كۆرۈش: 4335|ئىنكاس: 2

پۇشايمان يېشى (ھىكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
265
تۆھپە
159
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 22:15:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پۇشايمان يېشى


ھېكايە


ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى



     ئۇنىڭ بېشى قايدى،كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى. ئۇنىڭغا يەر پىقىراپ ئايلىنىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. ئۇ ئالدىغا بىر قانچە قەدەم ماڭماقچى بولدى-يۇ، لېكىن پۇتلىرى ئېغىرلىشىپ ماڭالماي، بىر يوغان دەرەخ كۆتىكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلمەكتە ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى قانچىلىك تەقەززالىق ئىچىدە كۈتكەن-ھە؟!
     ئۇ يۈك-تاقىلىرىنى ئاپتوبۇسغا بېسىپ، ئالىي مەكتەپكە ماڭىدىغا چاغدا،ئۇنىڭ ئانىسى بالىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، خۇددى بالىسى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغاندەك، تىنماي ئۇنىڭ بېشىنى سىلىغان ئىدى. بىراق ئۇ قايتىپ كەلدى، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. دادىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى. ئاتا-ئانا دېگەن پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈپ تۇرغان شام ئىكەن. ئاتا-ئانا دېگەن پەرزەنتنىڭ بىردىن-بىر غەمگۈزارى ئەمەسمۇ؟
     ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپلا ئەتىسى كادىرلار ئىدارىسىغا كىرىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ پات ئارىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى ئۇنچىلا ئاسانغا توختىمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ غەمگە پاتتى. ئۇنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدى بولغاي،ئۆزى يىغىپ قويغان پۇللارنى ئوغلىغا تۇتقۇزدى. ئۇ ئەمدى تىجارەت يولىغا قەدەم قويدى. ئۇ تىجارەتكە قەدەم قويغان دەسلەپكى مەزگىللەردە تىجارىتىدە ئاز-تولا ئۈنۈم كۆرۈلگەندەك قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىرەر خىزمەتنىڭ پېشىنى تۇتۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. چۈنكى ئۇ تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئوقىمىغان ئىدى. ئۇ تىجارەت دېگەننى بىرەر يۇقىرى مەكتەپتە ئوقىمىسىمۇ قىلغىلى بولاتتىغۇ؟ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىللە ئوقىغان باشقا يەردىكى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن دائىم دېگۈدەك ئالاقىلىشىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ گېپىدىن قارىغاندا ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولغاندەك قىلاتتى. «خىزمەتكە ئورۇنلاشمىغانلاردىن پەقەت مەنلا قاپتىمەن-دە!» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ جىددىيلىشىپ قالدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ جىددىيچىلىكى بارغانسىرى كۈچەيدى. بىر چاغدا ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى تېلېفون ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ شىۋىتسارىيەدە ئىكەنلىگىنى دەپ بەردى. ئۇنىڭ بەدەنلىرى جۇغۇلداپ تىترەپ كەتتى. مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم چەتئەلگە چىقىپ بوپتۇ. دادىسى ئۇنىڭ چۈشكۈنلەشكەن ھالىتىنى كۆرۈپ، ئويغا پاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟بۇ بالا نېمە بولغاندۇ؟بىرەرسىدىن ئازار يەپ قالغانمىدۇ-يا؟بەلكىم ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويساق، ئوڭشۇلۇپ قالارمىكىن؟
     دادا ئۇزاق ئويلاپ ئاخىرى ئوغلىنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇش قارارىغا كەلدى. بىراق ئوغۇل توي قىلىشنىمۇ بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ كەتمەيتى. شۇڭا ئۇ دادىسىنىڭ ئۆيلەپ قويغىنىغا بەكمۇ خوشال بولۇپ كەتمىدى. ئۇ ھەر كۈنى دۇكىنىغا كىرىشتىن بۇرۇن شەھەرنىڭ چوڭ كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدىكى ئېلان تاختىسىغا بىر قۇر قاراپ چىقاتتى. بىراق ئۇ تاختىدا ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان خۇشخەۋەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئەمدى كىچىك بالىنىڭ يىغا ئاۋازى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولدى. ئۇ ئايالىنىڭ زورلىشى بىلەن بالىنى تەستە قولىغا ئېلىپ، ئانچە-مۇنچە ئەركىلىتىپ قوياتتى.
