كۆرۈش: 8891|ئىنكاس: 14

دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى - لىجىياڭ قەدەمىي شەھىرى (سۈرەت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 20:15:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى - لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى


    لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىجياڭ ناشى ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ياسالغان(مىلادى 13- ئەسىرنىڭ ئاخىرى). قەدىمىي شەھەر يۈننەن-گۈيجۇ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2400 مېتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن شەھەرنىڭ كۆلىمى 3.8 كۋادرات كىلومېتىر، ھازىرقى ئائىلىسى 6200، نوپۇسى 25 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ناشى مىللىتى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.

    1997- يىلى 12- ئايدا، لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قامۇسىدا تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھەر بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.

     2003- يىلى 4- ئايدا، لىجياڭ ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، لىجياڭ شەھىرى تەسىس قىلىندى ھەمدە ئەسلىدىكى لىجياڭ ناشى ئاپتونوم ناھىيەسى ھازىرقى لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى بىلەن يۈلۇڭ ناشى ئاپتونوم ناھىيەسىگە ئايرىلدى.

    لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى 1996- يىلىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت 1 مىليارد 300 مىليون يۇەن مەبلەغ سېلىپ ئۆز ئورنىغا ئەسلىدىكى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا قايتا قۇرۇپ چىققان.

    لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جۇڭگو تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەت ماركا شەھىرى، جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي مەنزىرە نۇقتىسى، جۇڭگودىكى تارىخىي مەدەنىيلىك مەشھۇر شەھەر، دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس يۇرتى، دۇنيا تەبىئىي مىراس يۇرتى، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ئورنى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

    لىجياڭ شەھىرى لىجىياڭ قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەخسۇس قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ئىدارىسى قۇرۇپ، 2003- يىلدىن باشلاپ 236 ئائىلىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن، «ناشىلىقلار ئائىلىسى»، «مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدە كوچىسى» قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويغان. لىجياڭ مەدەنىيەت تەتقىقات ئۇيۇشمىسى، لىجياڭ ناشى مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىش ئورنى قاتارلىقلارنى قۇرغان. ھەر يىلى قەدىمىي شەھەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش چىقىملىرى ئۈچۈن 10 مىليون يۇەن خەجلەيدىكەن.

    بۇ شەھەردىكىلەر قەدىمىي شەھەرنى قوغداش خىزمىتىنى مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، لىجياڭ نوپۇسىدا بولمىغان ھەر قانداق كىشىلەرنىڭ لىجياڭ زېمىنىغا دەسسىگەن ھامان ھەر بىر ئادەم بىر قېتىمدا 80 يۇەندىن قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ھەققى تاپشۇرۇشنى بەلگىلىگەن. 2003- يىلدىن ھازىرغىچە، مۇشۇ ئۇسۇلدا 700 مىليون يۇەن قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ھەققى يىغىۋالغان.

   يېقىندا مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قەدىمىي شەھەرنى كۆرۈش، زىيارەت قىلىش، ئايلىنىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم ھەم تورداشلار بىلەن ئورتاق بەھر ئېلىش ئۈچۈن، لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى يوللاپ قويدۇم.

   لىجياڭ شەھىرىنىڭ قەدىمىي شەھەرنى قوغداش، ئاسراش، ئۇنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇرۇش تەجرىبىسى باشقا ئورۇنلارنىڭمۇ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىكەن.

   سۈرەتتە: لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى كوچىلىرى

                                             (خالتا كوچا فوتوسى)



IMG_7684.jpg

لىجياڭ قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدا تاشنى پارچىلاپ ياتقۇزغان كوچىلارنى، تاشتا ئېتىلگەن تاملارنى ماڭدامدا بىر كۆرگىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ شەھەردىكىدەك تاشقا «رەندە» سېلىپ تۈزلەپ سىلىقلاشتۇرمايدىغان، يۈزى قوتۇر بولسىمۇ يەنىلا شەھەرگە ماسلىشىپ، يول ماڭغان كىشىگە ھارغىلىق ھېس قىلدۇرمايدىكەن


IMG_7683.jpg

لىجياڭ قەدىمىي شەھەر كوچىسىدىكى ھەر بىر ئاممىنىڭ ئۆيى ھەم تۇرالغۇ، ھەم دۇكان، ھەم مېھمانخانا سۈپىتىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، شەھەر ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىكەن


IMG_7682.jpg

گەرچە قەدىمىي شەھەر بولسىمۇ ماڭدامدا بىر ھەر خىل گۈل-گىياھ، دەرەخلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن


IMG_7681.jpg

كوچىغا قارايدىغان ئۆيلىرىنى ئۆزى دۇكان ئاچقاندىن سىرت، باشقىلارغا ئىجارە بەرسىمۇ بولىدىكەن، بۇ سۈرەتتىكىسى بىر ئېغىزلىق ئۆيدە رەسىم سىزىش نۇقتىسى ئېچىپ، ھەم ناشى مىللىتىنىڭ مەدەنىيتىنى نامايەن قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن رەسىم سېتىپ كىرىم قىلىدىكەن


