تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 51437|ئىنكاس: 210

ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ ئاشپۇزۇللىرىغا نەزەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

153

تېما

56

ئەگەشكۈچى

3115

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
650
مۇنبەر پۇلى
1944
ئىشەنىچ
650
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 13:07:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ ئاشپۇزۇللىرىغا نەزەر


*    كۆپچىلىككە بىر نۇقتا ئېنىق بولسۇنكى مەن بۇ تېمامدا پەقەت تاماق پۇلى ۋە تاماقنىڭ مىقدارى ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن مۇنازىرىلەشمەكچى، ھەرگىزمۇ بەزى تورداشلار دېگەندەك قايسى ئاشخانىدىن تاماق يېيىش مەسلىسى ئەمەس. تېما ئېنىق بولسۇن، شۇ بويىچە ئەركىن مۇنازىرىلەشسەك بولىدۇ، ھەرگىزمۇ كۆپچىلىكنى بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يە دېمەكچى ئەمەس بەلكى نېمە ئۈچۈن تاماقنىڭ باھاسى بىلەن تاماق مىقدارى ئوڭ تاناسىپ بولمايدۇ دېگەن مەسلە ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىنىڭ مەناسىنى تولۇق چۈشىنىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھەممىڭلارغا تېنچ-ئامانلىق، ساغلاملىق يار بولسۇن. يېقىندىن بۇيان، خىزمەتلەر ئالدىراش بولغانلىقى سەۋەبلىك ياخشى ماقالە-ئەسەرلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنالمىدىم، لېكىن شۇ ئالدىراشچىلىق باھانىسىدا ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان تاماق باھاسى، تاماق مىقدارى ھەققىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش خىيالىدا بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
    يېقىندىن بۇيان خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى سىرتتىن كۆپرەك تاماق يەپ قالدىم، بەلكىم ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراق بولۇشى، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى سەۋەبلىك چۈشتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىرتتىكى ئاشپۇزۇللاردىن تاماق يەپ قالىدۇ. لېكىن ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاشپۇزۇللاردا ساقلىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك مەسىلە تاماق باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشى شۇنداقلا تاماق مىقدارىنىڭ ئازلاپ كېتىشىدۇر.
     تاماقنىڭ باھاسى قانچە قىممەت بولغانسېرى تاماقنىڭ مىقدارى شۇنىڭغا قاراپ كىچىكلەش.
    ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى بولسۇن ياكى تېز تاماقخانا ۋە ياكى ياخشىراق بېزەلگەن ئاشخانىلار بولسۇن، ھەممىسىدە تاماقنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى. شىددەت بىلەن ئۆرلەشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى مال باھاسى ئۆستى. ھەقىقەتەن مال باھاسى ئۆستىمۇ دېگەندە مال باھاسىدىمۇ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان خېلى ئۆسۈش بولدى. شۇڭا مال باھاسى ئۆستى دېگەن بىر سەۋەب بىزنىڭ تاماق باھاسى توغرۇلۇق گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. ئەمدى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى گەرچە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقاشسىمۇ نۇقۇل ھالدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى باھانە قىلىپ تاماق باھاسىنى ئۆستۈرۈش مېنىڭچە يەنىلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغۇ دەيمەن. ئەمىسە بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە شەكىللىنىدۇ؟ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى نەتىجىسىدە تاماق باھاسى ئۆستى، بۇنى بىز ھازىرچە قوبۇل قىلىپ تۇرايلى، ئەمىسە نېمە ئۈچۈن تاماقنىڭ مىقدارىدا زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولدى؟ بىز بۇرۇنقىدەك تاماق يەيمىز دەپ، بۇرۇن 10 يۈەن تۆلەپ لەغمەن يىگەن بولساق ئەمدىلىكتە 15 يۈەن تۆلەپ ئەينى ۋاقىتتا يېگەن تاماقنىڭ يېرىمىنى ئاران يەۋاتىمىز. ئەجىبا بىزنىڭ ئاشۇ ئارتۇق تۆلىگەن 5 يۈەن پۇلىمىز مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكىنىگە تۆلەنگەن پۇل بولماي نېمە؟ بىز يەنە تاماق مىقدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يەنە پۇل خەجلىشىمىز كېرەكمۇ؟
    ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى بىلەن خۇيزۇ ئاشپۇزۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى روشەن سېلىشتۇرما
    بەلكىم نۇرغۇنلىغانلىرىمىز ئوخشاشلا خۇيزۇ ئاشخانىلىرىغا كىرىپ تاماق يەپ باققان. تاماق يەپ باققانلارلا بولسا شۇنى بايقايدۇكى، ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى بىلەن خۇيزۇلارنىڭ ئاشپۇزۇللىرىنىڭ گەرچە تاماق باھاسى ئوخشاپ كەتسىمۇ لېكىن شۇنىڭغا كۆز يۇمماي تۇرالمايمىزكى خۇيزۇلارنىڭ تاماق مىقدارى ۋە ياكى قورۇغان سەيلىرىنىڭ مىقدارى بولسۇن بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرىدىن بىر ھەسسە كۆپ، سىز تۆلىگەن پۇلىڭىزغا خېلى رازى بولۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىسىز. مانا بۇ روشەن سېلىشتۇرما زادى نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟ ئەجىبا ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللار بىلەن باشقا ئاشپۇزۇللار ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالدا پەرق بارمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنچە روشەن پەرق يوق. باھا ئوخشاش، مىقدار ئوخشاش ئەمەس. بۇ زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تاماق باھاسىغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ لېكىن تاماقنىڭ مىقدارىغا تەسىر كۆرسەتمىسە بولاتتى.
    تاماق باھا تالىشىشقا بولمايدىغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر ئايرىلالمايدىغان زۆرۈرىيەت
    بىزكېيىم-كېچەك ۋە ياكى باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سېتىۋالغىلى چىققاندا باھا تالىشالايمىز، خالىساق ئالىمىز، خالىمىساق ئالمايمىز. لېكىن تاماقنى ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، تورداشلىرىمىز ئىچىدە بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق باھاسىنى تالىشىپ باققانلار يوققۇ دەيمەن. تاماق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ئۈچ ۋاخ قورسىقىمىز ئاچىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ھازىرقى ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق كۆرەڭلەپ كېتىشىنىڭ ئارقىدا بىزنىڭ دەل مۇشۇنداق ئۈچ ۋاخ ئېھتىياجلىق بولىدىغان، خالىساقمۇ يەيدىغان، خالىمىساقمۇ چوقۇم يېمىسەك بولمايدىغان ئېھتىياجىمىز يوشۇرۇنغان. مانا بۇ ئېھتىياج سەۋەبلىك بىز كۈندە ئاشۇنداق ئاشخانىلارغا بېىرىشقا مۇھتاج بولىمىز، باھا تالىشالمايمىز، ئاشخانا مۇلازىمەتچىلىرى ياكى ئاشخانا خوجايىنى يېسىڭىز يەڭ، يېمىسىڭىز مەيلى دەپ قاراپ تۇرىۋېرىدۇ.مۇشۇنداق شارائىتتا سىز يەنىلا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىز.
     ئەمدى ئاشۇ ئاشخانا خوجايىنلىرىغا دېمەكچى بولغىنىم، تاماق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تاماقلىرىمىزنىڭ مىقدارى ئازىيىپ كەتمىسۇن، خەلق ھەقىقەتەن سىلەرگە ئېھتىياجلىق، شۇنچە پۇل تۆلەپ ئاشخانىغا كىرىپ قورساق تويماي چىقىپ كەتسە ۋىجدانىڭلار بىلەن ئويلاپ بېقىڭلار بۇنىڭغا زادى نېمە سەۋەبچى؟ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىمۇ، تاماق مىقدارىنىڭ ئازىيشىمۇ، ئاشخانا خوجايىنىمۇ ياكى خېرىدارمۇ؟؟؟