    بۇ تىجارەت دېگەننىڭ باش-ئاخىرى يوق نەرسە. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداقلا مۈدۈرۈپ كېتىپ قالساڭ تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىسەن. مەن دېگەن تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئوقىمىغان، بەلكى، خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئوقىغان. ئۇنىڭ زارىقىپ كۈتكەن كۈنلىرى ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئۇ شەھەرنىڭ چوڭ كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدىكى ئىلان تاختىسىغا چاپلانغان ئىمتىھان ئارقىلىق، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىنى كۆرۈپ ،ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. ئۇدۇل ئىختىساسلىقلار مەركىزىگە قاراپ چاپتى. ئۇ تىزىملىتىشقا دائىر ئىشلارنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇچقاندەك ئۆيىگە قايتىپ كەلدى-دە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك دىپلومىنى ئىزدىدى. ئۇ چۆچۈپ كەتتى. ئۇ دىپلوم قويۇلغان دەپ جەزىم قىلغان يەردە دىپلوم كۆرۈنمەيتى. ئۇنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ھەي، ئېسىت! بۇ دىپلوم نەگىمۇ كەتكەندۇ؟ھارۋىغا قېتىلىپ قۇيۇندەك چېپىپ كېلىۋاتقان ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى-ئۇنى خىيالىدىن توختاتتى. ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كىيىن،تەستە ئورنىدىن تۇردى-دە، بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ، ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغان كالتە بازارغا كەلدى. بازارنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر مۇنچە ئادەملەر بىر يەرگە ئوۋلىشىپ تۇراتتى. ئۇ ئادەملەر ئوۋلاشقان يەرگە كەلدى. ئۇ يەردە بىر پالچى قۇمۇلاق چېچىپ ئولتۇرۇپ، بىر نېمىلەرنى دەپ كىشىلەرگە پال ئېچىپ ئولتۇراتتى. ھەش-پەش دېگۈچە پالچى بىر مۇنچە ئادەمگە پال ئېچىپ بولدى. پال ئاچتۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن مەمنۇنلۇق ئالامىتى ئەكىس ئەتكەندەك قىلاتتى. ئۇ ئۆزىگىمۇ بىر پال ئاچتۇرغۇسى كەلدى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىغا قىسىلىپ ئۆتۈپ، پالچىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
     -موللام،-دىدى ئۇ. -ماڭا بىر پال ئېچىپ باقسىلا بوپتىكەن.
     پالچى ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ پال ئاچتۇرۇشتىكى مەقسەت مۇددىئاسىنى تەلەپ قىلدى.ئۇ مەقسىدىنى ئېيتىپ بەردى. پالچى قۇملاقنى چېچىپ، كۆزلىرىنى يۇمۇپ، بىر ھازا بىر نېمىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قاراپ:
    -ئۇ ئەڭگۈشتەرىڭىز بار ئىكەن، ئۇ ئەڭ ئامراق ئادىمىڭىزنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئارىسىغا يۆگىشىپ، باشقا يەرگە كېتىپ قاپتۇ،-دېدى. ئۇ تۇرۇپلا قالدى. مېنىڭ ئامراق ئادىمىم كىم؟كىيىم-كىچەكلىرى ئارىسىغا يۆگىشىپ،باشقا يەرگە كېتىپ قاپتۇ؟،-ئۇ پالچىنى رازى قىلغاندىن كىيىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
    -ھەي كاساپەت!،-دەپ ئويلىدى، ئۇ. بىر چاغلاردا ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ ماڭغان ۋاقتىڭدا كىيىم-كېچەكلىرىڭ ئارىسىغا يۆگەپ ئېلىپ كېتىپتىكەنسەن-دە! بىراق ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقتى. ئۇنىڭ ئايالى ئۇ دىپلومنى ھېچيەردە كۆرمىگەنلىگىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچنەرسە كۆرۈنمىدى. ئاچچىغىدىن چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى. مەن بۇ خوتۇننى ئۆزۈم زورلاپ ئالغانمىدىم؟ ئۇ بارلىق ئارزۇ-ئىستەكلىرىمنى بەربات قىلدى. مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمنى بەربات قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ قېتىمقى پۇرسەت تۇنجى ۋە ئاخىرقى پۇرسەتتەك قىلاتتى. ئۇنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئايالىغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ: -سەن بۈگۈندىن باشلاپ «ئۈچ تالاق!»-دەۋەتتى.
     ئۇ ئىمىتىۋاتقان بوۋاقنى يەرگە قويۇپ،ئېرىنىڭ پاچىقىغا ئېسىلىپ زار-زار يىغلاۋاتقان ئايالىنىڭ نالىسىگە قاراپمۇ قويماي، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
    ئۇ ئەمدى تۈگەشتى. ئۇنىڭ پىشانىسى مۇشۇنداق تەتۈر ئوخشايدۇ. ھەي... ئۇ كاساپەت ئەينى ۋاقىتتا دىپلومنى كىيىم-كېچەكلەرگە يۆگەپ، ئېلىپ ماڭمىغان بولسا، مېنىڭ تەقدىرىمدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولاتتىكىن-ھە؟
     ئەمدى ئۇ ئىنتىھانغىمۇ قاتناشمىدى. نېمە ئۈچۈندۇر دۇكانغىمۇ كىرگۈسى كەلمىدى.
     ئۇ ئۆزىنىڭ تاسادىپىي توي قىلىپ قالغىنىغا مىڭلارچە لەنەت ئوقىدى. قۇرۇپ كەتسۇن شۇنداق توي دېگەن! كونىلار:«ئىت ۋاپا، خوتۇن جاپا»دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن ئەمەسمۇ؟نېمە دەپ توي قىلار ئىدىم؟بىزنىڭ ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدە توي، خوتۇن، بالا دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي يۈرگەنلەر باركەنغۇ تېخىچە؟
     ئۇ بىر يۈرۈش كىيىم-كىچەكلەرنى يوغان بىر سومكىسىغا سېلىپ، سەھەر گۇگۇمدا ئۆيدىن چىقىپ، ئارقا كوچا بىلەن ئايلىنىپ، ئۈن-تىنسىزلا شەھەرگە كىرىپ كەتتى. ئۇ يۇرتتىن غايىپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىگىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيتى. ئۇنىڭ قېرىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىشقا قۇربىتى يەتمەيتتى. ئۇ بىر چاغلاردا تېلېۋىزوردىن ئۆزىنىڭ مەھەللىسىنىڭ دۆلەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش دائىرسىگە كىرىپ قالغانلىقتىن چېقىلىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. ئۇ ئالدىراپ-تېنەپ ئۇچقاندەك ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. خولۇم-خوشنىلار ئالدىراپ-تىنەپ ۋاقىتلىق تۇرالغۇغا كۆچۈۋاتاتتى. ئۇمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆچۈپ كېتىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىتاپ- ماتېرىياللىرىنى يوغان بىر يەشىككە قاچىلىدى. شۇ ئارىلىقتا ئىككى ژۇرنالنىڭ ئارىسىدىن قىپ-قىزىل بىر نەرسە «تاراق قىلىپ» چۈشۈپ قالدى. ئۇ ژۇرنالنى يەشىككە سېلىۋىتىپ، ھېلىقى قىزىل نەرسىنى ئالدى. «دىپلوم!»-ھەي كاساپەت،ئەسلىدە دىپلومنى مەن مۇشۇ يەرگە سېلىپ قويۇپتىكەنمەن ئەمەسمۇ؟
     شۇئان ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئىككى بالىسىنىڭ قىقىراپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە، دىپلومنى كۆتۈرۈپ، ئۆيدىن چىقىپ، ھېلىقى كالتە بازارغا كەلدى. بىراق ئەمدى ئۇيەردە ھېلىقى پالچى كۆرۈنمەيتى. ئۇ جايىدا توپتەك قېتىپلا قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى بىلمەيتى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان ئىككى تامچە ياش ئاستا سىرغىپ، يەرگە ئېقىپ چۈشۈپ كەتتى...
ئاپتۇر- قەشقەر شەھەر 16- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 16-سىنتەبىر  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
265
تۆھپە
159
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 22:17:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزدە:«رەمگە ئىشەنمە، رەمسىزمۇ يۈرمە' دېگەن ماقال بار. بۇ ھىكايىدىن رەمگە ئىشىنىشنىڭ كىشىلەرگە ئېغىر بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىنى بولىدۇ.


Rank: 4

تىللا
239
تۆھپە
95
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 16:38:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىزنىڭ كۈنلىرىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ياراتقان ئىگەم بىلىدۇ،نەدىكى ئادەمنى ئىلاھ بىلىپ يوللاردا پال ئاچقۇزۇپ ئولتۇرغانلارغا قارىسام  توۋا دىگۈم كېلىدۇ،مۇبادا ئۇ پالچى ھەممىنى بىلسە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى يولدا پال ئېچىش بىلەن ئۆتكۈزمەي ، ئۆز تەقدىرىنى ياخشىلىۋالاتتى ئەمەسمۇ؟!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:06, Processed in 0.082286 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991