېنى تەربىيلەشنى باشلاڭ!


ئۇنداقتا قۇلاقنى دىڭ : 1.دەرىس: ئۆزىنى قەدىرلەش
مۇھىم نۇقتا: ئۆز غۇرۇرىنى دەپسەندى قىلماسلىقنى بېلىۋېلىش
قىيىن نۇقتا: شۇنداق قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىغا ھۈكۈم قىلالايدىغان بۇلۇش
يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش: ئالدىقى تىمىنى ئەستايىدىل ئۇقۇپ كۈرۈش
ئۇقۇتۇش ۋاستىسى: بىر قىسىم پاھىشلەرنىڭ سۈرەتلىك كۈرۈنۈشلىرى،
تەربىيە مەزمۇنى:
ئۆزىنى پاك تۇتۇش،ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلىش، قورامىغا يەتمەي تۇرۇپ مۇھەببەت دەرياسىغا غەرىق بولماسلىق تويدىن بۇرۇن ياتلار بىلەن «كارۋاتقا چىقماسلىق»
تاپشۇرۇق: ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن پاھىشىلىك يولىنى تاللاپ قالغانلىقى توغرىسىدا ئۆز كۆز قارشىنى يازمىچە يىزىپ كىلىش .
سۇئال بارما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ چۈشۈنگەن بولسىڭىز 1.دەرىس تامام  دىرىستى چۈشۈڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دۆت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-28 12:07  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1399
تۆھپە
1140
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 15:47:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي    دۆت  ئەپەندىم ئەمىليەتتە قىلمامسىز  بۇنى ....


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

ئىسىمى
نۇسرەت
تىللا
214
تۆھپە
133
UID
9024
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 12:38:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئىنكاسلاردا نىمىلەر دىيىلۋاتىدۇ مەن پاتىگۈلگە قول قويدۇم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 14:28, Processed in 0.079447 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991