تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 645|ئىنكاس: 8

موللاھاجى ئۆمەر ۋە «كاشغەر ئۆيى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
360
تۆھپە
138
UID
2744

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 18:04:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماددى فولكلور سەمەرىسى ـــ «كاشغەر ئۆيى»نىڭ پاتېنتىغا ئېرىشكەن مىمارچىلىق سەنئەتكارى  موللاھاجى ئۆمەر


123.jpg


موللاجى ئۆمەر پاتىنتقا ئېرىشكەن«كاشغەر ئۆيى»نىڭ 1:10 نىسبەتكە ياسالغان مودېلى


    موللاجى ئۆمەرــ قەشقەر مىللى مېھمارچىلىق سەنئىتىدە ۋايىغا يەتكەن ياش سەنئەتكارلارنىڭ بىرى. ئۇ  1962-يىلى 4- ئايدا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بۇلاقسۇ يىزىسى ئۆستەڭبويى مەھەلىسىدە ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1977-يىلىغىچە بۇلاقسۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن، شۇ دەۋىر ياغاچچىلىقىنىڭ تونۇلغان ئۇستىكارلىرى بولغان تۇسناخۇن، روزاخۇنلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ھۈنەر ئۆگەنگەن. 1982-يىلىدىن باشلاپ،ئاتا مىراس ھۈنىرىنى يەنىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن قەشقەر تاشبازىرىدا ھۈنىرىنى تولۇقلىغان.
    1984 -يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىپ، ھەرخىل ئىشكاپلارنى ياساش، سىرچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلەر بىلەن شۇغۇللانغان. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلگەن. بۇ تىرىشچان كاللىسى سەگەك ياش،ھۈنىرىنى يىڭىلاش،ئىسلاھ قىلىش يولىدا كۆپ ئەجىر سىڭدۇرگەنلىكتىن،كەسىپداشلار ئىچىدە تىزلا كۆزگە كۆرۈنىشكە باشلىغان.
1990-يىللاردىن باشلاپ قەشقەرنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش تەرەققىيات قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ،كېشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلەرنى بېزەش ئېستىتىك سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى ھەم مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە خاسلىققا يۈزلەندى.  بۇ پۇرسەتتە ئۇ، قول ئاستىدىكى 10دىن ئارتۇق شاگىرىتلىرىنى يېتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن،مىللى تۈسى قويۇق،يەرلىك مىمارچىلىق مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە ئىجادىيەت ئۆي-ئىمارەتلىرىنى لاھىيەلەش،ياساش بىلەن مەشغۇل بولغان . ئۇنىڭ ھۈنەردىكى چىنلىقى ـــ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكى، سەمىمىي، راستچىللىقى بىلەن ئۆز ئارا سېڭىشىپ، ئۆي لاھىيەلەش بېزەكچىلىكىدە تېخىمۇ مۇكەممەل نەفىسلىك يارىتىپ ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئىجادى كامالەتكە يېتىپ، جامائەتنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
      دەۋرنىڭ ئۈزلىكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئۇنىڭ يەنىمۇ ئىزدىنىشى ئۈچۈن تۈرۈتكە بولغان.ئۇ ئۆزىگە ھەم شاگىرىتلىرىغا قاتتىق تەلەپ قويغانلىقتىن ئىزدىنىش،يىڭىلىق يارتىش ئىچىدە ئاددى بىر ئۇستىكاردىن ئەل ئىچىدە يېتىشكەن بىر سەنئەتكارغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن كاتتا بايلار ئۇنى ئىزدەپ-سوراپ، مىللى ۋە ياۋرۇپا ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن كاتتا ئۆي(داچا)لىرىنى لاھىيەلىتىش، ياسىتىش، ئىشلىرغا تەكلىپ قىلىشقا باشلىغان. ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى،ئىجاتچان قولى بىلەن قەد كۆتۈرگەن، سەنئەتنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلغان ئىمارەتلەر چوڭ گورۇھ-شىركەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
      1999-يىلى«شىن لوڭ»شىركىتى ئۇنى قەشقەردىكى تۇنجى ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا-شىن لوڭ كاتتا مېھمانخانىسىنى ياساش-بىزەش قۇرلۇشىغا تەكلىپ قىلدى. 2000-يىلى پۈتكەن بۇ مېھمانخانا بىزىلىشىنىڭ ئالىي تىپلىقى بىلەن ئۇنىڭ داڭقىنى يىراق-يېقىنغا تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن 2005-يىلى مەكىت يول ئاسراش ئىدارىسى مېھمانخانا، پىشايۋان، راۋاق بىر گەۋدىلەشكەن مىللى ئۇسلۇپتىكى مېھمارچىلىق قۇرلۇشىغا خىرىدارلىققا چاقىردى. يىل ئاخىردا تاماملانغان بۇ قۇرلۇش موللاجىنىڭ سەنئەتكارغا خاس ماھارىتىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ئەنە شۇنداق ھۈنەر-تىخنىكا جەھەتتىكى شۆھرەتنىڭ تارىلىشى  2006-يىلى مىراج شىركىتىنى جەلىپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ«مىراج تائاملارئوردىسى»نىڭ ياغاچچىلىق،نەققاشچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ مىراجنىڭ ياغاچچىلىق قۇرلۇشى قىسمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى، ھازىرقى، ھەم زامانىۋىي سەنئىتى نامايەن بولغان،ئىجادىي،سەنئەت يۈكسەكلىكى دەرىجىسىدە 2008-يىلى 3-ئايدا تاماملاپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان.2009-يىلى كۇچادىكى ئەڭ كاتتا تاماقخانا-«كۈسەن ئوغلانى»نىڭ  ياغاچچىلىق قۇرلۇشى ھۆددىگەرلىكىگە تەكلىپ قىلىندى.يۇقارقى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياسالغان كاتتا قۇرلۇشلار موللاجىنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر مېھمارچىلىقىدا نەققاشچىلىق،ياغاچچىلىق،بىزەكچىلىكتە يۇقۇرى سەۋىيە ياراتقان، ماددىي فولۇكلۇرنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى خەلىققە تونۇتتى.
