كۆرۈش: 35768|ئىنكاس: 17

لەڭمەن ۋە ئۇنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6185
تۆھپە
2819
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 15:21:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

لەڭمەن ۋە ئۇنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى


100.jpg


    بۇ ئۇيغۇر، خۇيزۇ مىللەتلىرىنىڭ بىر خىل ئاساسلىق تامىقى، شۇنداقلا شىنجاڭدا ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇن تامىقى. لەڭمەن ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق: ئۇنغا ئازراق تۇز سېلىپ، خېمىر يۇمشاقراق يۇغۇرۇلىدۇ. ئوبدان چەيلىگەندىن كېيىن يېرىم سائەتچە تىندۇرۇلىدۇ. ئۆيدە لەڭمەن ئەتكەندە تەييارلانغان خېمىرنىڭ ئۈستىگە ياغ سۈرتۈلۈپ، پىلتە قىلىنىپ، لېگەنگە يۇمىلاق قىلىپ تىزىلىدۇ ياكى ئاشتاختا ئۈستىگە تۈز تىزىلىپ، ئۈستىگە ھۆل لاتا يپىپ قويۇلىدۇ. قازان قاينىغاندا، خېمىر بىر ئۇچىدىن ئىنچىكە قىلىپ تارتىلىپ، ئاشتاختىغا بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇلۇپ، سىلكىنىپ، چۆپ تازا ئىنچىكە سوزۇلغاندا ئاندىن قازانغا سېلىنىدۇ ۋە سۇ قايناپ چۆپ پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. ئاشپۇزۇل، رېستۇرانلارنىڭ ئۇستا ئاشپەزلىرى بىر قېتىمدا بىر نەچچە كىلوگرام خېمىرنى ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ، ھاۋادا بىر نەچچە قېتىم ئايلاندۇرۇپ ۋە بۇ ھەرىكەتنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاپلا بىر نەچچە يۈز تال چاچتەك ئىنچىكە چۆپكە ئايلاندۇرىدۇ ۋە بىر قېتىمدىلا ئون نەچچە ئادەمگە يەتكۈدەك ئاش چىقىرالايدۇ. لەڭمەن چۆپىگە مەززىلىك قىلىپ قورۇلغان قورۇما قوشۇپ يېيىلىدۇ، كىشىلەر كۆپىنچە لەڭمەننى ياغدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۆشلۈك قورۇما، قىزىل مۇچ قوشۇپ قورۇلغان، يېسىۋېلەپ قوشۇپ قورۇلغان گۆشلۈك قورۇما ياكى مۇچ، پېدىگەن، قورۇما پۇرچىقى، شوخلا، پىياز، سامساق قوشۇپ قورۇلغان قورۇما ياكى سۇلۇق گۆشلۈك قورۇما بىلەن قوشۇپ يەيدۇ. پەسىلنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، قورۇمىلارنىڭ تۈرىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. لەڭمەن يېيىشلىك، كىشىلەرگە دەرمان بېغىشلايدىغان تاماق.

101.jpg


102.jpg


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6752
تۆھپە
3409
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 15:31:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەپتىدە 24 سائەت ئاشقازاننى دەم ئالدۇرۇش كۈنۈم سەيشەنبە ئىدى، ما تېمىغا كىرمىسەم بوپتىكەن ... ئەمدى ئىش ۋاقتى بولغاندا نەگە بېرىشىم مۇمكىن لەغمەنگە (ياكى لەڭمەنگە)!؟


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1403
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 15:34:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئەلقۇت ›› نىڭ يۇلغۇن زىقلىق كاۋىپىنى ساقلاۋاتسام ، ماۋۇ تېما لەڭمەن ئىشتىھايىمنى قوزغىۋەتتىيا .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
737
تۆھپە
359
UID
1195
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 15:35:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورسۇقۇم ئېچىپ كەتكەنتى، چۇشلۇك تاماققا نىمە يىيىشنى بىلمەي ،ئەمدى لەغمەن يەي  .يوللىغىنىىزغا رەھمەت


دوسلار ياخشىمۇ سىلەر ،بىرنەچچە كۇن بوپتۇ تۇرغا چىقمىغىلى  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1989
تۆھپە
1149
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 16:14:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشتە تاماق يىمىگەن ، ما لەغمەننى كۆرۈپ دەھشەت يىگۈم كەلدى ئەمما


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 6Rank: 6

تىللا
865
تۆھپە
416
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 16:17:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ، مەنمۇ تاماق يىمىگەن .


مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
3208
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 16:20:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ئىشتىھايىمنى ئېچىۋەتتا بۇ تېما


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
3208
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 16:22:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ قورسۇقۇم ئاچتا


Rank: 6Rank: 6

تىللا
868
تۆھپە
410
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 16:56:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى تەخسىدىكى لەغمەننى توقسۇندا 豪华拌面دەپ ئاتايدىكەن،  دەپ ئاڭلىدىم، راستمىدۇ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1403
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 17:16:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائەت 5:30 دا خىزمەتتىن چۈشۈمەن ، قايسىڭلارنى ‹‹ تىللا ›› نىڭ لەڭمىنى بىلەن مېھمان قىلاي ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Barcelona تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-20 17:16  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:26, Processed in 0.083581 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991