كۆرۈش: 7208|ئىنكاس: 7

كەلپىن ھەققىدە رىۋايەتلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 11:43:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  كەلپىن ھەققىدە رىۋايەتلەر


غەيرەت جاسارەت


   1. ئېزىتقۇ رىۋايىتى: مىلادىيەدىن ئىلگىرى 336 ~ 348 يىللاردا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىمى ھازىرقى ئاقچىنىڭ قۇلانسىرىق، سەپەرۋاي دېگەن جايلىرىغا چۈشكۈن قىپتۇ. قۇلانسىرىققا چۈشكۈن قىلغان ئەسكەرلەر ئاتلىرىنى قويۇۋېتىپ، سۈت-قىمىز ئىچىپ، ئويناپ بىر ئاش پىشىمدىن كېيىن قارىسا ئۈچ ئات يوق تۇرغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئاتلارنى ئۇدا ئۈچ كۈن ئىزدەپ، ھېچ يەردىن تاپالماي ئاخىرى يەنە ئۆزلىرى چۈشكۈن بولغان يەرگە كېلىپ قارىسا، ئۈچ ئات شۇ پېتى تۇرغۇدەك. ئۇلار بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ: ‹‹بۇ يەردە ئېزىتقۇ بار ئىكەن›› دېيىشىپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خان بۇ يۇرتنى ‹‹ئېزىتقۇ يۇرتى›› دەپ ئاتاپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى بۇ يۇرت ‹‹ئېزىتقۇلار ماكانى›› دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانمىش.
   2. ئوغۇزخان مەزگىلىدە ئوغۇزخانغا قاراشلىق قەبىلە ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر تۈرك قەبىلىسى بولۇپ، ئۇ قەبىلە ھەمىشە ئوغۇزخاننىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنمايدىكەن، خانغا ئولپان (باج، سېلىق)مۇ تاپشۇرمايدىكەن، داۋاملىق خاننىڭ پەرمانلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ، خان ئەمەلدارلىرى بىلەن قارشىلىشىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەر تېپىپ تۇرىدىغان ئوغۇزخان پەرمانىغا بويسۇنمايدىغان، سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، چاتاقچى بۇ قەبىلىنى تاغبۇلاقلىرى يۇرتى ـــ كەلپىنگە سۈرگۈن قىپتۇ. ئۇلار كەلپىنگە كېلىپ، گەمە كولاپ، كەپىلەرنى ياساپ، چېدىر تىكىپ ماكانلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇرت ‹‹چاتاقچىلار يۇرتى›› دەپ ئاتىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ ئىسىم ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ ‹‹كەلفنىت›› (ۋەدىسىدە تۇرغۇچىلار) دەپ ئاتىلىپ، كېيىن ‹‹كەلپىن›› دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ، يۇرت نامى بولۇپ قالغان ئىكەن.
   3. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىرلەردە غەربكە كۆچكەن توخرىلار 12 قەبىلە بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە ‹‹كالافان›› (كالىغا ئىتائەت قىلغۇچى) دېيىلىدىغان بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار كەلپىنگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. شۇڭا ‹‹كەلپىن›› ‹‹كالافان›› قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، كېيىن ‹‹كەلپىن›› دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ يۇرتنىڭ نامى بولۇپ قالغان.