IMG_7675.jpg

قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدا يولدىن ئادىشىپ قالغانلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەخسۇس ھەقسىز يول باشلىغۇچىلار باركەن


IMG_7676.jpg

كىچىككىنە بوشلۇقتىمۇ يېشىللىق بولىدىكەن


IMG_7677.jpg


IMG_7678.jpg

بۇ ھەم ئۆي، ھەم چايخانا

IMG_7673.jpg

قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدا مەخسۇس ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان كۈتۈۋېلىش ئۆيلىرى تەسىس قىلىنغان


IMG_7672.jpg


IMG_7671.jpg


IMG_7670.jpg


IMG_7666.jpg


IMG_7667.jpg

قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ ئاقىدىغان ئېرىقلار بار ئىكەن، لېكىن كېرەكسىز سۇ بۇ ئېرىقلارغا تۆكۈلمەيدىكەن


IMG_7668.jpg

كوچىنىڭ ھەر500 مېتىر ئارىلىقتا بىردىن ئاممىۋى ھاجەتخانا بار ئىكەن، ھاجەتخانىغا ھەق ئالمايدىكەن، لېكىن ئىچىدە قەغەز ھەقسىز تەمىنلىنىدىكەن، بۇ ھاجەتخانا بىزنىڭ يۇرتتىكى ئالىي دەرىجىلىك زىننەتلەنگەن تېز تاماقخانىلارنىڭ ئايرىمخانىلىرىدىنمۇ پاكىز ئىكەن، قاراڭ، بۇ ئىككى قەۋەتلىك ئاممىۋى ھاجەتخانىغا، ئەگەر ئىشىك بېشىغا ئاممىۋى ھاجەتخانا دېگەن خەت بولمىسا، بۇنى ھەرقانداق كىشى بىركىمنىڭ مېھمانخانىسى دەپ قالىدۇ


IMG_7669.jpg


IMG_7665.jpg

قەدىمىي شەھەر رايونىدا يەر تەۋرەشتە ئامان قالغان كونا تاملار ساقلاپ قېلىنغان


IMG_7664.jpg

دۇكاندىكى ناشى قىزلىرى توقۇغان بۇيۇملار


IMG_7663.jpg

قەدىمىي شەھەر رايونىدا بىر كىچىك مەيدان بولۇپ، پېشقەدەم ناشى ئاياللىرىدىن تەشكىللەنگەن ھەقسىز ئويۇن قويۇش ئەترىتى توختىماي ناشى ئۇسۇلىنى ئويناپ تۇرىدىكەن، كىم ھېرىپ قالسا ئارقىغا چىقىپلا ئارام ئالىدىكەن، بەزىلىرى بالا-نەۋرىلىرىنى يۈدۈۋالغىنىچە ئوينايدىكەن، ئۇلارنى ھېچكىم تەشكىللىمىگەن ياكى ھەقمۇ بەرمەيدىكەن، ئۇلار بىر تەرەپتىن بەدەن چېنىقتۇرغاچ، بىر تەرەپتىن مىللىي مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىدىكەن، ئىشى بولسا كەتسە بولىدىكەن، يەنە بىرى كېلىپ تۇرىدىكەن، قوشۇن ئۈزۈلۈپ قالمايدىكەن


IMG_7662.jpg

چەتئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ ناشى ئۇسۇلىغا چۈشۈپتۇ



IMG_7654.jpg

شەھەر ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتۈدىغان بۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيى بەكمۇ سۈزۈك، تېخى قىپقىزىل ئالتۇن بېلىقلار ئۈزۈپ تۇرۇپتۇ، جاھاننىڭ چېتىدىكى بۇ ناشى مىللىتىنىڭ ئېڭى خېلى يۇقىرىكەن، بىرمۇ ئادەم بۇ بېلىقلارنى تۇتمايدىكەن


IMG_7655.jpg


IMG_7656.jpg


IMG_7661.jpg


IMG_7653.jpg


IMG_7652.jpg

قەدىمىي شەھەردىكى مۇزىكىلىق ئاشخانا، چايخانا، كىتابخانا


IMG_7651.jpg


IMG_7647.jpg


IMG_7646.jpg

بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ خۇراپاتلىققا ئىشىنىدىكەن، شەھەر مەركىزىدىكى بۇ پېشايۋانغا ئېسىلغان نۇرغۇن تاختىلار سىرتتىن كېلىپ ئۆزىگە بەخت تىلەپ ياكى ئۆز مۇرادىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئېسىپ قويغان تاختىلاركەن


