ھەقىقىي ۋەقە(چوقۇم كۆرۈڭلار)نىڭ داۋامى قېرىنداشلىرىم!
بۇ بىر ھېكايە ياكى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ھەقىقىي بىر ۋەقە قېرىنداشلىرىم. شۇڭلاشقا بىر دادىنىڭ ھېسسىياتىنى توغرا چۈشىنىڭلار!
ئوغلۇمنىڭ بەدىنىدىكى يارا ئىزلىرىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئوغلۇمنى باققان ئۆيگە تېلېفون قىلدىم، ئۇلار <<بىز ھېچنىمە قىلمىدۇق، تېرە كېسىلى بولۇپ شۇنداق كۆكۈرۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ>> دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئوغلۇمنى ئېلىپ شىمالىي قوۋۇق بالىلار دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم نەتىجە يەنىلا ئوخشاش، <سىرتتىن زەخىملەنگەن > دەپ دىياگنوز قويۇپ ئىسپات چىقىرىپ بەردى. مەن ئىسپاتنى ئېلىپ بېرىپ ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلدىم، ئۇلارشۇنداق تەسلىكتە دىلونى قوبۇل قىلىپ مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئوغلۇم ئۆيگە كىرمەستىنلا ماڭا چىڭ چاپلىشىپ شۇنداق قاتتىق يىغلاپ كەتتىكى، بېشىنى قۇچىقىمغا چىڭ چاپلىۋېلىپ تاكى بىز شۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ بولغۇچە يىغلاپ پۈتۈن بەدىنى تەرلەپ كېتىپتۇ ....ساقچى ئۇلاردىن قانداق ئىش بولغانلىقىنى سورىدى، جاۋاب يەنىلا بىز ھېچنىمە بىلمەيمىز. دوختۇرخانىنىڭ ئسپاتىنى كۆرسەتسەم ئۇلار بىز بۇ ئىسپاتقا ئىشەنمەيمىز ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتى بىرىنچى دوختۇرخانىسىدا پۈتۈن بەدەنلىك قان تەكشۈرۈش قىلىمىز، ئەگەر قاندىن ھېچقانداق مەسىلە چىقمىسا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز دېدى، شۇنىڭ بىلەن ساقچىمۇ نەتىجە چىققاندىن كېيىن ئاندىن دېلونى رەسمىي قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى . مەنمۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئەتىسى ئەتىگەن بىچارە ئوغلۇمغا چايمۇ ئىچكۈزمەي دوختۇرخانىغا بېرىپ بىلەكنىڭ نەچچە يەرنى تېشىپ قان ئېلىپ بىر كۈن دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈم، تېرە، قان...بۆلۈم ئىشقىلىپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ھەممە تەكشۈرۈش قىلدۇق. نەتىجە بالىنىڭ <<قاندا ھېچقانداق مەسىلە يوق، تېرە ۋە باشقا كېسەللىكمۇ يوق، سىرتتىن زەخىملەنگەن>> دەپ دىياگنوز قويۇپ، شۇنىڭغا ئىسپات يېزىپ چىقىرىپ بەردى، ھەممە تەكشۈرۈش قىلغان يەردە شۇلارمۇ بار . ئەتىسى ئاغرىقچان ئايالىم بىلەن ساقچىخانىغا بېرىپ پۈتۈن ئسپاتلارنى ئۇلارغا كۆرسەتتۇق ۋە ئۇلارنى تۇتۇپ ئېلىپ كېلىپ سوراق قىلىپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى ئېيتتۇق. ساقچى بىزدىن ئەھۋال ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ ھازىرچە قايتىپ تۇرۇشىمىزنى ۋە قانۇن دوختۇرىغا كۆرسىتىشنى دېدى. بىز شۇ يەردىن چىقىپلا قانۇن دوختۇرىغا رەسىمگە ئالدۇرۇپ قويۇپ، ئەتىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ ئىسپاتىنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. ساقچىنىڭ گېپى يەنىلا قايتىپ تۇرۇڭلار، سىلەرگە تېلېفون قىلىمىز.... مانا نەچچە كۈن بولدى، ھېچقانداق سادا يوق، يەنە بېرىپ قانداق بولغانلىقىنى سورىسام ساقچى: «ئۇلار بىز ھېچنىمە قىلمىدۇق دەپ تۇرۇۋالدى ، ئۇلارنى تۇتۇپ سولاشقا ئاساسىمىز يوق، شۇڭا (法制科)غا يوللىدۇق» دەپ يولغا سالدى. ئارىدىن مانا نەچچە كۈن ئۆتتى . ھېچقانداق خەۋەر يوق، شۇنىڭ بىلەن ئىزدەپ سوراپ ئۇ يەرنى تېپىپ باردىم، قارىسام دېلوغا مەسئۇل ھېلىقى ساقچى تېخى مېنىڭ ئالدىمدىلا دېلو مەلۇماتىنى ئېلىپ كېلىپ مەسلىھەت سوراۋېتىپتىكەن، توۋا يۇقۇرىغا يوللىدۇق دەپ مېنى ئالداپ نەچچە كۈننى ئۈتكۈزۈۋېتىپتىكەن-دە؟ دەپ ئويلاپ بەك ئىچىم ئېچىشتى .