   4. زامان ئەۋۋىلىدە ھازىرقى خوتەن ئېلىدە داۋاملىق بوران چىقىپ تۇرغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ ماكانلىرى قۇم-بوران ئاستىدا قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ تۇرىدىكەن. ئەنە شۇ خوتەندىكى بىر سەھرانىڭ ئىككى چېتىدىكى ئىككى ئائىلىنىڭ قىز-ئوغۇللىرى بىر-بىرىگە ئاشىق ئىكەن. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ بىرىنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئوغلى بولسا، يەنە بىرىنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇدا بىر نەچچە يىل چىققان بوران، قۇم بارخانلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈپ تۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەپتۇ. ئوغۇل بوراننىڭ توختاپ ئاشىقى بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچە- كۈندۈز يىغلاپتۇ، ئاھ ئۇرۇپتۇ. قىزمۇ نالە قىلىپ، كۈن، ئايلارنى، يىللارنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپتۇ، لېكىن بوران زادىلا توختىمىغاچقا، ئۇلار ئۇچرىشالماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇل بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئۇ سۇلىرى ئەلۋەك بىر يۇرتقا ئاشىقى بىلەن كېلىپتۇدەك، ئۇلار خۇشاللىقىدىن سۈزۈك بۇلاق سۇلىرىنى ئىچىپتۇ، يۇيۇنۇپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئاشىقى ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندەك بوپتۇ-دە، چۆچۈپ ئويغانسا، ئۇ ئۆز ئاشىقى بىلەن بىللە ھېلىلا چۈشىدە كۆرگەن يەردە تۇرغۇدەك، ئاشىقىدىن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سورىغان ئىكەن، ئاشىقى چۈشىدە ئۇز يىگىتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ نالە قىلىپ چۆچۈپ ئويغانسا، بۇ يەردە تۇرغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ توشقانلاردەك سەكرىشىپتۇ، جەرەنلەردەك تاقلىشىپتۇ، ئوغلاق، قوزىلاردەك مەرىشىپتۇ، پۈتكۈل ھايۋانلار يىغىلىپ بۇ ئادەمزاتنىڭ ئۇزلۇقىغا مەستلىكى كېلىپتۇ، كۆك يايلىلىق بۆرە ئۇلارغا ياردەملىشىپ، گەمە كولىشىپ بېرىپتۇ، پىللار خارتۇملىرى بىلەن يىراقتىن ياغاچ توشۇپ كەپە ياسىشىپ بېرىپتۇ. ئۇلار توي قىلىپ توققۇز ئوغۇللۇق بولۇپ، بالىلىرى دېھقانچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىپتۇ. ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا كەندىر تالاسىدىن رەخت توقۇش، يىپ ئىگىرىش، تېرىدىن كىيىم تىكىش، كىگىزچىلىك، پالاس توقۇش، موزدوزلۇق، تۆمۈرچىلىك قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىپتۇ. توققۇز بالا توققۇز خىل ھۈنەر ئۆگىنىپ جان ساقلاشقا باشلاپتۇ. بۇ يۇرت كېيىن بوستانلىققا ئايلىنىپتۇ. رىۋايەت قىلىنغان بۇ يۇرت ھازىرقى كەلپىن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىرمۇ كەلپىندە ھۈنەرۋەن كۆپ.
   5. كەلپىن قەدىمدە ئۇنسۇ بەگلىكىگە قاراشلىق ئىكەن. كېيىن قۇم بەگلىكى ئونسۇ بەگلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندا كەلپىن قۇم بەگلىكىگە تەۋە بولغان ئىكەن. شۇ مەزگىللەردە كەلپىننىڭ ھازىرقى قارا كۈتكە سۇ باشلاپ چىقىش ھاشىرى (مەجبۇرىيەت ئەمگىكى) قايغۇلۇق ھاشار بولغان ئىكەن. بۇ ھاشارغا ئەينى ۋاقتىدا، ئاقسۇنىڭ ئايكۆلدىن كىشىلەر كېلىپ تۇرىدىكەن. بۇ شەھەر ھاشارنىڭ ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇزاق داۋام قىلىشى، يولنىڭ يىراقلىقى، نامىنىڭ يامانلىقى بىلەن داڭلىق ئىكەن. بۇ ھاشارغا كېلىپ تۇرىدىغان ئايكۆل قىز-يىگىتلىرى ھاشار قايغۇسىدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن كەلپىندە تۇرۇپ قېلىشقا باشلاپتۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ ھاشار ‹‹قايغۇلۇق ھاشىرى›› دەپ ئاتىلىپ، كېيىن بۇ ئىسىم ئاستا-ئاستا ‹‹قالغۇلۇق ھاشىرى››، ‹‹قاراپ كۈت ھاشىرى››، ‹‹قارا كۈت ھاشىرى›› دەپ ئاتىلىپ، كېيىن ‹‹قارا كۈن›› دېگەن بىر ئايماق شەكىللىنىپتۇ..  
