كۆرۈش: 15283|ئىنكاس: 11

ئامراق بولۇپ قېلىش بىلەن ياخشى كۆرۈش بىر گەپمىدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
483
تۆھپە
271
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 11:18:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئامراق بولۇپ قېلىش بىلەن ياخشى كۆرۈش بىر گەپمىدۇ؟


قەلەمىي



توۋا، بىز تاسادىپىي تونۇشۇپ قالدۇق. خۇددى بىر-بىرىمىزنى تونۇشۇدىغاندەك ھېچ تارتىنىشسىزلا پاراڭلاشتۇق. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئارىمىزدىكى داۋان كىچىكلەشكە باشلىدى. بىر-بىرىمىزدىن تارتىنماسلا بولدۇق. سەن بەك ئەركە شوخ ئىدىڭ. نېمە ئۈچۈندۇركىن تۈن يېرىملەردە تۇرۇپلا ساڭا تېلېفون قىلىپ سالاتتىم. ئۇيقۇسنى بۇزۇۋەتمەي دەيتتىم-يۇ، كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى سېنى تارتاتتى. مانا بۈگۈنمۇ كەچ سائەت ئىككىلەرگىچە ئۇيان ئۆرۈلۈپ -بۇيان ئۆرۈلۈپ  ‑ ئۇخلىيالماي ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ساڭا تېلېفون ئۇرۇپ سالدىم. ئەسلى ئۇخلاپ بولدى ھەقاچان ئالمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئويلىمىغان يەردىن سەن تېلېفوننى ئالدىڭ.
قارىغاندا مەن ئۇخلىيالمىغاندەك سەنمۇ ئۇخلىيالمىغان ئوخشايسەن.  تېلېفوننى ئېلىپلا بۇلبۇلدەك سايراپلا كەتتىڭ. ئاۋازىڭدىن مەستخۇش بولۇپ تاڭ ئاتقۇچە پاراڭلاشقىنىمىزنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن.
ئۈچ- تۆت سائەت ۋاقىت ئۈچ-تۆت مىنۇتتەكلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. . .
بىزنىڭ مۇناسۋىتىمىزئەنە شۇ دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. قارىماققا ھېچقانداق بىر كۈچ ئىككىمىزنى ئايرىۋېتەلمەيدىغاندەك تۇيۇلغىنى بىلەن ئەجەبلىنەرلىكى مەن سېنىڭ پەقەت ماڭا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىقىڭنىلا بىلەتتىم. ئۆزۈڭمۇ دائىم ماڭا شۇنداق دەيتتىڭ.
ماڭا ئامراق بولغاندىكىن مېنى ياخشى كۆرەمدىغاندۇرسەن يە؟ . . . . . . . . . . . . . تۇرۇپ ئويلۇنۇپ قالدىم. . .  

‹‹تۇرمۇشتا بەزىلەر گاھىدا ئامراق بولۇش بىلەن ياخشى كۆرۈشنى
پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ. ئامراق بولۇش قېرىنداشلارچە، ئاكا-ئىنى -ھەدە سىڭىللارچە مۇھەببەتنىڭ مەلۇم بىرتوسۇۋالغىلى بولمايدىغان قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسدە پەيدا بولغان غەيرىي غىدىقلىنىش تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بىغۇبار ھېسسىيات. ئامراق بولۇشنى ياخشى كۆرۈش دەپ قارىۋېلىش كۆپىنچە نۇرغۇن ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. ياخشى كۆرۈش -بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈش. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ياخشى كۆرۈش. تەبىئىي ياخشى كۆرۈش، ئامالسىز ياخشى كۆرۈش. . . دەپ بىر قانچە خىل بولىدۇ. بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈش -كۆپىنچە مەسئۇليەتتتىن يىراقلاۋاتقانلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى غىدىقلىنىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ۋاقىتلىق ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خىل ھالەت ئىنتايىن ئاز ساندا قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللاردا بەزىدە ئۇچراپ قالىدۇ. بۇنداق ياخشى كۆرۈشۈش ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
ئۇزۇنغا بارغان تەقدىردىمۇ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ گۇمان سەۋەبى سۇسلاپ ئايرىلىپ كېتىش ھادىسسى يۈز بېرىدۇ.
مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ياخشى كۆرۈپ قېلىش - بۇ كۆپىنچە قىز -يىگىت ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىدىكى ئورتاقلىقنى تەبىئىي ھالدا بايقاپ بىر-بىرىگە قەلب ئىزھار قىلىشنى، ياكى بىر تەرەپ ياخشى كۆرۈپ يەنە بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ چىن سۆيگۈسدىن تەسىرلىنىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن كۆڭۈل بېرىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇخىل ياخشى كۆرۈشۈش مەسئۇلىيەت ۋە ئىشەنچنى ئۆزىگە يۈكلىگەن بولىدۇ، ئىرادىسدىن تەۋرەنمىسلا قىز يىگىت ھەر ئىككىلا تەرەپ كەلگۈسىدە بىر ئائىلىنى قۇرىمىزغۇ دېگەن نىشان بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تاكامۇللاشتۇرۇپ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇل سالالىسلا چوقۇم ئاخىرىغىچە بىر-بىرىنىڭ قولىنى قويۇۋەتمەي بىرگە بولالايدۇ.
تەبىئىي ياخشى كۆرۈپ قېلىش -بۇنداق ياخشى كۆرۈش -نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدىغان ياخشى كۆرۈشۈش ئۇسۇلىدۇر. بۇخىل ئۇسۇلدا يا يىگىت، يا قىز ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى يەنە بىرىنى تەبىئىي ياقتۇرۇپ قېلىپ كەينىگە كىرىۋېلىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھالەت قىزلار ئەخلاق ۋە جامائەت پىكرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىنمۇ ئوغۇللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

