كۆرۈش: 13430|ئىنكاس: 11

قاراقاشقا كەلدى تۆت ئەدىب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
4
UID
16888
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 01:28:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراقاشقا كەلدى تۆت ئەدىب


قاراقاشقا كەلدى تۆت ئەدىب،

خۇددى نۇرلۇق چولپاندەك يېنىپ.

كەلسۇن دەيمىز ئۇلارنى يەنا،

مەڭگۈ سولماس گۈللەرنى ئېلىپ.


    قاراقاش ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن داڭلىق ئەدىب ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن رۇزى، ئابلەھەت ئابدۇرېشىت بەرقى ۋە قۇربانجان ئابدۇقادىر قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن دىيارىمىزغا مەخسۇس مائارىپ توغرىلىق لىكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ناھىيەمىزگە تەكلىپ بىلەن لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كېلىشى تۇنجى قېتىملىك ئىش بولۇپ، بۇ قاراقاش مەدەنىيەت-مائارىپ تارىخىدىكى تەسىرى ۋە خاتىرە ئەھمىيىتى زور بولغان ئالاھىدە پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇلار كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارا گۇرپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ۋاقىتنى كونتورل قىلىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا ۋە ناھىيە ئىچىدە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. تۈرلۈك تەييارلىق ئىشلارنى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. لىكسىيە باشتىن-ئاخىرى ناھايىتى جانلىق، ياخشى داۋام قىلدى. لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلار خۇددى بۆكىنى بىرسى ئېلىپ كەتسىمۇ سەزمىگۈدەك دەرىجىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئوتلۇق ھاياجان، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە لىكسىيە ئاڭلىدى.   
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 27-چىسلا كەچ سائەت 6:00 دە ئۇلارنى  كۈتۈۋېلىش ۋە دىدارىغا تەشنا بولىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يان تەرىپىدىكى غىزاخانىدا داستىخان تەييار قىلدى. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن  بۇ مۆھتەرەم زاتلار ئۆز ئارا دىدار-مۇلاقەتتە بولۇپ ئەركىن پىكىر، مۇلاھىزىدە بولدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ تۆت ئاقىلنىڭ ناھىيەمىزگە قەدىم تەشرىپ قىلىشى خۇددى قاغجىراۋاتقان يەرگە يامغۇر ياغقاندەك، چۆلدەرەۋاتقان باغۇ-بوستانغا سۇمرۇغ كەلگەندەك خاسىيەتلىك بىر ئىش.

ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت

تۆۋەندە 27-چىسلا كەچ غىزاخانىدىن چىققاندىن كېيىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە 29-چىسلا چۈشتىن كېيىن ناھىيەلىك تىياتىرخانىدا تارتىلغان سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى. نەق مەيداندا ئېلىنغان ئۈن خاتىرىسى ئۇزاققا قالماي يوللىنىدۇ.

IMG_002144.jpg


IMG_0075.jpg


IMG_0073.jpg


IMG_0065.jpg


IMG_0062.jpg


IMG_0061.jpg


IMG_00061.jpg


IMG_0018.jpg


IMG_0060.jpg


IMG_0050.jpg


IMG_0049.jpg


IMG_0045.jpg


IMG_0043.jpg


IMG_0038.jpg


IMG_0037.jpg


IMG_0006.jpg


IMG_0004.jpg


IMG_0035.jpg


IMG_0027.jpg


IMG_0016.jpg


IMG_0023.jpg


IMG_0022.jpg


IMG_0013.jpg


IMG_0021.jpg


IMG_0012.jpg


IMG_0015.jpg


IMG_0009.jpg


IMG_0007.jpg


IMG_001644.jpg

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1204
تۆھپە
804
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 16:47:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
548
تۆھپە
156
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 20:20:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنىڭ غېمى ئەلدە!
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.
ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلەش خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسى.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1684
تۆھپە
811
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 23:32:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالدىن قاتارلىق 4 نەپەر ئەللامەنىڭ قاراراقاشتىكى قۇتلۇق قەدەملىرىگە،ئەسمىيەتلىك پالىيتىگە تەششەككۇر.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
224
تۆھپە
44
UID
3988
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 16:58:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى پائاليەت بوپتۇ،بۇرۇنراق بىلگەن بولساق يۇرت ئاتلاپ بېرىپ بۇ پائاليەتلەرگە قاتناشقان بولاتتۇق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئېلى ئەخەت
تىللا
611
تۆھپە
185
UID
4933
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 19:44:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنىڭ لىكسيەلىرنى پاتراق ئاڭلىساق بولاتتى، ئۈن قىسمىنى بۇرۇنراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن. ئەينى ۋاقىتتا تەلئەت قادىر ئەپەندى يوپۇرغىغا كىلىپ لىكسيە سۆزلەپ، كاللىمىزنى خېلى ئېچىپ قويغان ئىدى.

Rank: 4

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
390
تۆھپە
104
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 22:00:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا جالالىدىننىڭ كىتاپلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن ؛
ئوقۇمىغانلارغا ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن ؛
بىرىنچى قېتىم ئوقۇغىنىڭىز قايتىلاپ ئوقۇشىڭىزغا سەۋەپ بولىشى مۇمكىن ؛

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2226
تۆھپە
1647
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:13:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئابدۇقادىر جالالىدىنىغا بىرسى دوپپا تەقدىم قىپتىكەن، لىكىن يەنە كېيمەي نەدە قويۇپ قويغاندۇ؟، ئاق چاچ بېشىغا تازا يارىشىپتىكەن بولمىسا.
    ئاۋۇ يالقۇ روزى ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ بىر ئىتوتىدا چىقامدا؟، ھەجەپ ئوخشايدىكەن

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
895
تۆھپە
360
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 20:24:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ياخشى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپسىلەر دىيارىمىزدىكى باشقا ناھىيە ،شەھەرلەرمۇ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى كۆپىرەك ئۆتكۈزۈپ،ئەدىپلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ تۇرسا،ئۆز قىممىتىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىسەك نىمىدىگەن ياخشى بولارتى ھە،قارقاش خەلقىگە رەخمەت

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1477
تۆھپە
520
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 18:26:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، بۇ پائالىيەتنىڭ باشقا ناھىيىلەرگىمۇ ئىجابى تەسىرى بولغۇسى.
ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:32, Processed in 0.094294 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991