   6. كەلپىن قەدىمكى زامانلاردا جاڭگاللىق بولۇپ، ئۇ يەردە توغراق، يۇلغۇن، كۆرۈك (يۇلغۇن تىپىدىكى بىر خىل چاتقال)، سۆكسوك، تېرىلغا (شاۋى)، ھەر خىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، ساقساق (بىر خىل چاتقال)، ياۋا كەندىرلەر قويۇق ئۆسكەن، ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىكەن. بۇ جاڭگاللىقتا بىر ئوۋچى پەيدا بوپتۇ. ئۇ تېۋىلغىدىن ياسىۋالغان چومىقى بىلەن ھايۋان ئوۋلاشتا داڭق چىقارغان ئىكەن. ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيلىنىپتۇ، خوتۇنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ. كۈنلەر ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ، بالىلار چوڭ بوپتۇ. ئۇلارغا ھۈنەر ئۆگىنىشنى ئېيتسا، قۇلاق سالماپتۇ، ھەتتا ياۋا مېۋىلەرنى تېرىپ يېيىشنىمۇ بىلمەيدىغان، تەييار تاپ بولۇپ چوڭ بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇدا بىر نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىپ، جاڭگال-سايلاردا ئادەم بويى سۇلار ئېقىپتۇ. بالىلارنىڭ ئانىسى چوماقنى ئېلىپ، ئوۋغا چىقىپ كېتىپ كەلمەپتۇ. ئوغلى بىر دەرەخقە چىقىۋېلىپ، كەلكۈندىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. قورسىقى ئاچقان بالا ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن دەرەختىن چۈشۈپ، قىيان ئېقىتىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يەپتۇ، قورسىقى ئاغرىپ كېيىن يېيىشكە پېتىنالماي، ئادەمزات بار يەرنى ئىزدەپ ماڭغان ئىكەن، بىر تاغ كۆرۈنۈپتۇ. بالا تاغقا چىقىپ، ئۆزى كەلگەن جاڭگال تەرەپكە قاراپ، ئاتا-ئانىسىنى چاقىرىپ، يىغلاپ، زارلىنىپ، يېشى قۇرۇپ، كۆزى ئاغرىپ، كۆزى چىمىلدايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇ بالىنىڭ كۆزى دەريا بولۇپ مازار ئېقىنىنى پەيدا قىلغانمىش. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بالىنىڭ زارىغا چىدىمىغان پەرىشتىلەر بالىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: ‹‹ئىسمىڭىز چىم-چىم ئوغۇل، يۇرتىڭىز كەپە بولسۇن، جىسمىڭىز مۇشۇ تاغدا تاشقا ئايلانسۇن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلمىغانلار سىزدىن ئىبرەت ئېلىپ كىچىكىدىن تارتىپ چىۋەر، چېچەن، ھۈنەرۋەن، ئەقىللىق بولسۇن››، دەپ دۇئا قىپتۇ-دە، پەرىشتىلەر كۆزدىن غايىب بوپتۇ. بالىنىڭ جىسمى تاشقا ئايلىنىپ، تاغ ئۈستىدە ماكان تۇتۇپتۇ. چىم-چىم ئوغۇل ھېلىھەم ئۆز يۇرتىغا تەلپۈنۈپ، ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلاپ تۇرارمىش.

ئاپتور: كەلپىن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5673
تۆھپە
2890
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:35:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كەلپىنلىكلەر تېخى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن رېۋايەت» ئىكەن!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5673
تۆھپە
2890
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:49:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تېخى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن بىر رىۋايەت
مۇھەممەد باغراش
2004-يىلى ئۆكتەبىردە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن چاقىلىق ناھىيىسى بىرلىشىپ چاقىلىق ناھىيىسىدە يازغۇچى سۇلايمان ئابدۇرەھىمگە تون كىيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان رومانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، شۇنداقلا ئۆسمۈر قىز ليۇجيې يېقىندا نەشر قىلدۇرغان << تاش ئادەم >> ناملىق چۆچەك پوۋېستىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق. يىغىن كاتتا ۋە نەتىجىلىك بولدى. يىغىن ئارىلىقىدا چاقىلىق ناھىيىلىك مۇزېينى كۆردۇق.
