كۆرۈش: 124542|ئىنكاس: 78

«قېتىق» گېرمانىيەدە! تولۇق ئاڭلاڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
250
تۆھپە
77
UID
12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 01:18:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    پەرھات خالىق تەشكىللىگەن ئانسامبىل--«قېتىق» گېرمانىيەگە بېرىپ بىر قانچە مەيدان ئويۇن قويغان. گېرمانىيەنىڭ گېزىتى، تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ ماقالە بەرگەن، ھەتتا گېرمانىيەنىڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرىنى، گېرمانىيەلىك ئارتىسلار بىلەن ھەمكارلىشىش جەريانلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ مەخسۇس بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن.



    پەرھاتنىڭ «قېتىق» ئانسامبىلى ئاساسلىقى بۇلۇس (Blues)، روك (Rock)، فولك (Folk)، قاتارلىق غەربنىڭ ھازىرقى زامان ئىلغار مۇزىكا تۈرلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس يېڭىچە ئۇسلۇب يارىتىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مۇزىكىسى ۋە خەلق مۇزىكىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكە شۇنداقلا چەتئەلگە ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن تونۇشتۇرغان ھەمدە چەتئەللدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. «قېتىق» ئالدى-كەينى بولۇپ تۈركىيە ۋە گېرمانىيەدە نەچچە مەيدان ئويۇن قويغان. شۇ جايدىكى مەتبۇئات، تېلېۋېزىيە ئىستانسىلىرى بۇلارنى «جۇڭگودىن كەلگەن ئۇيغۇر روك ئانسامبىلى»، دەپ ئاتاشقان، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن روك تۈسىنى ئالغان ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتىپ ئېيتقان «دولان مۇقامى»، «تارىم» قاتارلىق ناخشىلىرى چەتئەلدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىمۇ ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.

    ئۇلارنىڭ قالغان ناخشىلىرىنى «قېتىق» نىڭ myspace بېتىدىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.

http://www.myspace.com/qetiq

l (5).jpg


   «قېتىق» نىڭ يېڭىچە ئۇسلۇبلىرى بەلكىم ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاپ كەلگەن، چەتئەلنىڭ باشقا تۈرلىرىدىكى مۇزىكىلىرىنى كۆپ ئاڭلىمايدىغان ياكى پەقەتلا ئاڭلىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن چۈشىنىكسىز، ھەتتا قىسىمەنلەرگە ئەقىلغا سىغمايدىغاندەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن.
       مېنىڭچە، دەل ئۇنىڭ مۇشۇنداق يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى، غەربنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شەكىللىنىپ، تۈرگە مۇكەممەل ئايرىلىپ بولغان مۇزىكا تۈرلىرىدىن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بويىچە پايدىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئىسكىلاتلىرىنى بېيىتىپلا قالماستىن، نۇرغۇن كىشىلەرگە يېڭىدىن ئىلھام بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوخشىمىغان مۇزىكا تۈرلىرىنى ياقتۇرىدىغان چەتئەللىك دوستلار ئۈچۈنمۇ بىرخىل يېڭىچە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش بولالايدۇ.

l.jpg


l (2).jpg


l (7).jpg


l (4).jpg


l (3).jpg


82423057gw1dk4cxdawz1j.jpg


l (6).jpg


82423057jw1dk0lkql6soj.jpg


82423057gw1dk43axs8g0j.jpg


5.jpg


l (1).jpg


6.jpg


7.jpg


1.jpg


4.jpg


3.jpg


    ئەمدى دوستلار، سىلەرنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ باققۇم بار. ئەركىن پىكىر قىلىپ سۆزلەپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلىۋەتتە، «قېتىق» ئۈستىدىلا ئەمەس، سەنئەتنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ۋە ھازىرقى زامان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن قانداق ئىپادىلەش توغرىسىدىكى ھەرقانداق كۆز قارىشىڭىز بولسا بولىدۇ. مەلۇم سانغا يەتكەندىن كېيىن، مەن بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇغۇرۇپ يەنە مۇشۇ جايدا مۇھاكىمە ماقالىسى سۈپىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. قانچە كۆپ پىكىر بولسا مېنىڭ تەكشۈرىشىمگە شۇنچە پايدىلىق.


Rock'N Roll!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 02:02:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزھال ئەپەندىممۇ باركەن ھە  بۇ  ئۆمەكتە تەمبۇرىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2500
تۆھپە
893
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 02:34:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پەرھات خالىقنىڭ بۇ قىتىملىق غەرىب سەپىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىرىنى توردا كۆرۈپ تۇردۇم. قايتىپ كەلگىنىدە بىزلەرگە قانداق سوۋغا ئېلىپ كىلىدىكىن؟.... مەن مۇشۇنىڭغا بەكمۇ قىزىقىمەن. دىيارىمىز ئوغۇل قىزلىرى غەرىبنىڭ ئىجابى ۋە سەلبىي تەسىرلىرىگە قارغۇلارچە ئەگىشىپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە. ھەقىقىي بولغان، ساپ بولغان ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمنى بىزلەرگە سوۋغا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىنىنىڭ سەرخىل مىلودىيەلىرىنى چەتئەللىك دوستلارغىمۇ سوۋغا قىلىش بىلەن بىرگە، قايتىپ كەلگەندىمۇ شۇلارنىڭ ياخشى ساز - چالغۇلىرىنى، كۈيلىرىنى، ئېسىل ناخشا تېكىستلىرىنى ئالغاچ كەلسىكىن دەيمەن.  