ساقچى ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراپ ئولتۇرۇپتىكەن، مېنىڭ سىرتتا تۇرۇپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى، مەن سىرتتا ساقلاپ شۇلارنىڭ جاۋابىغا تەقەززا بولۇپ تۇردۇم ، تەخمىنەن 10 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن مېنى ئىشخانىغا چاقىردى . مەن دېلودا قانداق ئىلگىرىلەش بولغاندۇ دەپ كىرسەم ئۇلار ماڭا بۇ دېلونىڭ دەلىل-ئسپاتى تولۇق ئەمەس، شۇڭا بۇ دېلونى ئېنىقلاشقا نەچچە ئاي، ھەتتا نەچچە يىل كېتىدىغانلىقىنى، ساقچىلارنى ئالدىراتمىسام بولارمىش ، دېلو ئېنىقلىنىپ چىقمىغۇچە ھېچكىمنى جاۋابكارلىققا تارتالمايدىغانلىقى ۋاھاكازا.......مەنمۇ ئاچچىقىمغا چىدىماي تاسلا قالدىم شۇ يەردىلا ئىش چىقىرىپ قويغىلى، ئاچچىقىمدا ئۆيگە كېلىپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم شۇنچىلىك كايىپ كەتتىم . ئەمما مەن بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يەتتىم، يەنى، ئاتالمىش زىيالىيلارنىڭ بىزلەرنىڭ قانۇن ئېڭىمىز ساپايىمىز بەك تۆۋەن، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداشنى بىلمەيمىز ، باشقىلار ئۇنداق ، باشقىلار بۇنداق ، دەپ يۈرگەننىڭ بىر قۇرۇق سەپسەتە ئىكەنلىكىنى ، بىز قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا شۇنچە تىرىشساقمۇ قانۇننىڭ بىزنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشتا يەنە چولتا جايلىرى بارلىقىنى ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزىمىزنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم . بۇنداق دېسەم ھەممىڭلار قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلماڭلار ، ئۆيدىكى خوتۇن-بالىلىرىڭلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار، بولمىسا بىچارە مەزلۇم ئاياللىرىمىز باشقىلارغا توقال ياكى بولمسا ئاچ قېلىپ ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى 250 يۈەنلىك تۇرمۇش پۇلىغا چۈشۈپ قالمىسۇن، دادىسىزچوڭ بولغان بىچارە ئوغۇللىرىمىزئاتالمىش ئوغرى يانچۇقچى ....دادىسىز چوڭ بولغان سەبىي قىزلىرىمىز مىللەتنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرۈشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا ئۇلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ ئادىمىيلىك ئاتا قىلغۇدەك ياخشى بىر دادىغا مۇھتاجلىقنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك ئىدى. ئەمما بىز قەدەمدە بىر يولۇقۇپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق مەسىلىلەر بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ، بۇ پەقەت مەنلا يولۇققان ئەھۋال ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەت يولۇققان مەسىلىنىڭ بىر قىسمى، خالاس ، مۇشۇنداق جەمئىيەتتە قانداق ئادەملەر خاتىرجەم ياشاۋاتقاندۇ، بەلكىم قولىدىن ھەممە ئىشلار كېلىدىغان، ئاق دېسەم ئاق، قارا دېسەم قارا دەيدىغانلارمۇ؟ يا بولمىسا قۇرۇق تەشۋىقاتقا ئىشىنىپ ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ يۈرۈۋاتقانلارمۇ؟.......سۆزلەپ كەتسەم بەك قايناپ كەتكۈدەكمەن . ئاخىرىدا ماڭا ۋە مېنىڭ ئىشلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەن ، مەن ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن قېرىنداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-17 22:42