خېجىڭ ناھىيە، خېجىڭ بازىرى گوڭخارا كەنت 2-گۇرۇپپا ئەزاسى خۇيزۇ دېھقان شاۋيەنلىڭنى بۇ كەنتتىكىلەر « قولى گۈل ئۇستام، بىزنىڭ جانغا ئەسقاتىدىغان ياردەمچىمىز»دەپ ئېغىزدىن چۈشۈرمەي ماختىشىدۇ. دېمىسىمۇ 54 ياشقا كىرگەن شاۋيەنلىڭ بۇ كەنتكە ئورۇنلاشقان 30يىلدىن بۇيان كەنىتتىكىلەرنىڭ تېراكتور، موتوسىكلىت، ۋېلىسپىت، باسما قۇدۇق، سۇ پومپىسى، پىچاق، قىڭراق چارقىلاش قاتارلىق چوڭ-كىچىك ئىشلىرىنى قاچان كەلسە ئېرىنمەي قىلىپ بېرىپ، كەنت-مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە.
سۈرەتتە :ئۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقماقتا .  خېجىڭ 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى: تۇردى ئەبەيدۇللا فوتوسى (13899080671 )
|