پۇشايمان
شەھەرگە كىرىپ باقمىغان سەھرالىق ئاتا-بالا كاتتا بىر مېھمانخاننىڭ لىفىتى ئالدىدا توختاپ ھەيرانلىق ئىلكىدە لىفىتقا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ.
بالسى:دادا بۇ قانداق ئىشىكتۇ ؟
دادىسى:ۋايتاڭ بالام ،راستىنى دىسەم مەنمۇ بۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۇپ تۇرۇپتىمەن.
بۇ چاغدا قېرى ھەم سەت بىر ئايال لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپتۇ.لىفىت ئېچىلىپ ،ئايال ئىچىگە كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئۆزلىگىدىن يېپىلىپ قاپتۇ.ئاردىن ئۇزاق ئۆتمەي ،<<جىرىڭ>> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ لىفىت ئىشكى ئېچىلىپ ئىچىدىن ئادەمنىڭ ئەقىل-ھۇشنى ئالغۇدەك بىر قىز چىقىپ قاپتۇ. ئاتا-بالا بۇ كارامەتتىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ.دادسى بىرچاغلادا ئېسنى يىغىپ دەپتۇ:
-بالام،بۇ بىر سېھىرلىك ئىشىككەن ئەمەسمۇ ، ئىسىت ئاناڭنىمۇ بىللە ئېلىۋالغان بولساق بوپتىكەن.
پو ئېتىشىش
بىر كۈنى چاچقانلار ئۆزئارا پو ئېتشىپ قاپتۇغۇ،ئارىدىن بىر چاچقان قوپۇپ :
-مۇشۇ يېقىنىنڭياقى چاچقان دورىسىدىن بولسا .ئۈچ-تۆت بولاق يەپ ياتمىسام بۇرۇنلىرىمدىن سۇ ئېقىپ ، پەقەت بولالمايدىغان بولۇپ قالدىم،-دېسە يەنە بىر چاچقان قوپۇپ دەپتۇ:
-ئۇنىڭ گېپىنى قىلما ، ئاداش. مەنمۇ شۇ قاپقاننىڭ تۆمۈرىدىن .ئەللىكنى ،يۈزنى كېرىپ تاشلىمىسام زادىلا خۇمارىم چىقمايدۇ.
بۇگەپنى ئاڭلاپ ئۈچۈنچى بىر چاچقان پو ئېتىپتۇ :
-بولۇشەۋۇي ،ئاغىنىلەر ،مۈشۈككە مىنىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قاپتۇ.
ئىككى ياشلىق كالا
بىر پادىچى بالا شەھەرلىك بالىغا كالىلىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپتۇ :
-قارا بۇ كالىغا ئىككى ياشقا كىرىپلا مۇشۇنچىلىك يوغىناپ كەتتى.
شەھەرلىك بالا چۈشەنمىگەن ھالدا سوراپتۇ:
-سەن بۇ كالىنىڭ ئىككى ياشقا كىرگىنىنى قانداق بىلسەن؟
-بۇنى ئۇنىڭ مۈڭگۈزىگە قاراپلا بىلىۋالمامسەن؟
-ھە ئەمدى بىلدىم -دەپتۇ شەھەرلىك بالا خۇشال بولۇپ،-كالىنىڭ ئىككى ياشقا كىرگەندە ئىككى مۈڭگۈز.ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئۈچ مۈڭگۈز بولىدىكەندە !