مۇزېي كۆلەم جەھەتتە ھازىرچە تېخى كىچىك بولسىمۇ، باشقۇرۇلۇشىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىزدە ج ك پ چاقىلىق ناھىيىلىك كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ يەرلىك ئاسارئەتىقىلەرنى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قوغداش ئىرادىسى ھەم ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇمىزنى ئاشۇرغان بولسا، مۇزېيدىكى نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق كروران-چەرچەن-لوپ-مىران ئۇيغۇر ئۇيغارلىقىغا(مەدەنىيىتىگە) تانۇق(گۇۋاھ) بولۇپ تۇرغان ھەرخىل تېپىلمىلار، بولۇپمۇ يېقىندا بايقالغان، قىياس قىلىنىشىچە، تارىخى ئالەمگە داڭلىق "كروران گۈزىلى"دىنمۇ ئۇزۇنراق بولۇشى مۇمكىن بولغان ئۈچكۆۋرە(قۇرۇق جەسەت) بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى بەكمۇ ئۇزاق قەدىمىي روزىغارغا يېتەكلەپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تارىخ ۋە ئۇيغارلىق ساھەسىدىكى ئالىملارنى تاڭ قالدۇرغان بۈيۈك كروران–لوپ  -چەرچەن-مىران ئۇيغارىنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولمىش كروران ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ياشاش ئىرادىسىگە تاغدەك پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالاكەتلىك تەقدىرىگە بولغان ئازابلىق ئېچىنىش تۇيغۇسىنى ئويغاتتى…
تەقدىر خاھلىسا بەخت-سائادەت، ئاجايىپ قۇۋناق ھايات، گۈللىنىش ئاتا قىلىدۇ، خاھلىسا ھەرخىل خاتالارنى سەۋەب قىلىپ ئاشۇ گۈللىگەن ئەل-ئۇلۇسنى بىر كىشان (دەقىقە)دىلا ھالاكەت ئوپقانىغا تاشلاپ، ئادەملەرنىڭ خاتاسىنى جازالايدۇ!
ئېيتىلىشىچە، زامانى ئەۋۋەلدە يەر يۈزىدە ئاجايىب بۈيۈك مەدەنىيەت، پارلاق گۈللىنىش، چوغيالىن (ئاجايىپ كاتتا) تەرەققىيات دەۋرى بولغانىكەن.كېيىن(تەخمىنەن 10-12مىڭ يىللار ئىلگىرى) <<توپان بالاسى>>بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىليون يىل داۋامىدا ياراتقان پارلاق مەدەنىيىتى بىر كېچىدىلا ۋەيران بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى جانلىقلار ۋە ئىنسانە ئۇرۇقلىرىدىن باشقا پۈتكۈل ئىنسان ۋە جىمىكى بارلىق "توپان"غا غەرق بولۇپ، ئېچىنىشلىق ھالاك بولغان ۋە ئىزسىز يوقالغان ئىكەن…كۆمەنلى (سىرلىق) ۋە كۈچ-كۈسۈنلىك(قۇدرەتلىك)، تەگسىز ئوپقاندەك سىرى ۋە چىرايىنى ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكىلى ئۇنىماي، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئۆرتەپ، ئۇلارنى