IMG_7640.jpg

قەۋەت-قەۋەت كونا ئۆيلەر


IMG_7638.jpg


IMG_7637.jpg

تاش ياتقۇزۇلغان كوچا


IMG_7632.jpg


IMG_7631.jpg


IMG_7629.jpg

شەھەر ئاممىسى ئىشىك ئالدىغا چىقىپلا تاماق ئېتىپ، قول ئىشىنى قىلىۋېرىدىكەن


IMG_7628.jpg

ياغاچ ئويما رەسىملەر


IMG_7627.jpg

ئاشخانا


IMG_7626.jpg

ناشى يېزىقى، ئۇلار ھەر بىر گەپنى خۇددى ھايۋاننىڭ رەسىمىدەك بىر نېمىدە يېزىپ ئىپادىلەيدىكەن


IMG_7625.jpg

دۇكاندا ئىجادىيەت قىلىش


IMG_7624.jpg

مېھمانخانا، ئىشىك ئالدىدىكى ئاۋۇ ۋېلسىپىت ئىجارىگە بېرىلىدىكەن، كونا شەھەر رايونىنى پىيادە ئايلىنىش تەس كەلگەنلەر ۋېلسىپىت ئىجارە ئېلىپ چۆرگىلەيدىكەن


IMG_7623.jpg


IMG_7622.jpg


IMG_7621.jpg

شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيى


IMG_7620.jpg



        (خالتا كوچا ساياھەت خاتىرىسىدىن، 2011- يىل 11- ئاي)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-4 12:22  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 22:52:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساياھەت ئۈچۈنلا يارالغان شەھەر ئوخشايدۇ . تاغ - دەريالارمەنزىرىسىنىمۇ بەك گۈزەل دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Barcelona تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-2 22:53  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
2950
تۆھپە
840
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 23:08:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بېرىپ ساياھەت قىلغاندەكلا بولدۇم رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
يۈسۈپجان
تىللا
772
تۆھپە
366
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 02:46:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالتاكوچا ئەپەندى ،فۇتۇگىرافلىقتاخېلە يتىشىپ قېپلاجۇمۇ، تارتقان رەسىملىرى ناھايىتى ئۇچۇق ،بەدىيلىك چىقىپتۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sukut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-3 02:47  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:59:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Barcelona يوللىغان ۋاقتى  2011-12-2 22:52
ساياھەت ئۈچۈنلا يارالغان شەھەر ئوخشايدۇ . تاغ - دەريالا ...

  شۇنداق، بۇ شەھەر جۇڭگودىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى كىشىلەر ئولتۇرۇشقا، ساياھەت قىلىشقا ئەڭ باپ كىلىدىغان شەھەر دەپ نام ئالغان. چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ يىللىق تىمپىراتۇرسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 29 گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 0 گىرادۇس بولىدىكەن، ئاساسەن قىش ياز بىر ئىللىق سالقىن ھاۋا بولىدىكەن، شۇڭا ساياھەتچىلىكى بەك تەرەققى قىلغانكەن، ساياھەتچىلىك كىرىمى يىلىغا 14 مىليارت 400 مىليۇن يۇەن (2011- يىل 11- ئايدىكى سان) كىلىدىكەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:59:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sukut يوللىغان ۋاقتى  2011-12-3 02:46
خالتاكوچا ئەپەندى ،فۇتۇگىرافلىقتاخېلە يتىشىپ قېپلاجۇ ...

  ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت، كەسپىي ھەۋەس خالاس، سەۋىيەدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:00:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2011-12-2 23:08
مەن بېرىپ ساياھەت قىلغاندەكلا بولدۇم رەھمەت.

   رەھمەت، دوستلارنىڭ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بىردەم بولسىمۇ ھاردۇقى چىققان بولسا مەن شۇنىڭدىن خوش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:03:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sukut يوللىغان ۋاقتى  2011-12-3 02:46
خالتاكوچا ئەپەندى ،فۇتۇگىرافلىقتاخېلە يتىشىپ قېپلاجۇ ...

  بۇ ئادەتتىكى «ئەخمەق» ئاپاراتتا تارتىلغان سۈرەت، شۇڭا بەزى نۇقتىلارنى يەنىلا فوتوگىرافىيە نۇقتىسىدىن ئىپادىلىگىلى بولمىدى


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2149
تۆھپە
742
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:56:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن گۈزەل شەھەركەن خالتا كوچا ئەپەندى بۇ سۈرەتلەردە سىلى كۆرۈنمەيلىغۇ


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 13:14:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarsanroh يوللىغان ۋاقتى  2011-12-3 12:56
ھەقىقەتەن گۈزەل شەھەركەن خالتا كوچا ئەپەندى بۇ سۈرەتل ...

   شۇنداق، ئۆزگىچە مەدەنىيەتلىك شەھەركەن، لىكىن يەنىلا قەشقەر شەھىرىگە تەڭ قىلمىدىم جۇمۇ، ئۆزۈمنىمۇ سۈرەتكە تارتاي دىگەن، شۇ ئاپاراتنى ھەرقاچە توغرىلىساممۇ پەقەت چىقماپتىمەن دىسىلە


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 15:13, Processed in 0.108172 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991