كۆرۈش: 12478|ئىنكاس: 36

«ئارقا ئىشىك»نى بىلەمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 14:46:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ يەردىمۇ "ئارقا ئىشىك" بار ئىكەن




      مەن بۇ توغرۇلۇق پەقەت سۆزلىمەي دېگەن، چۈنكى سۆزلىسەملا قايناپ بوينۇمغا تۆكۈلۈپ كېتىمەن.
     يېقىندا يېزىدىكى چوڭ ئاچامنى تۇيۇقسىز ئۆت ئاغرىپ كېتىش سەۋەبلىك شەھەرگە ئەكەلگەن ئىكەن. دوختۇرلار ئۇنى تەكشۈرۈپلا جىددىي داۋالىمىساق ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ دېدى، جان كىمگە تاتلىق دېمەيسىز؟ شۇ ھامان ماقۇل بولۇپ ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ياتاققا ئالدۇردۇق، ئىككى مىڭ يۈەن تۆلەپتۇق، بىر كۈنگە پايلىماپتۇ، يەنە ئىككى مىڭ يۈەن تۆلىدۇق، ئىشقىلىپ دوختۇرخانىدا مەن بىلىدىغان كىچىكى قان بېسىمىنى ئۆلچەشتىن تارتىپ، چوڭى س ت دەمدۇ، خې سى دەمدۇ ئىشقىلىپ ئۈچ كۈنگىچە كۈنىمىز كېسەلنى ھارۋىدا سۆرەپ، بىردەم 10- قەۋەتكە، بىردەم 1- قەۋەتكە قاتراپ تەكشۈرۈش بىلەن كەتتى. بۇ 11 قەۋەتلىك بىنادا ئاران تۆت لېفىت بار ئىكەن، بۇ شەھىرىمىزگە نىسبەتەن خېلى تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ. لېكىن چاققان تۇرمىسىڭىز ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن لېفىتكە ھەرگىز چىقالمايسىز، ئاۋۇ ۋارقىراپ تۇرۇپ لېفىت باشقۇرۇدىغان قىزنىڭ ئادەم تىللاشلىرىچۇ تېخى. لېفىتتە قىستىلىپ، ساق ئادەممۇ كېسەل بولۇپ قالىدۇ، دىققەت قىلمىسىڭىز قىستاشلاردىن كېسەلگە تاماق ئېلىپ ماڭغانلارنىڭ ئاش سۈيى كىيىملىرىڭىزنى بۇلغايدۇ.

    ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ ياتاقتا 10 كۈن كەتتى، تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلىمىز دېگەن، ھېچ ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرمايدۇ. دېھقان خەق دېگەن ئىككى مىڭ يۈەننى ئاسان تاپامدا؟ بىر مو يەرگە بۇغداي تېرىسا، ئۇنىڭ ئەتراپىدا 9 ئاي چۆرگىلەپ يۈرسە ئاران كۈچەپ كەتسە بەش تاغار بۇغداي چىقتى دېگەن گەپ، 250 يۈەندىن ھېسابلىسىمۇ ئاران 1250 يۈەن بولدى، بۇ جاپا تارتىپ تاپقان پۇل دوختۇرخانىدا ئىككى كۈنمۇ يەتمەيدىكەن.

    كېسەلنى كۈزىتىمىز، ئەگەشمە كېسەل بارمۇ يوق، ئوپېراتسىيە قىلساق كۆتۈرەلەمدۇ يوق دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ۋاقتىمىز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، پۇلىمىزمۇ غازاڭدەك كېتىۋاتىدۇ، ئى ياندىكى كارىۋاتتا ياتقانلار بەش كۈندىلا ئۆتىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ چىقىپ كەتتى، بىزدىن كېيىن كىرگەنلەرمۇ ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بۇنى بىلەلمەي يۈرسەك، بىر كۈنى بىرەيلەن:

   - دوختۇرخانىدا تونۇشۇڭلار بارمۇ؟ - دەپ سوراپ قالدى.