تۈرلۈك-تۈمەن قىياس، ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشلەر بىلەن قىيناۋاتقان تەكلىماكان قۇملۇقى تەكتىدە مۆكۈپ ياتقان ئاجايىپ بۈيۈك ئۇيغار، كاتتا ۋە باتۇر شەھەرلەر ھەمدە شۇلارنى ياراتقان ئۆركى(ئېسىل)، ئەربۇزى(جەسۇر) ۋە ئالپ(غالپ) ئەچۈ-ئوغۇشلىرىمىز(بوۋا-ئەجدادلىرىمىز) بۈگۈندىن 1600، 1700 يىللار ئىلگىرى ئاشۇ توپان بالاسىدەك دەھشەتلىك قۇم توپانى ئەكەلگەن ھالاكەتلىك تەقدىرنىڭ قۇربانى بولغانىكەن…
تارىخنى قاتتىق مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە پاكىز نىيەت بىلەن تۈپكەرلەپ(تەتقىق قىلىپ) ئەچۈ-ئوغۇشلىرىمىزنىڭ ئىزىنى ئىزدەش، بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىنى سىنلاش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت، تەبىئەت، ئېكولوگىيە، ياشاش، تەرەققىيات، مەۋجۇتلۇق… ئاڭلىرىنى، پوزىتسىيە-مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆگىنىش، بىلىش، ئاڭقىرىش بىزنىڭ شەرەبلىك ھەم ساۋابلىق بۇرچىمىز، ئەلۋەتتە! بۇ جەريان بىزگە گاھىدا چوڭقۇر ئېچىنىش ۋە ئازاب تۇيغۇسى بەرسە، يەنە گېزى كەلگەندە بىزگە چەكسىز خۇشاللىق، كۇفەر(غۇرۇر)، قەدىر-قىممەت، سۆيۈنۈش، ئىشەنچ ھەم كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ! ئەڭ مۇھىمى، بىز بۈگۈنكى روزىغار ئادەملىرى تەجرىبە، ئۆرنەك ۋە ساۋاققا ئىگە بولىمىز ھەم يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئۆتكەندە باشتىن كەچۈرگەن ھالاكەتلىك تەقدىرىنىڭ بىزنىڭ قىلىپ تاشلىغان قىلماغۇلىرىمىز(خاتالىق-سەھۋەنلىكلىرىمىز) يەنى مىللىي، ئىجتىمائىي ئەخلاق تەگرىنچى(مۇھىتى) ۋە تەبىئەت ئېكولوگىيە تەگرىنچىنى بۇزۇش سەۋەبى بىلەن قايتا تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر! ئاشۇ دەھشەتلىك قىسمەتنىڭ يەنە تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ياراتقۇچى پاناھ بەرسۇن!
ئەتراپىمىزنى قورشاپ ياتقان ئاشۇ مۇڭ باسقان پايانسىز قۇملۇق، ئېغىر تىنىپ ياتقان باياۋان، تەشۋىشلىك ئىڭراپ-پىچىرلاپ ھالىنى ئېيتىۋاتقان ھالسىز، نىمجان غېرىب توغراقلارنېمەدېمەكچىدۇ؟