21

تېما

36

ئەگەشكۈچى

7576

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
بۇغداي
تۆھپە
3038
مۇنبەر پۇلى
3370
ئىشەنىچ
3038
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 13:32:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ ئەپەندى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپسىز ‍!  مەسلەن : بىر خالتا  25 كىلو گىراملىق ئۇننى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا48 سومغا ئىلىپ يەيتۇق، ھازىر بولسا باھاسى ئۆسۈپ 89 سومغا چىقتى ، باھا ئۆستى لىكىن 25 كىلو ئون ئازىيىپ كەتمەي 25 كىلو پىتى تۇرىدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش سىز دېگەندەك بىر تەخسە لەغمەن 15 سومغا ئۆسسىمۇ ،تاماق مىقدارى 10 سومدىكى ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش بولىشى كىرەك ئىدى.
بۇ ئىشلاردا مېنىڭچە ، ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئاچ كۆزلىگى بىرىنجى ئورۇندا  تۇرىدۇ ، ئاندىن قالسا ئىستىمالچىلارنىڭ بىردەك ئورتاق پىكىردە قارشى تۇرماسلىقى سەۋەپ بولسا كىرەك.

باھا سۆز

سەيياھ ھازىر ئاشخانا ئاچقانلاردىمۇ دەرت ئىغىر،دۇكان ئىجارىسى،سۇ -توك پۇلى...دىگەندەك  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 00:28
پەزىلەتلىرىڭنىڭ قىممىتىگە تەمەننا قىلماي، ئۇنىڭ قىسمەتلىرىگە پەخەس بول.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

407

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
319
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 15:13:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى تىما ئىكەن .

3

تېما

22

ئەگەشكۈچى

2917

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
854
مۇنبەر پۇلى
1669
ئىشەنىچ
854
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 15:23:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تەخسە لەغمەن 15 يۈۋەن بولغاندا 6 تەخسە90 يۈۋەن بۇلىدۇ دىمەك بىر خالتا ئۇن نىڭ پۇلىغا ئاران 6 تەخسە لەغمەن يىگىلى بۇلىدىكەنغۇ

3

تېما

22

ئەگەشكۈچى

2917

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
854
مۇنبەر پۇلى
1669
ئىشەنىچ
854
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 15:33:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خالتا ئۇن90 يۈۋەن ناۋاي ئۇستامنىڭ قۇلىدىن ئۆتسە 100 دىن ئارتۇق نان بۇلىدۇ .

لېكىن بىز قانچە يۈۋەندىن سېتىۋالىمىز؟.......

3

تېما

22

ئەگەشكۈچى

2917

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
854
مۇنبەر پۇلى
1669
ئىشەنىچ
854
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 15:39:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇكانغا كىرىپ بىر ئىشتاننىڭ باھاسىنى سورىسىڭىز150 يۈەن دەيدۇ باھاسىنى تالىشىپ ئالسىڭىز 100 يۈۋەنگە بىرىدۇ
لېكىن بۇنى دۇكاندار پەقەت 50 يۈۋەندىنلا توپ باھادا ئالالايدۇ.

باھا سۆز

dolqun1231 سىز شۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇ نەرسىلەرنى سېتىشقا قاتناشتىڭىزما؟ سىلەرنىڭ شىركىتىڭلار «بولىدىكەن» جۇمۇ.....  يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 10:56

10

تېما

12

ئەگەشكۈچى

2507

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
576
مۇنبەر پۇلى
1507
ئىشەنىچ
576
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 15:46:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چەرچەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-30 15:48  

بەزى خۇيزۇ ئاشپۇزۇللىرىنىڭ تائامىلرىنىڭ ماتىريالى ئەرزان ،ئۇلار ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىمايدۇ مەن ئىلگىرى يىمەكلىكلەر شىركىتىدە ئىشلىگىنىمدە بىزنىڭ ناھىيەدىكى ساناقلىقلا خۇيزۇ ئاشخانلىرى بىزدىن مەكرۈ بۇلۇپ قالغان كالا ،قوي گۆشلىرىنى ئىنتايىن ئەرزان باھادا سېتىۋالاتتى ئۇلارنىڭ ئاشخانىسى بەك ئاۋات بۇلۇپ ئۇيغۇرلار تاماق يەيىتتى بەزىدە بۇ ئاشخانىلار تېخى ئىچكىرىدىن سۈپەتسىز ناچار گۆشلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ تاماق قىلاتتى .ئۇلارنىڭ تامىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە بىزنىڭ مۇسۇمانلار يەيىتتى.

باھا سۆز

dolqun1231 سىز شۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇ نەرسىلەرنى سېتىشقا قاتناشتىڭىزما؟ سىلەرنىڭ شىركىتىڭلار «بولىدىكەن» جۇمۇ.....  يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 10:58

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

140

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
21
مۇنبەر پۇلى
92
ئىشەنىچ
21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 16:55:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
      سىز دىگەن تاماق مىختارى ئاز بولۇش ،ھەم خۇيزۇلانىڭكى بىلەن پەرىقلىنىشى ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى بىلەن خۇيزۇ ئاشخانلارنىڭ ئىشلىتىدىغان خورۇچ وخشىمايدۇ ،ئككىنجىدىن كىشلەرنىڭ ئىشتاھى ئوخشىمايدۇ.مەن ما كەمگىچە بىرە ئاشخانغا كىرىپ قوسقىم ئاچ ئاشخاندىن چىكىتىپ باقمىدىم ،ئەگەر قوسقىڭىز تويمىغان بولسا،ھەقسىز سوغا قىلدىغان ئاق ئاش بۇيرىتقاندا كۆپىرەك ئىچىقىپ بىرىشنى بۇيرىسىڭىز بولىدىغۇ،ئاشۇرۇپ قويۇپ ئىسراپ قىلغاندىن ياخشى.

باھا سۆز

dolqun1231 سالامەت بىرئەر كىشى بىر پىيالە لەغمەنگە تويمايدۇ، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئاشخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تاماق ئاز  يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 11:10
سەيياھ توغرا   يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 21:25
guzal-qalib ھەق سۆز!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 18:01

3

تېما

22

ئەگەشكۈچى

4384

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1302
مۇنبەر پۇلى
2612
ئىشەنىچ
1302
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 17:36:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامال بولسا ئۆيدە يىگەن ياخشى.كونىلاردا بازا تامقى ئەقىلنى كىسىدۇ دىگەن گەپ بار.
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

11

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5748

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2170
مۇنبەر پۇلى
3023
ئىشەنىچ
2170
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 17:44:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ھەقىقەتەن مۇھاكىمە قىلىشقا تىگىشلىك ياخشى تىما ئىكەن . بىز چەتئەلگە چىقىش ۋە قايتىپ كىلىش
داۋامىدا بېيجىڭدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدۇق ، بېيجىڭدە بىر نەچچە ئورۇندا ھەشەمەتلىك بىزەلگەن
ئۇيغۇر رىستۇرانلىرى بولسىمۇ ، تاماق باھاسىنىڭ زىيادە يوقۇرىلىقى ، تاماق مىقدارىنىڭ ئازلىقى بىزنى بۇ يەرگە
ئىككىنچى قېتىم كىرمەس قىلىۋەتكەنىدى . بىز ئاخىرى بىرمۇنچە يول يۈرۈپ «نيۇجىيې» كوچىسىغا بېرىپ
خۇيزۇ ئاشپۇزۇللىرىدىن تاماق يىيىشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئىدۇق . بۈگۈنكى كۈندە كۆپ قىسىم ئۇيغۇر
رىستۇران ، ئاشپۇزۇل خوجايىنلىرىدا ئىنساپ قالمىدى ، ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلىكىگە ھىچنىمە توغرا كەلمەيدۇ !

باھا سۆز

bayaka سزلەرۆينڭپۇلـنمۇھـسپلم  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 16:22
karakq تۇغۇرا دەيسىز ھازىرقى ئادەمللەر بەك ئاشكۇز ....  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 17:36
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 13:22, Processed in 0.124274 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش