مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمىتھانىغا توردا تىزىملىتىش يېقىندا باشلىنىدۇ
تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى، 17-سېنتەبىر خەۋىرى: 2013-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملاش يېقىندا باشلىنىدۇ. 2012-يىللىق ئاسپىرانلىققا تىزىملاشتا توردا تىزىملاش بىلەن نەق مەيداندا بېكىتىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ئىگىلىنىشىچە، توردا تىزىملاش ۋاقتى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن، بىرى 28-سېنتەبىردىن 29-سېنتەبىرگىچە بولۇپ، ئاساسلىقى بۇ يىل تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىدۇ، 10-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە رەسمىي تىزىملىتىش باسقۇچى بولۇپ، ئىككى باسقۇچتىكى تىزىملىتىش ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە.
تىزىملىتىش ۋاقتى ھەركۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:00 دىن 20:00 گىچە بولۇپ، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار جۇڭگو ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى (http:/yz.chsi.com.cn ۋە http:/yz.chsi.cn:مائارىپ تورى) غا چىقىپ، تىزىملاتسا بولىدىكەن. بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملاتقاندىن كېيىن، يەنە نەق مەيداندا مۇقىملاشتۇرۇلىدىكەن. ۋاقتى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بولۇپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم كىملىك قاتارلىق كېنىشكا ۋە توردا تىزىملاتقان تىزىملىتىش نومۇرىدىن تارتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش ئورگىنى كۆرسەتكەن ئىمتىھان نۇقتىسى بېكىتكەن تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرى ھەمدە تىزىملىتىش ھەققى، سۈرەت قاتارلىقلارنى ئېلىۋېلىشى كېرەككەن.