كۆرۈش: 15912|ئىنكاس: 48

قايسىسى ھالاكەت گۇرۇپپىسى؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 18:15:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قايسىسى ھالاكەت گۇرۇپپىسى؟


     3- دېكابىر ئەتىگەن سائەت 1 دە، 2012- يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا چەك تارتىش مۇراسىمى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كېيىف دۆلەتلىك سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
     بۇ قېتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 16 كۈچلۈكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 16 دۆلەت چەك تارتىش ئارقىلىق 4 گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئۇكرائىنا بىلەن پولشا تەبىئىيلا "ئا" گۇرۇپپا ۋە "د" گۇرۇپپىدىكى ئۇرۇق كوماندا بولۇپ بېكىتىلدى، جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون ۋە 2- بولغان ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيە بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە نومۇرى ئەڭ كۆپ بولغانلىقتىن قالغان ئىككى ئۇرۇق كوماندا بولۇپ تاللاندى. قالغان 12 دۆلەت كوماندىسى ئېرىشكەن نومۇرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلدى، ئۇندىن باشقا يەنە ئوخشاش دەرىجىدىكى كوماندا بىر گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ قالماسلىق پىرىنسىپى ئىجرا قىلىندى.
    مۇسابىقە 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە ئۇكرائىنا ۋە پولشادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

          تەپسىلىي گۇرۇپپىغا ئايرىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

     "ئا" گۇرۇپپا:   پولشا،       گىرېتسىيە،  رۇسسىيە،    چېخ؛
     "ب" گۇرۇپپا:  گوللاندىيە،  دانىيە،       گېرمانىيە،  پورتۇگالىيە؛
    "س" گۇرۇپپا:  ئىسپانىيە،   ئىتالىيە،     ئېرلاندىيە،  كىرودىيە؛
    "د" گۇرۇپپا:    ئۇكرائىنا،    شىۋېتسىيە، فىرانسىيە،  ئەنگىلىيە؛

     ھازىر ھەرقايسى پۇتبول ساھەسىدىكىلەر غۇلغۇلا قىلماقتا، زادى قايسى گۇرۇپپا ھالاكەت گۇرۇپپىسى بولىدۇ؟ كىملەر 8 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىدۇ؟ ئىسپانىيە چېمپىيۇنلۇقىنى ساقلاپ قالالامدۇ-يوق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-4 13:00  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2951
تۆھپە
840
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 19:07:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە س گۇرۇپپا ھالاكەت گورۇپپىسى


Rank: 2

تىللا
77
تۆھپە
18
UID
2506
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 21:16:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىڭغا بىر نمى دىيش سەل بالدۇر تىخىى


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5674
تۆھپە
2891
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 21:38:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فرانسىيەنىڭ سۆيگۈ مەستانىلىرى تۈگەشتى!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 22:06:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2011-12-3 19:07
مەنچە س گۇرۇپپا ھالاكەت گورۇپپىسى

  مىنىڭچە ب گورۇپپا ھالاكەت گورۇپپىسىغا لايىق


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 22:10:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2011-12-3 21:38
فرانسىيەنىڭ سۆيگۈ مەستانىلىرى تۈگەشتى!

   فىرانسىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۆز ئىناۋىتىمىزنى قايتىدىن تىكلەپ، ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندا نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دىگۈدەك، سەل پو ئېتىپ قالدىمۇ قانداق؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5674
تۆھپە
2891
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 22:28:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haltakoqa يوللىغان ۋاقتى  2011-12-3 22:10
فىرانسىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۆز ئىن ...

قاتتىق سۆڭەك زىنىدىن زىدان بولمىسا فرانسۇز سۆيگۈبازلىرىدىن ئۈمىد يوق، يەنە بىر قاتتىق سۆڭەكنىڭ تۇغۇلىشىنى ساقلىماقتىن باشقا ئىلاج يوق!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
يۈسۈپجان
تىللا
772
تۆھپە
366
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 03:40:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇنى ئايرىش سەل تەسكەچۈشكىدەك ،ھەمىسىلا قابىل كاماندىلاركەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 13:21:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sukut يوللىغان ۋاقتى  2011-12-4 03:40
مىنىڭچە بۇنى ئايرىش سەل تەسكەچۈشكىدەك ،ھەمىسىلا قابىل ...

  مۇسابىقىنىڭ تىزرەك باشلىنىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈۋاتىمەن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە چوقۇم بەك قىززىيدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 23:12:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئا گورۇپپا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئاجىز دەپ قارالغان كوماندىلار يىغىلغان گورۇپپىكەن. چەك تارتىش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئەڭ خۇشال بولغىنى ساھىپخان پولشا كوماندىسىكەن، چۈنكى پولشا بۇ گورۇپپىدا رەقىبلىرى بىلەن بۇرۇن خېلى تۇتۇشقان، ئۇتۇش كۆپ ئۇتتۇرۇش ئاز بولغان، شۇڭا گورۇپپىدىن چىقىش ئىشەنچى چوڭكەن.
   گېرىتسىيە كوماندىسى 2004- يىلى ياۋروپا چىمپىيۇنى بولغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەجىربىسى مول، ئۇلارمۇ بۇ گروپپىغا بۆلۈنۈپ قالغانلىقىدىن بەك خۇشال.
    روسىيە ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىمۇ گېرىتسىيە بىلەن بىر گورۇپپىدا بولۇپ، گېرىتسىيەنى بىردىن بىر يەڭگەن كوماندا، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىمۇ چوڭ بولماقتا.
    چىخنىڭ ئاجايىپ تارىخى بار، 1996- يىلى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 2- بولغان، 2000- يىلى گورۇپپىدىنلا شاللىنىپ كەتكەن، 2004- يىلى 4 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرگەن، 2008- يىلى يەنە گورۇپپىدىن شاللىنىپ كەتكەن. بۇ قانۇنىيەتكە ئاساسلانغاندا بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجە يارىتامدۇ قانداق.

   نىمە بولمىسۇن، بۇ گورۇپپىنىڭ مۇسابىقىسى چوقۇم قىززىيدۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 15:47, Processed in 0.078124 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991