ئامالسىز ياخشى كۆرۈش- بۇ خىل ياخشى كۆرۈشۈش كۆپىنچە قىز ياكى ئوغۇلنىڭ ئاتا ئانىسنىڭ كۆرسەتكىنىنى  تاللىغاندا يۈز بېرىدىغان ھادىسە. بۇنداق ئەھۋال بارغانسېرى ئازلاۋاتىدۇ.  
يادىمدا قالغانلىرىنىڭ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن باغلىنىشچانلىقى بار -يوقلۇقىنى بىلمەيمەن. ئەجەبا سەن ماڭا پەقەت ئامراقلا بولۇپ ئۆتۈپ كېتەرسەنمۇ؟ شۇ ئامراقلىقىڭ چىن مۇھەببەت مېلودىيەسىگە ئايلىنالماسمۇ؟  




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-18 11:45  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1263
تۆھپە
768
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 14:37:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەرنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.چىن مۇھاببەت مىلودىيەسىگە ئايلىنىش ئايلىنالماسلىق ئىككى يۈرەكتىكى تارنىڭ چىكىلىش چىكىلمەسلىكىگە باغلىق.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1263
تۆھپە
768
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 14:38:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇدۇنيادا ئادەم مۇھاببەت بىرىپ ۋە مۇھاببەتكە ئېرىشىپ ياشايدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1384
تۆھپە
1135
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 15:05:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر  ئۆمۈر  ھەمرا  بولۇپ ئۆتىشى ناتايىن ،،مەندىمۇ  مۇشۇ خىل تۇيغۇ  ۋە ئىشلار  بولغان ..مەنمۇ ھازىر  خاڭجۇدا  تۇرۇپ  مەڭگۈ  ھەمرادىن  خالىي ...يوقالدى     ..بولدى........خەير،،،،
بۇ  تېمىڭىز  ياخشى بولۇپتۇ...


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

تىللا
855
تۆھپە
585
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 16:16:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ھەم بىرگەپ ھەم باشقا-باشقا گەپ.
بىرگەپلىكى: ئامراق بولۇپ قالماي قانداقمۇ ياخشى كۆرۇپ قالغىلى بولسۇن. دىمەك باشلىنىش- راۋاجلىنىش مۇناىسىۋىتى.
ئىككى گەپلىكى: نەدىمۇ ئامراق نەرسىلەرنىڭ ھەمممسنى ياخشى كۆرۇپ قالغىلى بولسۇن؟ ھېسىيات ماقۇل دەپ تۇرسىمۇ ئەقىل تاللايمەن دەپ تۇردۇ ئەمەسمۇ!!!


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 4

تىللا
370
تۆھپە
104
UID
602
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 17:03:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nadir يوللىغان ۋاقتى  2011-12-18 16:16
مىنىڭچە ھەم بىرگەپ ھەم باشقا-باشقا گەپ.
بىرگەپلىكى: ئا ...

120%راست گەپ جۇما


Rank: 1

ئىسىمى
ئادىل
تىللا
25
تۆھپە
17
UID
907
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 02:19:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ بىر تېما يوللاپسىز يا
ئادەمنى بۇرۇنقى ئۆتمىشنى ئەسلەتكۈزۈپ


شۇنداق بولسۇممۇ رەھمەت ھە   


Rank: 4

تىللا
379
تۆھپە
60
UID
2748
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 13:29:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بولغاندا بۇئىككىسى باشقا باشقا گەپ ،چۈنكىبۇ ھىسيات مەسىلىسى.


Rank: 2

تىللا
52
تۆھپە
16
UID
3158
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:43:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك  دۆتمۇ ياكى بەك نادانمۇ؟ بۇنى تازا ئايرىيالمايدىكەنمەن.....................


Rank: 2

تىللا
52
تۆھپە
16
UID
3158
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:44:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 12:14, Processed in 0.079031 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991