ئەقىل ۋە ئۇنىڭ ئىككى قەدىناس دوستى
ئەقىل، بايلىق، بەخىتنى باشقۇرۇدىغان ئۈچ ئەۋلىيا ئەسلىدە ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن ئىدى.
بىر كۈنى ئۇلار كىم قالتىس دېگەننى تالىشىپ،ئۇرۇشۇپ قاپتۇ.
بەخىت:-ئەلۋەتتە مەن ئەڭ مۇھىم،ئەگەر بىر ئادەم دېڭىزدەك ئەقىل -پاراسەتكە،تاغدەك بايلىققا ئىگە بولۇپمۇ،بىر ئۆمۈر بالا-قازادىن بېرى كېلەلمەي،بىر كۈنمۇ خوشال-خۇرام كۈن كەچۈرەلمىسە،ئۇنداق ياشاشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟-دەپتۇ.
بايلىق:-ئەكسىچە ئەگەر كەمبەغەللىكتىن يىگىلى بىر كاپام ئاشمۇ تاپالمىغان بىر كىشىنىڭ قانچىلىك
ئەقلى بولسۇن، بەختى بولسۇنمۇ؟ئەلۋەتتە مەن ئەڭ مۇھىم-دەپتۇ.
ئەقىل:-ھەر ئىككىڭلار ناھايىتى مۇھىم،بىراق،ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بايلىقى ئېشىپ-تېشىپ تۇرغىنى،بالا-قازادىن يىراق بولغىنى بىلەن ئەقىلسىز كالۋا بولسا،ئۇنداقتا ئۇ،ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇرغان ئادەتتىكى كىشىلەردىنمۇ ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ،شۇڭا يەنىلا مەن ئەڭ مۇھىم -دەپتۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقاملىرىغا توۋلىشىپ،قايسىسىنىڭ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئايرىيالماي تۇرغاندا،تۇيۇقسىز ئېتىزدا يەر تېرىۋاتقان بىر دېھقاننى كۆرۈپ قاپتۇ.
بايلىق:-بولمىسا بىز مۇشۇ دېھقان ئۈستىدە بىر سىناق ئېلىپ بېرىپ،قايسىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ باقايلى،-دەپتۇ.
شۇنداق دەپلا ئۇ قولىنى بىرلا شىلتىپ، دېھقان ھەيدەۋاتقان قوشنىڭ ئاستىغا لىق ئالتۇن-كۆمۈش قاچىلانغان بىر كوزىنى پەيدا قىلىپتۇ،بۇنچىۋالا بايلىققا تۇيۇقسىز ئېرىشكەن دېھقان قورقۇپ كېتىپ،شۇئان ئەقلىدىن ئېزىپتۇ. دېھقان كۆڭلىدە<<مەن تۇيۇقسىزلا بۇنچىۋالا بايلىققا ئېرىشىپ قالدىم،ئۆيگە قايتسام ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلەر چوقۇم بۇنى سورايدۇ.قوشنا-خولۇملىرىم چوقۇم گۇمان قىلىدۇ.ھەتتا تونۇمايدىغانلار كېلىپ بۇلاپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقانداياقا-يۇرتقا كۆچۈپ كەتكىنىم تۈزۈككەن>>دەپ ئويلاپتۇ.شۇنداق قىلىپ دېھقان قوشىنى تاشلاپ، يېرىدىن ۋاز كېچىپ، ھېلىقى بايلىقنى ئېلىپ يۇرتىدىن قېچىپ چىقىپ،ئۆزىگە پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر بازارغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ..........ئاخىرى داۋاملىق تورداشلار بىلەن بىللە.