  - بىز سەھرادىن كەلگەنلەرنىڭ بۇ چوڭ دوختۇرخانىدا قانداق تونۇشىمىز بولسۇن دەيدىلا، - دېدۇق بىز بىچارىلەرچە.

   - تونۇشۇڭلار بولمىسا، كەچتە ئازراق نەرسە ئېلىپ مەسئۇل دوختۇرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ باققان بولساڭلار ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، - دەيدۇ.

   - كاناي ياغلىغىلى ياغ يوق تۇرسا، سۇناي ياغلىغىلى ياغ نەدە،- دېدىم مەن غۇدۇراپ.

   مەن نەدىن بىلەي، دوختۇرخانىدا پۇلغا داۋالانساقمۇ، يەنە ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ پۇل كېتىدىكەن ئەمەسمۇ. ئۇھ!!! ھەر ھالدا ئوپېراتىسيەگە ئورۇنلاشتۇردى.

    دۈشەنبە ئەتىگەن سائەت 7:30 دا ئوپېراتسىيەخانا ئالدىغا كەلدۇق، ھازىر كېسەللەرنىڭ تولىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالامدىكى، ئادەم خېلى جىق ئىدى. سائەت 8 بولغاندا سېستىرا ئاچىمىزنى ھارۋىغا ياتقۇزۇپ ئوپېراتسىيەخانىغا ئەكىرىپ كەتتى. ساقلاۋاتىمىز، بىر سائەت، ئىككى سائەت، ئۈچ سائەت....، جىددىيلەشكىلى تۇردۇق، خېلى جىق كېسەللەر ئوپېراتسىيە قىلىنىپ چىقىۋاتاتتى، لېكىن ئاچىمىز چىقمايۋاتاتتى. بىزدىن نەچچە سائەت كېيىن ئەكىرىپ كەتكەنلەرمۇ چىقىپ بولدى، ئەتىگەن دوختۇر  ئادەمنى قورقىتىدىغان بىرمۇنچە گەپلەرنى دەۋاتاتتى، خۇدايىم، ئۇنداق ئىشلار بوپ قالماس دېدۇق ئىچىمىزدە.

    بىر چاغدا تاقەت قىلالماي، سېستىرا قىزدىن سۈرۈشتۇردۇق، بىلدۇقكى ئاچىمىز ئوپېراتسىيەخانىغا كىرىپ كەتكەن بىلەن تېخى ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرماپتۇ، نەچچە سائەتتىن بۇيان شۇ يەردە يېلىڭ ئولتۇرۇپتۇ.

    - ئوپېراتسىيە قىلىدىغان دوختۇرنى تونۇمامتىڭىز؟ ئاخشام كۆرۈشۈپ قويمىغانمۇ؟- يېنىمدىكى كىشى سورىدى مەندىن.

   - ياق، شۇنداق ئىشمۇ بارمىكەن؟- دېدىم مەن.

   - پىچاق تۇتقان، ناركوز قىلىدىغان دوختۇرنى بىز ئالدىنقى كۈنى مېھمان قىلغان، ئازراقتىن سوۋغىمۇ بېرىپ قويغانتۇق، شۇڭا بىزنى سائەت مانچىدە كېلىڭلار دەپتى، ئىبايام كەلسەك دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىپ بولدۇق دېدى،- يېنىمدىكى كىشىلەر بىخىرامان ئولتۇراتتى.

    توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم. بىز ئەدەبىيات دەرسىدە ئۆگىنىدىغان "ئاق خالاتلىق پەرىشتە" دېگەن مۇشۇلارمىدۇ، ئۇلارنىڭ كېسەل داۋالاش مەجبۇرىيىتىغۇ؟ ئۇلارغا ھۆكۈمەت مۇئاش بېرىدىغۇ؟
    ھەر ھالدا 16 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئاچىمىزنى تىنچ-ئامان ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ساقايتىپ دوختۇردىن ئېلىپ چىقىۋالدۇق. دېھقان خەق دېگەن ئاقكۆڭۈل بولىدىكەن، تەن ساق بولسا بۇ پۇللارنى يەنە تېپىۋالارمىز دەيدۇ.

