چاڭ باسقان ئاياق
غەيرەت
نىگاھلىرىمدىن ئۈچەي دەپ قالدىم .ئۆكتەبىرنىڭ سەھەردىكى گەجگىلەرنى قورىدىغان سوغوق ،بىغەم سەلكىنلىرى يىقىنلىشىپ تۇغۇلغان كۈنۈم ئاز قالغاندا . مەن توساتتىنلا تېخى ھىلىلا قويغان ، چاڭ باسقان ئايىقىمغا قاراپ خىياللارغا چۆمدۈم .كاللامدا قالايمىقان خىياللار خۇددى دېرىزە ئالدىدىكى ئاق تېرەككە يامىشىپ ھەر يان ئۆسكەن چىنگىلىكنىڭ ئاپپاق شاخچىلىرىدەك چۇۋۇلغان ئىدى .بۇكىچە ئاي تولغان ،ئاي پاتمايدىغان سۈتتەك ئاق ، ياق مىنىڭ قەلب بوشلۇقۇمدىكى زۇلمەتتەك ئاق كىچە قاراقلىرىمغا سىغدالدى . ئۆزۈممۇ ئۇقمايدىغان ئازاپلىق شاتلىقىم بىلەن بىلىپ -بىلمەي ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ سالدىم .ئاشۇ چاغ ئاشۇ مىسكىن تىنىقلىرىم بىلەن كاتەكتىن ھۈركىگەن كەپتەرلەردەك بىر مۇنچە ھەسرەتلىرىم گۈررىدە ئىتىلىپ چىقتى .قەلبىم قۇپ-قۇرۇق بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم . خۇددى رەسسام دوستۇم خەنداننىڭ رەسىم سىزىش ئۈچۈن تازلاپ قويغان ھىلىقى ئاپپاق قاپىقىدەك ئىدى . سۈتتەك ئاپپاق زۇلمەت ،...دېرىزىدىن بىر پەس سىرتقا قاراپ مەڭدىگەن خىياللىرىم بىلەن يىراقلارغا ئۇچتۇم .ئۇچقانچە ئۆزۈمدىن يىراقلىدىممۇ ياكى ئۆزۈمگە يىقىنلاشتىممۇ ئىنىق ئەمەس ئىدى . بوشلۇقتا لەيلەپ قالدىم .بەلكىم مەن مەڭگۈگە زىمىنغا ياكى ئاسمانغا تەۋە بولماي ئىسىلىپ قالارمەن .مەندىكى قارغىش تەككۈر ئەسەبى خىياللار مىنى ھىچلا قۇيۋىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .پۇتۇمدىكى ئايىقىم ، ھىلىقى شىرە ئۈستىگە تاشلىغان ئايىقىم مىنى دەم تارتاتتى ،روھىمنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم . بىراق نىمە قىلىشنى بىلمەيتتىم . ھەرقانچە ئويلىساممۇ پۇتۇمدا ئاياق يوق ئىدى . يالاڭ ئاياق ئىدىم . ئەمما ھىلىقى ئاياق پۇتۇمدا باردەكلا ئىدى . يۇلقۇندۇم بار كۈچۈم بىلەن .ئەپسوسكى مىنى ئېسىپ تۇرغان كىشەنلەر ئۈزۈلمەيتتى . بار كۈچۈم بىلەن ھەركەت قىلدىم ،ئۇيلىمىغاندا كىشەن ياكى يىپ چاغلىق بىر نەرسىنىڭ مەۋجوت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم . ۋاھالەنكى ئۇنداق ئەمەسلىكىگە ئىشىنەلمەي قالدىم . مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇراتتىم . پەسكە قارىسام يەنە بىر مەن ماڭا قاراپ ئاچچىققىنە جىلمىيىپ تۇراتتى .زەن سىلىپ قارىسام ھىلىقى چاڭ باسقان ئاياق ئۇنۇڭ پۇتىدا تۇراتتى.شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ باشقا بىر جايغا تۇغۇرلىنىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . -ئاھ ...خۇدا !... بۇ نىمە ئالامات ؟... ھەر قانچە قىلساممۇ پەستىكى مەن بىلەن بىرلىشەلمەي قالدىم . -ئۇ كىم ؟ مۇئەللەقتىكى مەن كىم ؟ مەن نەدە ؟ نىمە قىلىۋاتىمەن ؟ئۇچۇ ؟... ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم . خىياللىرىم چىگىكلەشتى چىنگىلىكسىمان .كۆرۈنمەس يىپ ، بوشلۇق ، چاڭ باسقان ئاياق ...
مەنبە ؛ئۆزۈم |