كۆرۈش: 8500|ئىنكاس: 0

ئەركەكلىكنىڭ ئۆلچىمى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
730
تۆھپە
317
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 13:36:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەركەكلىكنىڭ ئۆلچىمى

كەچلىك غىزادىن كېيىن دوستلىرىم بىلەن كوچا ئايالاندۇق. تۇيۇقسىز ئالدىمىزدىكى پىكاپتىن 36-37 ياشلاردىكى بىر ئەر چۈشۈپ، يولدا كېتىۋاتقان 22 ياشلاردىكى بىر بالىغا دېۋەيلىدى.
-ماڭا يول بوشاتمىغۇدەك قانچىلىك ئادەم ئىدىڭ، ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟!...
ئەتراپقا بىردەمدىلا ئادەم ئولىشىپ كەتتى، ئەمما ئارىغا ھېچكىم ئارىغا چۈشمىدى. ئەرنىڭ بالىنى ھاقارەتلەشلىرى، ئۇرۇشى پىكاپتىكى ئايالنىڭ يېلىنىشى بىلەن بىر ئاز پەسكويغا چۈشتى.
-شۇنچە سىگىنال بەرسەممۇ نېمىدەپ يولنى بوشاتمايسەن، قۇلىقىڭ گاسمۇ سېنىڭ؟
بالا ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
-يول بوشاتتىم، نېمىشقا توختىماي سېگىنال بېرىۋېرىسىەن، كۆزۈڭ قارىغۇمۇ؟
ئەر بالىنى يەنە تىللىدى، ئارقىدىن ئۇرماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئەتراپتىكىلەردىن بىرى ئارىغا چۈشۈپ جېدەلنى بېسىقتۇردى.
كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالدى. بىچارە بالىنىڭ بىھۇدە يىگەن تايىقىغا ئىچىم ئاچچىق بولسا، ئەتراپتىكىلەرنىڭ تاماشا كۆرۈپ تۇرغىنىغا چىدىمىدىم. ئەرنىڭ پىكاپنى پىيادىلەر يولىدا ھەيدەپ تۇرۇپ ئۆكتەملىك قىلغانلىقىغا نارازى بولدۇم. ئەركەك دىگەن مۇشۇنداق بولامدۇ، ئەركەكلىكنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟
ئۆتمۈشتە ئاتىلار ئەركەكلىكىنى جەڭلەردە قەيسەرلىكى، قورۇقماس باتۇرلۇقى، ئادالەت، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چۈشەلەيدىغان جاسارىتى بىلەن نامايەن قىلغان. ئومۇمەن، ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى قورقۇمسىز، باتۇرلۇق، ھەققانىيەت يولىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىشتا ئىپادىسىنى تاپاتتى. بۇ ئۆلچەم زاماننىڭ تەرەققىياتى بىلەن يوقىلىپ كېتىشى كېرەكمۇ؟ ئەجەبا، زامانغا ماسلاشتۇق دەپ ئويۇن-تاماشا قىلىپ، «ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ، تېگىدە مانتا يەيدىغان» ھەق-ناھەق قارىشى يوق، باشقىلارنى بوزەك قىلىۋېلىشنى نوچىلىق ھېسابلايدىغان، ئېلاستىكىلىقىنى ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالغان ئەرلەرنى «ئەركەك» دەپ قارامدۇق؟
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن مۇئەييەن ئۆزگىرىشكە ئىگە بولسىمۇ، ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئېلاستىكىلىشىپ، چېچىنى مايلاپ پارقىرىتىپ، شىمىنى قىرلاپ، ھاراققا ئۈلپەت، تاماكىغا مەستخۇش بولۇپ، قاتار چايلاردىن بېرى كەلمەي، داچىسى، ئېسىل پىكاپى بىلەن غادىيىپ يۈرگەنلەرنى ئەركەك ھېسابلىمايمىز. مەيلى قەدىم، مەيلى ھازىر بولسۇن، ئۆكتەملىكىڭىز، پۇلدارلىقىڭىز، ئابرۇيىڭىز ھەرگىزمۇ ئەركەكلىكىڭىزنىڭ بەلگىسى بولغان ئەمەس. «ئەركەك» دەپ مەيدىڭىزگە ئۇرغانسىز، ۋۇجۇدىڭىزدا مەردانىلىك، باتۇرلۇق، جاسارەت بالقىپ تۇرىدۇ.   
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 12:36, Processed in 0.069080 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991