    بۇنداق ئىشلارغا تورداشلار سىلەرمۇ يولۇققانمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-5 12:42  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 15:14:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دەيدىغانسىز ... دوستۇمنىڭ ئىنىسنى سىىز دىگەن .... ئىشىك بىلەن مىڭ تەستە ئەسكەرلىككە ماڭدۇردى دەڭە!!!! بىز ھازىر بۇنى ئارقا ئىشىك دىمەيمىز.. پاي قوشوش ،كۈڭۈل دەيمىز...


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2183
تۆھپە
886
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 16:47:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئارقا ئىشىك قاچانقى گەپلەر ئۇ؟.... راسىت گەپنى قىلسام دوختۇرخانىدا بىرەر تونۇشىڭىز بولمىسا، ئۇ ھالدا سىز پۇلغا زورلاپ تېز داۋالانمىسڭىز باشقا ئامال يوق. چۈنكى پۇلى بار، مۇناسىۋىتى بار بىمارلار دوختۇرلارنى ئاللىبۇرۇن يولدىن چىقىرىپ بولدى. بۇ ئىشلارنى دەپ قاينىسىڭىز، دوختۇرخانا تۈزۈمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا شۇ تەرتىپ بويىچە ئىلىپ بارىدۇ. ئەگەر پۇل خەجلىسىڭىز، بۇ تەرتىپلەرنى دوختۇر بىۋاستە قىسقارتىدۇ. لىكىن ھەممە بىمارنىڭ داۋالاش تەرتىپىنى ئۇنداق قىسقارتىۋەرسە، دوختۇرخانا ئۇنمايدۇ. پۇل تېپىش كېرەك. پۇل تېپىش كېرەك. ئىلغار زامانىۋىي دوختۇرخانا قۇرۇش ئۈچۈن پۇل كېرەك، ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن پۇل كېرەك. ياتاقلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن پۇل كېرەك. AAA دەرىجىگە يەنە بىر A نى قوشۇش ئۈچۈن پۇل كېرەك. چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ مەخسۇس باشلىقلارنى كۈتىدىغان بۆلۈم ياتاقلىرى بار. يەنە مەخسۇس پۇلدار بايلارنى كۈتىدىغان ياتاقلىرىمۇ بار. پۇلىڭىز بولسا 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا يىتىپ تۇرۇپ داۋالىنالايسىز. دوختۇرخانىلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا قايىل قىلارلىق جاۋابلىرى بار.  ئويلاپ بىقىڭ.  دوختۇردا نېمە گۇناھ؟.... دوختۇردىن قاخشىسىڭىز نۆۋىتىڭىز كەلگەندە سىزنى داۋالايدۇ. ھەممە تەرتىپنى دوختۇرخانىنىڭ بەلگۈلىمىسى بويىچە ئىجىرا قىلىدۇ. سىز پەقەت بۇ تەرتىپلەرنى قىسقارتىشنى سېتىۋالىسىز. يىقىندا بىيجىڭدىكى مەلۇم بىر كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا مۇتەخەسىس نومۇرىنى ھايىنىغا سېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە مۇنداق سۆزلىنىدۇ. « سىز شۇنچە ئۆچۈرەتتە