كۆرۈش: 3128|ئىنكاس: 5

ناخشا تېكىستلىرى (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
301
تۆھپە
86
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:58:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناخشا تېكىستلىرى
  
  (مۇزاتى)


(1)

گۈل ۋە بۇلبۇل



بولسڭمۇ گەر گۈل جەلىپكار،

چىقسا بوران شېخى سۇنار؛

سۇنسا ئەگەر گۈلنىڭ شېخى،

كېلىپ بۇلبۇل نەگە قونار؟!


گۈلگە ئاشىق،تەشنا بۇلبۇل،

كەلگەن يەرگە قونماس ئۇدۇل؛

قىپ ئەقىدە سايرار ھارماي،

گۈلمۇ ئېرىپ قىلار قوبۇل.


كەچكۈز كېلىپ توزىسا گۈل،

شۇدەم چېكەر پەريات بۇلبۇل؛

ئەقىدىسى بولغاچقا چىن،

گۈل ۋەسلىگە يېتەر بۇلبۇل!




(2)



يارمۇ ياكى تاۋارمۇ



بىر مەللىدە چوڭ بولغان،

كۆڭۈلمۇ چۈشۈپ قالغان؛

يۈرۈكۈمگە ئوت سالغان،

ماڭا سەنچە يار بارمۇ؟


تويغا پۈتۈشكەن چاغدا،

تويلۇق تېغى باسقاندا؛

يۇرەك قالدىغۇ داغدا،

بۇندىن ئېغىر دەرت بارمۇ؟


پۇلغا ساتساڭ ئۆزۈڭنى،

بىرلا يۇمۇپ كۆزۈڭنى؛

تېنىۋالساڭ سۆزۈڭنى،

يارىممۇ سەن-تاۋارمۇ؟!


مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
988
تۆھپە
632
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 18:17:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تويغا پۈتۈشكەن چاغدا،

تويلۇق تېغى باسقاندا؛

يۇرەك قالدىغۇ داغدا،

بۇندىن ئېغىر دەرت بارمۇ؟



    بۇ كوپلىت خېلە بوپقالدىكەن




Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
7
UID
27863
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 20:13:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېكىسلاركەن ئەجرىڭىزگە رەخمەت


Rank: 4

تىللا
287
تۆھپە
96
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 23:50:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلگە ئاشىق،تەشنا بۇلبۇل،

كەلگەن يەرگە قونماس ئۇدۇل؛

قىپ ئەقىدە سايرار ھارماي،

گۈلمۇ ئېرىپ قىلار قوبۇل.

مۇزىكا   ىئشلەنسە  ئاجايىپ ياخشى چىققىدەك


Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
7
UID
27863
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 09:34:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا تېكىسلىرىنى ياخشى يېزىپسىز ئەجىرىڭىزگە رەخمەت


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1473
تۆھپە
1140
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 23:30:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدىغان تىمىكەن تىخمۇ نادىر تىمىلىرڭىزغا تەشنا.ھارماڭ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:52, Processed in 0.085723 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991