كۆرۈش: 3961|ئىنكاس: 5

ھەپتە ئاخىرىدا بەك كۆپ ئارام ئالسا، دۈشەنبىدە چارچاپ قالىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
455
تۆھپە
85
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 17:17:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەپتە ئاخىرىدا بەك كۆپ ئارام ئالسا، دۈشەنبىدە چارچاپ قالىدۇ



    [ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما خەۋەرلىرى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 9- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى مەلۇماتى] تېمىسى: دۈشەنبە ئۇخلىسىڭىز چارچاپ كېتەمسىز؟ ھەپتە ئاخىرىدا بەك ئۇخلاپ كەتمەڭ (مۇخبىر نېك كرىنس)
    ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر سىز دۈشەنبە ئەتىگەندە قىينىلىپ ئورۇندىن تۇرغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا كۆپ ئۇخلىغانلىقىڭىزدىن ئاغرىنىشىڭىز مۇمكىن.
    بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى كۆپرەك ئۇخلاش ئارقىلىق، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۇيقۇسىنى «تولۇقلاش» بىر خىل خاتا ئۇسۇل.
    بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ھەپتە ئاخىرىدا قېنىپ ئۇخلىسا خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭى بىر ھەپتىدىكى زېھنىي ۋە جىسمانىي كۈچىنى ئۇرغۇتالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنى تېخىمۇ چارچىتىۋېتىدۇ.
    ئادەمنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتى 24 سائەتنى بىر دەۋرىيلىك قىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئادەتتىكى چاغلاردىن كۆپ ئۇخلىغاندا، بىئولوگىيىلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ، ئادەتتىكى ھالەتكە قايتماقچى بولغاندا تېخىمۇ چارچاش ھېس قىلىدۇ.
    تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى داللاس غەربى جەنۇپ مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسى دوكتور گرىگورى كات مۇنداق دېدى: ئۇيقۇ كەمچىل بولۇشقا ئالاقىدار بولغان بىر خىل خاتا قاراش شۇكى، ئەگەر خىزمەت كۈنلىرىدە ئۇيقۇ كەمچىل بولسا، بىز ھەپتە ئاخىرىدا ئۇيقۇ تولۇقلايمىز، قانچە سائەت كەمچىل بولسا، شۇنچە سائەت ئۇخلايمىز.
    ئادەم بەدىنى ئەڭ كۆپ بولغان بىر سائەت كېچىكتۈرۈشتەك بىئولوگىيىلىك رېتىمغا ماسلىشالايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەپتە ئاخىرىدا ئادەتتىكى چاغلاردىن سەل كۆپ ئۇخلىسا، دۈشەنبە كۈنىدىكى چارچاشقا ئانچە بەك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
    بىراق، ئىككى سائەت كېچىكىپ ياكى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئورۇندىن تۇرغاندا ئادەم بەدىنى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، يەكشەنبە كۈنى ئۇخلىشى تەسكە توختايدۇ، ھەمدە 2- كۈنى ئەتىگەندە تۇرۇشى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
    دوكتور كاتنىڭ دېيىشىچە، خىزمەت كۈنىدە ئۇخلاش ۋاقتى كېچىكىپ قالغانلىقتىن «زىيان تارتقان ئۇيقۇ» نى شەنبە كۈنى ياكى يەكشەنبە كۈنى تولۇقلاشقا بولىدۇ، بىراق 8 سائەتلا ئۇخلاش كېرەك. چۇنكى ئادەم ھېرىپ – چارچىغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ ئارام ئېلىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
    ئەڭ ياخشى چارە بولسا ئىككىنچى كۈنى نورمال ۋاقىتتا ئورۇندىن تۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئارام ئېلىش ئۈچۈن، ھەپتە ئاخىرىدا ئادەتتىكى چاغلاردىن بالدۇرراق ئورۇندىن تۇرسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھەتتا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
481
تۆھپە
252
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:51:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ شۇنداق،ئىشلەۋاتقانلار دەم ئىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.دەم ئىلىش خىزمەت قىلىشتىن ئېغىر بولىدۇ.
ساھايەت قىلىپ سىناپ باخسىڭىز بولىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
988
تۆھپە
632
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 13:44:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن  ،دىقەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىلىمگە ئىگە بولدۇم رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
531
تۆھپە
280
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 00:11:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسى بار گەپلەركەن! تېما ئېگىسىگە ۋە تەرجىمانغا كۆپ رەھمەت!...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 4

تىللا
455
تۆھپە
85
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:02:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋھەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 00:11
ئاساسى بار گەپلەركەن! تېما ئېگىسىگە ۋە تەرجىمانغا كۆپ  ...

ئەرزىمەيدۇ .


Rank: 2

ئىسىمى
ئابدىقەييۇم
تىللا
61
تۆھپە
15
UID
28160
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:01:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن.يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 20:45, Processed in 0.075822 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991