تۇرۇپمۇ كاماردىن نومۇر ئالالمايسىز، بۇنىسى ئىنىق. ئەگەر سىز ئىككى كۈن ئۇخلىماي ئۆچۈرەتتە تۇرسىڭىز ئاندىن ئالالايسىز. يىراقتىن كەلگەنلەر ئەسلا بېلەت ئالالمايدۇ. ئەسلىدىكى 20 يۈەنلىك بېلەت كەم دېگەندە 80 يۈەن. ھەتتا 350 يۈەنگە سېتىلغان.» بىر تۈركۈم كىشىلەر گورۇھ بولۇپ كىچە كۈندۈز نۆۋەتلىشىپ ئۆچۈرەتتە تۇرۇپ، كۈندىلىك سېتىلىدىغان بېلەتنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالىدۇ. باشقىلار كامارغا كەلسە بېلەت يوق. كېسەلنى ۋاقتىدا كۆرسىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئەشۇنداق ھايىنكەشلەرنىڭ قولىدىن قىممەت بېلەتنى سېتىۋىلىشقا مەجبۇرسىز. ساقچىلار ئارلاشقان بولسىمۇ ئۇلار كۈندە ھەرخىل كىشىلەرنى ئىجارىگە ئىلىپ، كۈندە ئادەم ئالماشتۇرۇپ بېلەت سېتىۋالغان، ئاشكارلىنىشچە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر كىچە ئۆچۈرەتتە تۇرۇپ بېلەت سېتىۋالسا پايدىسىغا 50 يۈەن بىردىغانلىقنى ئاشكارلىغان، ھەتتا شۇ ئەتراپتىكى چوڭ ياشانغان بىكارچى بوۋاي مومايلارمۇ بۇ ئىشتىن ئوبدان نەپ ئالغان. سىز ئۆچۈرەتتە تۇرۇپ بىر بېلەت ئالدىڭىز. ئاندىن سىرىتقا چىقىپلا ھايىنكەشلەرگە قىززىقىدىلا 50 سوم پايدىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەردىڭىز. دېمەك كىممۇ بۇ ئىشنى قىلىشنى خالىمايدۇ. بىز ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئىمتىھانلارغا 2 سائەت كومسىيە بولساق، 50~100 سوم ئالىمىز. تېخى ئىشى جىق. بۇنداق ياخشى پايدا ئالىدىغان ئىش شۇ داڭلىق دوختۇرخانىدا ئۈزۈل كېسىل ھەل بولمىغان. ساق ئادەملەر، ھىچ ئىش قىلمايلا كېسەل ئادەملەرنى بوزەك قىلىۋاتسا. دوختۇخانا ئۆزىنىڭ تۈزۈمى بويىچە ئىش قىلىۋاتسا. دوختۇرلار ئۆزىنىڭ مەجبۇريىتىنى تەرتىپ بويىچە ئادا قىلىۋاتسا. يەنە دوختۇرنى تىللامسىز؟.... دەرۋەقە بىر قىسىم دوختۇرلار ئەشۇنداق ئارقا ئىشىككە كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، بىراق كۆپ سالماقنى ئىگەللىمەيدۇ. شۇڭا جەمئىيەتتە قاراپ بىقىڭ. بالىسىنى ئوقۇتۇۋاتقان پات يىقىندا پەرزەنتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا  قاتنىشىش ئالدىدا  كىشىلەرنىڭ قايسىبىرىدىن سوراپ بىقىڭ. «يىشۆۋەندە....  ئوقۇتقسام» دېگەننى ئاڭلىماي قالمايسىز. چۈنكى دوختۇرخانا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىر تەرەپتىن جانغا ئەسقاتىدىغان ئورۇن، ئىككىنجى تەرەپتىن قولىڭىزدا چويلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ پۇل سۈزدىغان كۆلچەك.  


