جۈپ قولىڭىز تۈگىمەس بايلىق يارىتالايدۇ
چەت يېزىدا ئەقىل ۋە چىرايدا كامالەتكە يەتكەن ساھىپجامال بىر نازىنىن بولغان ئىكەن ، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن يىگىتلەر بۇ نازىنىنغا غايىۋى ئاشىق بولۇپ ،ۋىسالىغا يېتىش تەمەسىدە بوپتۇ . بىر كۈنى قىزنىڭ ئانىسى قىزىدىن لايىق تاللاشنىڭ ئۆلچىمىنى سوراپتۇ .قىزى ، مەن توي قىلماقچى بولغان يىگىت ھەم نامرات ھەم باي بولغان بولسا ياخشى بولاتتى دەپتۇ .قىزنىڭ جاۋابىدىن ھەيران بولغان ئانىسى : بالام باي بىلەن نامرات پەرقلىق بولىدىغۇ دەپتۇ . قىز كۈلۈمىسىرىگىنچە : ياق ئانا ، نامراتنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا بايلىقى بولىدۇ دەپ مەنىلىك جاۋاپ بېرىپتۇ .
قىزنىڭ شەرتى بويىچە لايىق تاللاش باشلىنىپتۇ . قىزنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن يىگىتلەر كەپتۇ ھەمدە بەس – بەستە ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختىنىشىپتۇ . ئالدى بىلەن شاھانە كىيىنگەن بىر نەچچە يىگىت تۆگىگە ئارتىلغان مال – دۇنيا ، تاۋار – دۇردۇن ۋە كېنىزەكلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىزنىڭ ھەممىنىمىمىز تەل ، ئارىمىزدىن بىرىنى تاللىغايسىز دەپتۇ . قىز ئۈندىمەستىن كۈلۈپ قويۇپتۇ . ئاندىن يەنە بىرنەچچە يىگىت لىق ئۈنچە مەرۋايىت قاچىلانغان ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئۆزلىرى بىلەن توي قىلسا ئۆمۈرۋايەت يوقىسىزلىقنىڭ دەردىنى تارىتمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىپتۇ . قىز يەنە بېشىنى چايقاپتۇ . نۇرغۇن يىگىتلەر ئارقا – ئارقىدىن ھەرخىل ئۇسۇلدا كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشىپتۇ، بىراق قىز ھەممىسىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرگەن ھالدا يولغا ساپتۇ . ئەڭ ئاخىرىدا ئاددى كىيىنگەن بىر يىگىت ئوتتۇرىغا چىقىپ مېنىڭ ئۇلارنىڭكىدەك مال – دۇنيا ، ئۈنچە – مەرۋايىتىم يوق بولسىمۇ بىراق تۈگىمەس بايلىق يارىتالايدىغان بىر جۈپ ئىشچان قولۇم بار دەپ قولىنى كۆرسىتىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ياغاچچىلىق ، ئاشپەزلىك ھۈنىرىنىڭ بارلىقىنى، نەق مەيداندا ئۇنىڭغا ياغاچ ئۆي ،شىرە- ئورۇندۇق ياساپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ھەمدە قىزغا جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل تائاملارنى تەييارلاپ يىگۈزەلەيدىغانلىقىنى ، قىز رازى بولسا بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ ئۇنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپتۇ . قىز قايىل بولغان ھالدا ئىشچان بىر جۈپ قول ھەرقانداق بايلىقتىنىمۇ قىممەتلىك دېگىنىچە بۇ يىگىتكە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ . گەرچە بۇ بىر ئاددىي ھېكايە بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئىلمىي يەكۈن يوشۇرۇنغان .
«بەخىتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلامسىز ؟ ئۇنداقتا جاپا چېكىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ ، ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ بەخىتكە ئېرىشىش رىۋايەتتۇر .» مانا بۇ جاڭ خەيدىنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان يەكۈنى . كىشىلەر جاپا – مۇشەقەتكە چىداپ ئىلىم ۋە ھۈنەر ئۆگەنسە ، ھارماي – تالماي كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ شېرىن مېۋىسىگە ئېغىز تېگەلەيدۇ . شۇڭا ھاياتلىق يولىدا كىچىك ئىشنى ياراتماي ، چوڭ ئىشنى قىلالماي ، گاڭگىراپ قالغان ياشلىرىمىزنىڭ سەمىدە بولسۇنكى تەڭرى ئادىللىق بىلەن ھەممە كىشىگە ئوخشاش بىر جۈپ قول ئاتا قىلغان . پولات يالقۇنلۇق ئوتتا قىززىتىش ۋە جىددىي سوۋىتىش ئارقىلىق تاۋلانغاچقا قاتتىق ۋە مۇستەھكەم بولىدۇ . شۇ كىشىنىڭ جاپا – مۇشەققەتتىن ئىبارەت بۇ ئوتتا تاۋلىنىپ چىقىش – چىقالماسلىقى ئۇنىڭ بەخىتلىك ئادەم بولۇش – بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ !