كۆرۈش: 4726|ئىنكاس: 1

خۇراپات[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
333
تۆھپە
226
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 17:13:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خۇراپات


مۇھەممەدئىمىن ھەسەن


ئاغرىپ قالغان كېسەلنى قەستىن دېگەن خۇراپات

ئىشى ئوڭدىن كەلمىسە نەستىن دېگەن خۇراپات

بەزىسىنى بىمارنىڭ جىندىن دېگەن خۇراپات

ئىش ئوقىتى ئاقمىسا بەندىن دېگەن خۇراپات


موللا تاپقاق پالچى دەپ ماختاپ دائىم ئۆزىنى

ھىيلە نەيرەڭ ئىشلىتىپ بوياپ ئەلنىڭ كۆزىنى

قەس قىپتىغۇ پالانچى دېدى يالغان سۆزىنى

سورا بارچە ھاجەتنى مەندىن دېگەن  خۇراپات


كېلىشەلمەي ئەر- خوتۇن كەلسە ئەگەر قېشغا

چاندۇرماستىن قارايدۇ پۇتىغا ھەم بېشغا

پال سالىدۇ ئىسمىنى سوراپ يەنە يېشىغا

ئۆچ قىلىپتۇ ئېرىڭنى سەندىن دېگەن خۇراپات


ئىسسىتىمەن ئەر- خوتۇن ئارىسىنى مەن يامان

كېتەلمەيدۇ قېشىڭدىن رەنجىتسەڭمۇ ھەر- زامان

تۇمار بولسا بوينىڭدا گېپى ئۆتمەس ھەم راۋان

ئېلىپ كەلگىن ناۋات ھەم قەندىن دېگەن خۇراپات


ئوغرى ئالسا مېلىڭنى تاپالايمەن دەيدىغان

ئاشقىنىنى ئوغرىدىن پالچى مەن دەپ يەيدىغان

ئۇرۇق- تۇغقان دوستلارنى گۇمانلىقكەن دەيدىغان

ئۆگەن ئوغرى تېپىشنى مەندىن دېگەن  خۇراپات


دۇئا ئوقۇپ  قەستنى ھەم بەنتلەرنى ئاچىمەن

قەس قىپتۇ دەپ بىراۋنى ئاداۋەتلەر چاچىمەن

دەل كەلمىسە گەپلىرىم ئەپلەپ- سەپلەپ قاچىمەن

ئاساسى يوق ئىشلارنى دىندىن دېگەن خۇراپات


قىلغان ئىشىڭ دىندا يوق جاھالەتنىڭ قىلىقى

ھېسابى بار ھايات بۇ تەڭرىمىزنىڭ سىنىقى

ھوشۇڭنى تاپ خۇراپات دېدىم گەپنىڭ ئېنىقى

يوقال دېسە، مەندىكى گېندىن دېگەن خۇراپات


ئاپتورى: قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن:


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
20
UID
27364
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 13:26:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يىزىلىپ تۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 03:12, Processed in 0.069689 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991