       ئۇ ئۆز تالانتىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا يەنىمۇ تونۇتۇش ئۈچۈن 2010- يىلى 40كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ،مىللى ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ جەۋھىرىنى نامايەن قىلغان، يېڭى ئۇسلۇپتىكى«كاشىغەرئۆيى»نى لاھىيەلەپ، مودىلىنى ئىجادىي ياساپ،8-ئايدا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قويۇپ،مۇتەخەسىسلەر ھەم خىرىدارلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشتى.بۇ قۇرلۇش مودىلى 2011-يىلى دۆلەت تەرپىدىن پاتىنىتقا ئىرىشىپ، موللاجىغا شان-شەرەپ كەلتۈردى.
     دۆلەت پاتىنىت ئىدارىسى تەرىپىدىن پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن «كاشغەرئۆيى» ھەققىدە:
   قەشقەر بىر جەلىپكار شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ، مەدەنىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى خاسلىقى مۇكەممەل ساقلانغان، شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قوينىدا ماددى فولكلۇرغا ئائىت نۇرغۇن سەنئەت دۇردانىلىرى،ئاسارە-ئەتىقىلەر ساقلانغان بولۇپ،كاشىغەر ئۆيى شۇلارنىڭ سەمەرىسىدۇر. ئەڭ دەسلەپتە ئالىپتە ياسالغان كاشىغەر ئۆيىنىڭ بىزىلىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.ئەمما ئىشەنچىلىك ئاسارە-ئەتىقە ئۇچۇرىغا قارىغاندا،ئۇنىڭ تارىخىنى مىڭ يىلدىن ئارتۇق دېيىشكەبولىدۇ. يەنى ئاتاقلىق ئالىم،تىلشۇناس، دۇنيا تۈركىلۇگىيە ئىلمىنىڭ ئاتىسى بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مەقبەرىسى بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئۇندىن قالسا،16-ئەسىردە ھاكىمدار سانسىز مىرزا نامىدا بىنا قىلىنغان ھېيىتگاھ جامەسى مەدىرىسى بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. يېقىنقى مەزگىللەرگە نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، 1870-يىللاردا بىنا قىلىنغان،ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان ئەنجان رەستىسىدىكى ئىمارەتلەر،قەشقەردە ھويلا-ئارام مەدەنىيتى تارىخىنىڭ ئۇزۇن،بىزىلىشىنىڭ نەپىس، سىپتا، ھەيۋەتلىك،كۆركەملىكى بىلەن كامىل ھۈنەر-سەنئەتنى، ئۇيغۇر ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ يۇقۇرى سەۋىيىسىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.مانا شۇنداق دۇردانىلەردىن ئىلھام ئېلىپ،ئەجداتلار ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلىپ،ئۇيغۇر مېھمارچىلىق سەنئىتىنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىلىرى ئاز ئەمەس. موللاجى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
موللاجى بۇئىشنى ھۇجۇتقا كەلتۈرۈشتە،قەدىمكى،ھازىرقى دەۋىر قەشقەر ئۆيلىرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان.بۇئارقىلىق زامانىۋىي بولغان «كاشىغەر ئۆيى»نىڭ مۇكەممەل لاھىيەسىنى روياپقا چىقارغان.بۇخىل ئۆي دەرۋازا،قاراڭغۇ دالان، مېھمانخانا، ياتاق ، ئاشخانا، مۇنچا، ھاجەتخانا،ئەگىن،ھويلا،كۇنكىرا،ياكى ۋادەك،باراڭ(بىدىش)،سۇپا،پىشايۋان،ئۆي،باغ قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قوتان-كاتەكلەر ئەگىننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرىدە كەم بۇنداق ئالاھىدە تەرەپ، خەلىقنىڭ مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى ئاساسىدا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ئەپچىل سەرەمجالاشتۇرۇلغان.
      موللاجى 30يىل مابەينىدە ھۈنەرنى ۋاستە،تەرەققىياتنى نىشان،ئادەم تەربىيىلەشنى ئاساس نوقتا قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھۈنەر –تىخنىكىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىش بىلەن، سىرچىلىق، ياغاچچىلىق، نەققاشچىلىق بويىچە 300 نەپەردىن ئارتۇق ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىلىرنى تەربىيلەپ چىقىپ جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇشتى ۋە ئۇلارغا تۇرمۇش يولى تىپىپ بەردى.
       ھازىر ئۇ،قەشقەردىكى بىر تۈركۈم كاسىپلارنى يېتەكلەپ،ياغاچچىلىق،خىش توقۇلمىچىلىقى،گەج-خاچىلىق،كاتتا ئۆيلەرنى زىننەتلەش،ھەشەمەتلىك ياغاچ،بىرىكمە ۋادەكلەرنى ياساش سەنئىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ئىش ھۆددىگەرلىك ئورنىنى بەرپا قىلدى.
ئۇ ھەمكارلاشقان كەسىپداشلىرىنى يېتەكلەپ، يەنىمۇ تىرشىپ، ئىجادىي كۇچ بىلەن«كاشىغەرئۆيى»ماركىسىنى يارتىپ،ياساش،بىزەش-زىننەتلەش شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەر ئاققۇزماقتا.