    مېنىڭچە دوختۇردا مەسىلە يوق. پىچاق تۇتالىغانكەن، سىزنى ئالدىغا ئاپىرالىغان ئىكەن، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە شۇ كېسەلنى داۋالىيالايدىكەن شۇ نوچى دوختۇر. شۇ دوختۇرمۇ شۇ ئورۇنغا چىقىش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. مەسىلە دوختۇردىن باشقىسىدا.... كۆپ گەپ قىلىش ھاجەتسىز.

ھەممىزىنى ئۇلۇغ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. دوختۇرخانىغا ھاجەت قىلمىسۇن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5672
تۆھپە
2889
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 16:55:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە دوختۇر تونۇشى بارلار بارمۇ؟ مېنى بىر تونۇشتۇرۇپ قويساڭلارچۇ؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
737
تۆھپە
377
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 22:16:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىلا يەر شۇنداق ،   1 = 1 دىگەن ئالا بۇرۇن يوق بولىدى ، ھازىرقى زامان ئالاقە ، ئۇچۇر ، ئىقتىساد ۋە مۇناسىۋەت دەۋرى .


مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 22:45:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆت يوللىغان ۋاقتى  2011-12-4 15:14
نىمە دەيدىغانسىز ... دوستۇمنىڭ ئىنىسنى سىىز دىگەن .... ئى ...

  ۋاھ!، بۇنىڭمۇ يېڭى نامى چىقىپتۇ دە. ھازىرغۇ بىنالاردا ئىشىك تولا بولۇپ كەتتى، قايسىسى ئالدى ئىشىك، قايسىسى يان ئىشىك بىلگىلىمىۇ بولمايدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 22:46:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2011-12-4 16:55
بۇ مۇنبەردە دوختۇر تونۇشى بارلار بارمۇ؟ مېنى بىر تونۇش ...

   بولدىلا، خۇدايىم سىزنى شۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىشقا بۇيرۇمۇسۇن، بولمىسا سىزمۇ مەندەك كۈنگە قالماڭ يەنە


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 22:48:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
musapirbala يوللىغان ۋاقتى  2011-12-4 22:16
ھەممىلا يەر شۇنداق ،   1 = 1 دىگەن ئالا بۇرۇن يوق بولىدى ،  ...

   بۇ ھازىر بىز سىياسى ئۈگۈنۈشلەردە داۋاملىق ئۈگۈنۈۋاتقان ..... ئالاھىدىلىككە ئىگە ...... زىمكەن د ە


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 22:49:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگئەر يوللىغان ۋاقتى  2011-12-4 16:47
ئارقا ئىشىك قاچانقى گەپلەر ئۇ؟.... راسىت گەپنى قىلسام  ...

   خەپ، مەنمۇ بالامنى نىمە كەتسە شۇ «يىشۆيۇەن»دە ئوقۇتمىسام


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1904
تۆھپە
556
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 23:26:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر تونۇش بولمىسا

مۇھەممەتجان راشىدىن

ئىش پۇتكۇزمەك مۇشەققەت بىرەر تونۇش بولمىسا ،
قوشۇلىدۇ شەرتكە شەرت ،بىرەر تۇنۇش بولمىسا .
قوشۇلىدۇ دەرتكە دەرت ،بىرەر تونۇش بولمىسا ،
يىغلاشمۇ بار نەچچە رەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا ،
ئەڭ ياخشىسى  ،ئاستا كەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا

بولۇۋالدى خادىملار ئىشنى يولسىز بىجىرمەس ،
مىدىرلىماس ئاز پۇلغا ،ئۇندا بىزنى باسار نەس .
ئارقا ئىشىك ئاچمىساڭ ،ئاسان ئىشمۇ بولار تەس ،
شۇڭا ،تونۇش ئىزدەيمىز مېڭىپ يۇرۇپ ئىگىز -پەس ،
تۇگىشىمىز پۇل تۆلەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

تونۇشلىرى بارلارنىڭ بالىلىرى خىزمەتتە ،
يېقىنلىرى يوقلارنىڭ قالدى يىللاپ بىر چەتتە .
پىرىنسىپلا،ھۆججەتلەر يوق ئەمەستۇر ئەلۋەتتە ،
ھۆججەت قېلىپ بىر چەتتە ،ئىش پۇتىدۇ خىلۋەتتە ،
يامان ئىكەن شۇ خىلۋەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .  

