- تىزىملاتقان
- 2015-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-10-23
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 87
- نادىر
- 0
- يازما
- 11

- 真实姓名
- ئىلھامجان ئەنۋەر
- تۆھپە
- 12
- مۇنبەر پۇلى
- 45
- ئىشەنىچ
- 12
| خامان باللىرى
ئىلھامجان ئەنۋەر
مەن خاماننىڭ بالىسى ، پاكلىق ، ھالاللىقنىڭ ئەلچىسى ، پارقىراق چەشتىن چاقنىغان ئەمگەك تەرىنىڭ ئۈنچىسى . مەن دائىم خاماندا تۈنەيتتىم ، تۈمەنلىگەن سامان جەڭچىللىرى مەن بىلەن پوستا تۇراتتى ، مېنى قوغدايىتتى ، مەن ئۇلارنى ئۇستازىم ئورنىدا كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ قوينىغا ئاتاتتىم . خاماندىكى توپا-چاڭلار مەن ئۈچۈن پاكىز ھەم ساپ ئىدى ، شۇڭىمۇ ھەر قېتىم خامان سورىغاندا ، ئۇنىڭ توپىسىغا بۆسۈپ كىرەتتىم ، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى تاپشۇراتتىم ، چۈنكى ئۇ مېنى بالىسى ئورنىدا كۆرەتتى . خامان دەسسىگەن جانىۋارلار ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەيىتتى ، ماڭا مەنلىك قاراپ قوياتتى ، چۈنكى بىز چەشتىن چىققان نىئمەتنى تەڭ بۆلشىپ ئالاتتۇق ، ساڭا ئاز ماڭا كۆپ دېمەيتۇق ، قانچىلىك چىقسا ، شۇنىڭغا شۈكىر قىلاتتۇق ، بىز خاماننى تەڭرى بەرگەن تائام دەپ ئۇلۇغ بىلەتتۇق ، تائام ئالدىدا بىز بارەۋەر ، ئەمگەك ئالدىدا تىرشچان ، ئەستايدىل ئىدۇق. دادام دائىم ھارماڭلار خامان بالىلىرى ، خاماندا دۇنيانىڭ جېنى بار ، خاماندا ئىنسانلارنىڭ تەر قېنى بار دەيىتتى . كۈندە يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا باقاتتىم ، يۇلتۇزلار ماڭا قاراپ كۆز قىساتتى ، ماڭا ئىللىق تەبەسسۇم ئاتا قىلاتتى . تولۇن ئاي ماڭا بەك ئامراق ئىدى ، چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەر تۈنى ھال مۇڭ بولاتتىم ، بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق تۇيۇقسىز ئۇ مېنىڭ قۇلقىمغا ؛ - سەنمۇ ، مەنمۇ ، پۇتكۈل ئىنسان خامان بالىلىرى ، بىز ھەممىمىز خاماندىن بەھىر ئالغان ، خامانسىز دۇنيا خۇددى جېنى يوق تەنگە ئوخشايدۇ ، بىز شۇ خامانغا يۈز كىلەلىشمىز كېرەك دەپ پىچىرلىدى.
|
|