بىزگە قايسى قىسمەت، قايسى ئۆتكۈ-كەتكۈ ۋە كەلگۈلۈكلەردىن ھېكايەت قىلىۋاتقاندۇ-ھە؟ ئۇلارنىڭ تىلىنى ئاڭلىيالىساڭ، ئۇلارنىڭ ساڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقان ھەيۋەتلىك، دەبدەبىلىك، كاتتا، موڭادىنىچ(ھەيران قالارلىق) ئۆتكۈر داستان-قىسسەلىرىنى، ھەسرەتلىك-نادامەتلىك كەچمىشلىرى توغرىسىدىكى ئۆكۈنۈش، دەرد – ھەسرەتلىرىنى، بىزگە قاراپ ئۈمتۈلۈپ، قۇلىقىمىزغا، ياق، يۈرىكىمىزگە قۇيماقچى بولغان ئۈگۈت – نەسىھەتلىرىنى، ئىستەك، ئوي ۋە ئارمانلىرىنى ئاڭقىرىپ، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ، ئۇنىڭ باغرىغا مەڭزىڭنى يېقىپ تويۇپ-تويۇپ دەردلىشەلىسەڭ كاشكى؟ ھەسسىنەي، بۇ مۇمكىنمۇ؟



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5673
تۆھپە
2890
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:54:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ دورەم چاقىلىق، باشلوپ(كورلا لوپ) ۋە كورلىدا ئۆتكۈزگەن سەككىز-ئون كۈنۈم ئاشۇنداق ئېغىر ۋە ئىزتىراپلىق خىياللار قاينىمىدا گاھ لەيلىدى، گاھ چۆكتى…
ئۆپچۆرەمدە بولۇۋاتقان كۈلكە-چاقچاقلار، ئويۇن-تاماشالار ماڭا پەقەت سىرتتىن تەسىر قىلاتتى.مەن ئۇلارغا كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇراتتىم. ئىچىمدە بولسا تەگسىز خىيال. كۆزلىرىم ئاشۇ سارغۇچ قۇملۇق، ئاشۇ بوزارغان باياۋان ۋە ئاشۇ قىينالغان چېكىسىدە قېتىپ قالغان…بۇ تەگرىنچ (مۇھىت) شۇ قەدەر تىمتاس، شۇقەدەر چوغيالىن (ئاجايىب كاتتا)، شۇ قەدەر قورقۇنچلۇق ۋە شۇ قەدەر بۈيۈك ۋە ھەم ئۇلۇغۋار ئىدى. لېكىن بۇ زېمىننىڭ ئاشۇ چەكسىزلىكى، ئاجايىپ كاتتا ۋە قورقۇنچلۇقلىقى، بۈيۈك ۋە ئۇلۇغۋارلىقى، تويماس ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكلىكى دەل ئۇنىڭ يۈكسەكلىكى، بۈيۈكلۈكى، گۈزەللىكى ۋە تارتىشچانلىقى ئىدى! ئۇ ئاشۇ بەھەيۋەت سەلتەنەتى بىلەن، ئاشۇ ھەرقانداق تىنالىق(ھاياتلىق)نى بىر كىشان (دەقىقە) ئىچىدە "ھاپ" قىلىپ يۇتۇپ تاشلايدىغان قاتىرقاتىغ(دەھشەتلىك) ۋە قاتىرياۋلاغ(ۋەھىمىلىك)، بىۋاپا كۆرۈنچ(مەنزىرە)ئى بىلەن شۇقەدەر كەرەم(سېخىي) ھەم قىزىقارلىق ۋە تارتىمچان ئىدى. ئۇنىڭ باغرىدا دەپسەپ تۇرۇپ سەن ئۆزۈڭنى گاھ ھېچ ئەرزىمەس بىرتال قوغ(توزان ) سانىساڭ، گاھ ئۇنىڭ ئاشۇ كېرىك ( چەكسىز ) ۋە قادارقاشلاغ ( سۈر-ھەيۋەتلىك)تۇرقىدىن سۆيۈنۈپ قۇۋىنارسەن. چۈنكى دەل مۇشۇ يەرلەر بوۋا-ئەجدادلىرىمىز يارالغان، كۆكلىگەن، ياشنىغان، بىزنى باققان، ئۆستۈرگەن، ئاۋۇتقان، ياشناتقان باھادىر – ئەزىمەت يەرلەردۇر!
ئەي چالاڭ ( يالىڭاچ ) يەر، قارقاغ (قاقاس ) يەر،
ئالتۇن يېرىم قۇتلاغ ( بەخت) يەر،
تومۇردەكى قانىم يەر،
باغرىمدەكى جانىم يەر…
ئەچۈلەرنىڭ ( ئەجدادلارنىڭ ) ئىزى بار،
ئىنە ( ئانىلار ) لەرنىڭ يۈزى بار،
كەتكەنلەرنىڭ سۆزى بار،
چىنتەمەنسەن ( گۆھەر ) تارىم يەر.
