ئىپلاس! سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ؟
قومۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېڭشۈن تورى مىكرو بلوگى 22 - نويابىر باياناتى:
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قومۇل ۋىلايىتى قۇمۇل شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ قارار ماقۇللىدى:
1. دېلوغا چېتىشلىق ئوقۇتقۇچى ئىشتىن ھەيدىلىپ، ئەدىلىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. 2. مەكتەپ شۇجىسى ۋە ئەخلاق تەربىيىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ، مەكتەپ مۇدىرى ئىستىپا سورايدۇ. شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى باشلىقى خىزمەتتىن يۆتكىۋېتىلىدۇ. 3. شەھەر رەھبەرلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورايدۇ. 4. ۋىلايەت ۋە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئورۇنلىشىدۇ.
يۇقارقى خەۋەرنى ئوقۇپ تېخى تۆنۈگۈنلا تاشلاشقا ئىرادە قىلغان تاماكىنى يەنە چىشلىدىم، كۈچەپ - كۈچەپ ئىچىمگە تارتتىم. ئاپپاق تۈتۈن يۇقىرى ئۆرلىمەكتە...
گەرچە ھېلىقى مەلئۇننىڭ تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىغانلىقى ناھايىتى ياخشى بولغان بولسىمۇ ئەمما پەقەتلا خۇشھال بولالمايۋاتاتتىم.
نېمە ئۈچۈن؟ زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن جىنايەتچى باشقا بىر ئادەم ئەمەس بەلكى ھەممە ئىنسان ھۆرمەت قىلىدىغان "ئوقۇتقۇچى" بولۇپ قالىدۇ؟ مەيلى قانداقلا مىللەت بولسۇن، مەيلى قايسىلا دەۋرلەردە بولسۇن ئوقۇتقۇچىلار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنغۇ؟ مىللەتنىڭ تەقدىرى، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى شۇ ئوقۇتقۇچىلارغا تاپشۇرۇلغانغۇ؟ ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشتىن بۇرۇن شۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى چۈشىنىشى، ئاخىرغىچە دەرس مۇنبىرىدە دەس تۇرۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەرنى تەربىيىلەش تەربىيىلەش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرىنى ئويلاپ ھۆكۈمەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاش تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. (گەرچە مەمۇرلارغا يەتمىسىمۇ) شۇ سەۋەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەمۇرلۇقتىن قالسىلا تالىشىپ تىزىملىتىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئايلاندى. ئوقۇتقۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىمۇ ئاساسى جەھەتتىن نومۇرنى ئاساس قىلىدىغان تاللاش بولغاچقا كەسپى ئەخلاق، ئادىمىي خاراكتىر دېگەنلەرگە ئانچە بەك ئېتىبار بېرىلمىدى. شۇ سەۋەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ياخشى كۆرمىسىمۇ تەمىناتى ۋە مۇقىم كىرىمنى ئويلاپ ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە قېتىلىۋالغانلار كۆپىيىپ كەتتى. مېنىڭچە نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى ئادەم قۇبۇل قىلىشتىكى تۈزۈلمىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىدە بولۇشى مۇمكىن. "ئاۋال يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراش، ئاندىن يېزىقچە ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالغانلارنىڭ ئىچىدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئارقىلىق بېكىتىش" مەنچە مۇكەممەل ئەمەس. بىلىملىك - ئەقىللىقلىق بىلەن باراۋەر ئەمەس. كەسپىي بىلىمنىڭ چوڭقۇر بولۇشى شۇ ئادەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. گېتلېرمۇ ئىستىدات ئىگىسى ئىدىغۇ؟ شىڭ شىسەيمۇ ياپونىيىدە ئوقىغان ھەربى ئالىم ئىدىغۇ؟ لېكىن ئۇلاردا ئادىمي ئەخلاق بارما؟
شۇڭا مەن ئويلايمەن ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ئاۋال يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئارقىلىق شۇ ئادەمنىڭ خاراكتىرى، پەزىلىتى قاتارلىقلارغا ھۆكۈم قىلىپ تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن شۇلارنىڭ ئىچىدىن يازما ئىمتىھان ئارقىلىق بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېكىتىپ ئادەم تاللىسا ئەڭ ئاقىلانىلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا ئېيتىدىغىنىم:ئوقۇتقۇچىلار سېپىدىكى جاپاكەش باغۋەنلەر: سىلەر جاپا چېكىۋاتىسىلەر! لېكىن شۇنداقتىمۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، خەلق سىلەرگە ئىشىنىپ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى سىلەرگە تاپشۇردى. مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى سىلەرگە تاپشۇردى. جان دىلىڭلار بىلەن بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىڭلار! خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىلىملىكلا ئەمەس بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلەڭلار. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىلەر شۇنداق بولۇشۇڭلار كېرەك.