كۆرە -كۆرمەي دوختۇرلار ،بالنىستا يات دەيدۇ ،
يېتىشمەيدۇ پۇل دىسەم ،ئۆي -جايىڭنى سات دەيدۇ .
بىر شەيتىنىم پىچىرلاپ ،رىستۇرانغا تارت !دەيدۇ ،
كۆڭلۇم ئەمما ،ياخشىسى ،بىرەر تونۇش تاپ دەيدۇ ،
ئۆزگە ئامال يوق پەقەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

تونۇش كېرەك جىق ئىشتا ،تىجارەتتە سەپەردە ،
تونۇش -بىلىش بولمىسا ،ھاياتىڭمۇ خەتەردە .
ئىشچى بولۇپ زاۋۇتقا ،رەسمىيەتنى ئۆتەردە ،
قەرىز ئېلىپ بانكىدىن ،جانغا لازىم ئېتەردە ،
كار قىلمايدۇ ئاق ھۆججەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

تونۇش دېگەن تۇنۇشكەن ،يۇمشىتاركەن قاتتىقنى ،
ئايلاندۇرۇپ تاتلىققا ،ئوڭشايدىكەن ئاچچىقنى .
يىقىنلىرى پەسكۇيغا چۇشۇرەركەن باشلىقنى ،
تونۇش كېلەر يېتەكلەپ غەم باسقاندا شادلىقنى ،
سوكۇلدايسەن ھەپتىلەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

تامغا تۇتقان خادىملار بولۇپ كەتتى تەمەخۇر ،
كۇندە بېلىق تۇتماقچى بىزدەكلەرگە سېلىپ تور .
زەن سالمايدۇ ،كۆرمەيدۇ ،باشلىقىڭنىڭ كۆزى كور ،
ئېيتسا كېرەك باشلىقمۇ بىللە ناخشا ،بىللە خور ،
شۇڭا ،ئۆتمەس ئەرز خەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

ئەقەلىيسى ،ئالالماي بىر پىراۋا بالامغا ،
ئۆتۇپ كەتتى توققۇز ئاي قۇرۇق بارغاچ سالامغا .
پۇل سۇڭگۇتسەم ،جۇدالىق كېلەر ئىكەن كاللامغا ،
تۇز سەپكەندەك بولمامدۇ ساقايمىغان يارامغا ،
ئۇندىن باشقا نە مەدەت ؟بىرەر تونۇش بولمىسا .  

قىل قالغاندا بىر قېتىم قېقىلغىلى ئىچىمدىن ،
بىر تونۇشۇم بىر تالاي قالدى ساقلاپ چىقىمدىن ،
كۆزلەيدىكەن ،ۋاي ئۇلار باشقىسىنى  پېتىمدىن ،
ئايرىلغىلى تاس قالدىم بىر ئاپشاركا ئىتىمدىن ،
ئۆلەر ئىدىم شۇ سائەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

بىرەر تونۇش بولمىسا ،ياقا يۇرتقا چىقساڭمۇ ،
مۇساپىرسەن ،غېرىپسەن پۇل خەجلەشنى ئۇقساڭمۇ .
تەشۋىش بىلەن ياشايسەن تاۋكالاردا ئۇتساڭمۇ ،
تونۇشلارغا يىتەمدۇ بىرەر ئاشنا تۇتساڭمۇ ،
كېتەر سەندىن سەلتەنەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .  

تېنەپ قالدىم تۇيۇقسىز بىرەر تۇنۇش بولمىغاچ،
سەرسان بولدۇم ،يات كۆرۇپ سارايلاردىن قوغلىغاچ .
بىر شەھەرگە بىر كۇنى بېرىپ قېلىپ ئوينىغاچ ،
ئامان قالدىم تۇرمىدىن ياندا پۇلۇم قوغدىغاچ ،
بولار ئىكەن بەكمۇ سەت ،بىرەر تۇنۇش بولمىسا .

تونۇشتۇرۇش دېگەندىن تونۇش ياخشى بوپقالدى ،
سايىسى يوق دەرەختىن قومۇش ياخشى بوپقالدى .
تونۇشلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ياخشى بوپقالدى ،
يىرتىقىمغا ئەسقاتقان پۇرۇچ ياخشى بوپقالدى ،
تۇگىتەتتى مېنى يەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-4 23:28  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 15:20, Processed in 0.081083 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991