124.jpg


«كاشغەر ئۆيى» نىڭ 1:10 نىسبەتتە ياسالغان مودېلى


125.jpg


موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى


126.jpg


موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى


127.jpg


موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى


128.jpg


موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى


129.jpg


موللاجى ئۆمەر نىڭ  بىر قىسم نەتىجىلىرى


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1089
تۆھپە
879
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 18:19:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ نەپىس ياساپتۇ،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5271
تۆھپە
2681
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 18:40:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كەت موللاھاجى بۇرادەر!


مەن مەنسىز مەن !
مۇنبىرىمىز:
http://www.kulgin.com/bbs/forum.php
رادىيو قانىلىمىز:
http://www.kulgin.com/index.html

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2040
تۆھپە
724
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 20:42:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن چىرايلىق لاھىيەلەنگەن ئۆيلەر بۇ ئۆي سېلىپ قالساق بۇ كىشىنى تەكلىپ قىلساق بولغىدەك جۇمۇ


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2017
تۆھپە
1508
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 00:38:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قولى گۈل ئۇستامكەن


Rank: 2

تىللا
116
تۆھپە
36
UID
3157
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:49:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنى ،ۋايىغا يەتكۈزۇپتۇ- بۇ ،بۇرادىرىمىز، ياشاپ كەت ئۇيغۇر ئۇغلانى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1212
تۆھپە
256
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 17:17:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئوغلانى ياشا!


Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
6
UID
70
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 13:18:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ئاكىمىزنىڭ قول ھۈنەرلىرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن، موللىھاجى ئاكىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن


Rank: 2

تىللا
84
تۆھپە
59
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوردىلاردەك ياسىۋىتىپتۇ ئۆيلەرنى،ئۇيغۇر بىناكارچىلىق ۋە مىمارچىلىق سەنئىتىنىڭ نەقەدەر گۇزەل مۇرەككەپ نەپىسلىكىنىلىكىنى  مۇشۇ سۇرەتلەردىن كۆرۋالدۇق،مىنىڭ مۇشۇنداق ئۆيلەرنى سالدۇرش ئارزۇيۇم ئەمەلەگە ئاشىدىغان ئوخشايدۇ.تىما ئىگىسىگە رەھمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:23, Processed in 0.085192 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991