   *****    *****
تارىم دېگەن يېلىڭ (شاماللىق ) يەرۇ – يېلىڭ يەر،
بۆكسەكىڭنى ( باغرىڭنى ) ئەسىن (شامال ) بولۇپ قۇچسامچۇ،
سېنىڭ كۆركلۈگ ( گۈزەل ) كۆكشىن ( كۆكۈش ) كەرك (چەكسىز ) كۆكىڭدە
چاغرى ( لاچىن ) بولۇپ قانات قاقىپ ئۇچسامچۇ…
          __  (قەدىمكى لوپ خەلق قوشىقى ) دىن
بىر كەزدە، ئۆپچۆرەمدىكى ئادەملەرنىڭ __ئەر-ئايال، ياش-قېرىلارنىڭ گەپ قىلغاندىكى تاۋۇش-تىمبىرى،تەلەپپۇزى، ھېسسىيات ئىپادىلەش مىمىكىسى (چىراي ئىپادىسى )، شېۋىسى…بىردىنلا دېققىتىمنى تارتتى. ئۇلار باشلوپلۇق ( كورلا لوپلۇق ) چاقىلىق ۋە چەرچەنلىك كىشىلەر ئىدى. بىر چاغلاردا شوپۇرلۇق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە باشلوپ (كورلا لوپ __ ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسى)نىڭ ئاقسۇپا، قارچۇغا، تارىم، دۆڭقوتان… دەيدىغان يەرلىرىگە ماشىنا ھەيدەپ بارغىنىمدا شۇ يەر ئادەملىرىنىڭ تۈس – قىياپىتى، سۆزلىگەندىكى شېۋە – تەلەپپۇزى ۋە كۈلكە – چاقچاقلىرىدىكى بىر شېرىن، تارتىملىق ئۆزگىچىلىكلەر مېنى شۇنداق ئەسرۈك ( مەست ) قىلغانىدى. شۇنداق، خاتىرە ۋاراقلىرىم بىر–بىرلەپ ئۆرۈلۈپ قاناتلىق ئويلىرىم قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئىستەكلىرىمنى يۈدىگىنىچە تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر ۋادىسىغا قاراپ ئۇچتى. ئۇ ۋادىدا، ئىلگىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان، مېنى تولىمۇ قىزىقتۇرغان، بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان بىر يۇرتنىڭ ئادەملىرى توغرىسىدىكى (كېيىنكى چاغلاردا ئۇنتۇلۇپ يوشۇرۇن ئېڭىمنىڭ بۇلۇڭ–پۇچقاقلىرىدا مۆكۈپ تۇرغان)بىر بۆرتۈن (مەجھۇل)مەنزىرە باشتا بىر دانە قوغ-قىچماق(زەررىچە)بولۇپ، كېيىن بولسا بارا-بارا بۈيۈپ – يارقىنلاپ، كۆڭۈل كۆزڭۈم(ئەينىكىم)دە بالقىدى.مەن كۆزڭۈمدە، شۇ كۈنلەردە تېلېۋىزوردا كىنو كۆرگەن كەبى كىچىككىنە، لېكىن تولىمۇ تارتىمچان بىر يۇرتنى ۋە شۇ يەردە ياشاپ تۇرغان بىر ئەلكۈن-قوۋمنى كۆردۈم.. بۇ يۇرت كەلپىن ئىدى. بۇ ئەلكۈن-قەۋم بۈگۈن ئاشۇ يۇرتتا ياشاۋاتقان كەلپىن ئۇيغۇرلىرى ئىدى… ھەيرانمەن …! مەن قانداقسىگە چاقىلىقتا تۇرۇپ، مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى كەلپىن ۋە كەلپىننى ئويلاپ قالدىم؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-19 12:56  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5673
تۆھپە
2890
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:55:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بار، ئەتە يوللاپ باقايا! بەزى ھەرپلەر ئۇچۇپ كېتىپتۇ، ئوڭشاپ يوللاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-19 12:57  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
372
تۆھپە
220
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 22:52:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلپىن ناھايىتى سىرلىق ماكان. كەلپىن كىشىلىرى ئىنتايىن ئەقىللىق كېلىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
855
تۆھپە
585
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 00:50:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلپىنگە بىرىش ئۆيۇم ئەمەلگە ئاشسا ياخشى بۇلار ئىدى. يەنە شۇ خىزمەت...مۇناسىۋەت... رامكا...


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5673
تۆھپە
2890
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 12:41:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلپىن ھەققىدە ئاچالنىڭ چامغۇرىدىن ۋە بىرمۇنچە كەلپىنلىك دوستلاردىن باشقا ھېچبىر بىلىم يوق مەندە!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 15:33, Processed in 0.078711 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991