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6738
تۆھپە
3405
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 10:10:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehrim يوللىغان ۋاقتى  2011-11-24 02:02
ئۆزھال ئەپەندىممۇ باركەن ھە  بۇ  ئۆمەكتە تەمبۇرىنى تۇت ...

ئۆزھال؟ قايسىسى ئۆزھال؟ ئۆزھال دېگەن كىمدۇ؟

مەن نېمانداق بەدىئىي زوق ئالالمايمەن؟


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6738
تۆھپە
3405
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 10:13:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلا خەلقنىڭكىنى، ئەنئەنىسىنى ياقتۇرىمەن، مۇقامنى ياقتۇرىمەن! ناۋادا شۇنداق قالايمىقان ۋارقىراپ داراڭلىتىپلا بەرسە سەنئەت بولىدىغان ئىش بولسا، بۇنداق سەنئەتتىن غەربلىكلەرلا ھوزۇرلانسۇن!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
250
تۆھپە
77
UID
12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 10:25:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگئەر يوللىغان ۋاقتى  2011-11-24 02:34
پەرھات خالىقنىڭ بۇ قىتىملىق غەرىب سەپىرىدە قولغا كە ...

     غەربنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلار ئاز ئەمەس. چۈنكى بىزدە پەرھات، ئەسقەر كۆك بۆرە، يېڭىلا ئىچكىردە مۇۋەپپەقىيەتلىك سەييارە ئويۇن قويغان قەيسەرگە ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتى، مېلودىيەسىنى غەربنىڭ يېڭى، ئىلغار ئۇسلۇبلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرگەنلەر ئاز، نام چىقارغانلار تېخىمۇ ئاز.
     بەزىلەر پەقەت غەربنىڭ مۇزىكىلىرى ھازىرقى زامان مۇزىكىسىغا ۋەكىل بولالايدۇ، مىللىي مۇزىكىلارنى پەقەت «كونا» لىقىنى ئەسلىگۈسى كەلگەندە ئاڭلايدىغان نەرسىلەر دەپ قارايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتقانغا ئوخشاش سەنئەتكارلار كۆپەيسە، تېخىمۇ جىقلىرى نام قازانسا، ئۇلارنىڭ تەسىرى كۈچەيگەنسېرى غەربنىڭكىنى ياقتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ياراتمايدىغانلار ئازىيىدۇ دەپ قارايمەن.
    قوشۇپ قوياي، چەتئەللىكلەر قۇيۇق مىللىي تۈسىنى ئالغان سەنئەت تۈرلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، چوڭ بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن بىباھا گۆھەر. غەربنىڭ ئۇسلۇبلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن بۇنداق سەنئەت تۈرىنىڭ قاتنىشىشچانلىقى كۈچىيىپ، موللىشىپ بارىدۇ.


Rock'N Roll!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
250
تۆھپە
77
UID
12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 10:28:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2011-11-24 10:13
مەن يەنىلا خەلقنىڭكىنى، ئەنئەنىسىنى ياقتۇرىمەن، مۇقا ...

بۇمۇ بىر ئىنكاس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق نەرسىنى ياقتۇرۇش ۋە ياقتۇرماسلىق ھوقۇقى بار. ھېچكىم ھېچكىمگە تاڭالماسلىقى كېرەك. مەن ھەرقانداق ئىنكاسقا ھۆرمەت قىلىمەن!


Rock'N Roll!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6738
تۆھپە
3405
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 12:16:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولسا، ماڭا ياقمايدىغان بۇ قېتىق ئۇيغۇرغا نىسبەتەن بىرنەچچە تىنى بار ئادەمنىڭ نوقۇل نان يېيىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 4

تىللا
171
تۆھپە
116
UID
1072
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 12:41:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىدىن ئازراقمۇ   ھۆزۇرلىنالمىدىم  .ھىچبىر مەنا يوقتەكلا .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
869
تۆھپە
470
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 14:03:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kun^kiz يوللىغان ۋاقتى  2011-11-24 12:41
مەن ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىدىن ئازراقمۇ   ھۆزۇرلىنالمىدىم  . ...

ئاۋال تائام ئاندىن كىيى كالام دەپتىكەن ئەگەر مۇشۇنداق «روك» لار چەتئەللەردە مۇدا بولغان بولسا ،بولدى پەرھەت ئەپەندىنى شۇلارغىلا بەردۇق!! بۇنداق مۇزىكىلارنى كىچىكىمىزدى ئاڭلاپ كۆنمىگەچكىمۇ ھىچ بىر مەنا يوكتەكلا بىلىنىدىكەن. ئاۋال بۇنداق مۇزىكىلار ھەققىدە ئاۋال كەڭ تاماشىبىنلارنى بۇ ھەقتىكى ساۋتلار بىلەن تەربىيلىسە، ئاندىن بىز قۇبۇل قىلغۇدەكمىز.


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 15:15, Processed in 0.090809 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991