- تىزىملاتقان
- 2012-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-31
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 3166
- نادىر
- 17
- يازما
- 391
  
- 真实姓名
- نىجات نىياز ئېھسان
- تۆھپە
- 653
- مۇنبەر پۇلى
- 1991
- ئىشەنىچ
- 653
| بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى روشەن ھالدىكى تاماق باھاسىنىڭ ئۆسۈش شۇنداقلا مۇلازىمەتنىڭ ياخشى بولماسلىق مەسىلىسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ بەزى تورداشلار ئېيتقاندەك قورساق تويۇش تويماسلىق مەسىلىسى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يېيىش مەسىلىسى ئەمەس. مېنىڭ بۇ تېمىدا خۇيزۇ ئاشخانىلىرىنى تىلغا ئېلىشىم پەقەت سېلىشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېيتىلغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەن سېلىشتۇرمايمۇ ئۆزۈمنىڭ پاكىتلىرىنى يەنە تولۇق ئوتتۇرىغا قويالايمەن. 1. تاماق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئاشخانىلارنىڭ مۇلازىمىتىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ يوق ؟ ھازىر نۇرغۇنلىغانلىرىمىز ياخشى ئاشپۇزۇللارغا كىرىپ تاماق يېسەكمۇ لېكىن مۇلازىمىتىنىڭ ناچارلىقى بىزنى بىزار قىلىدۇ، لېكىن ئاشخانا خوجايىنلىرى تاماق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى يەنە بىر سەۋەبنى مۇلازىمەت باھاسى يەنى بىز ئۈچۈن تاماق يېگۈچىلەر ئۈچۈن قىلىدىغان مۇلازىمەت ھەققى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالىدۇ؟ قېنى ئەمىسە تورداشلار ئېيتىپ بېقىڭلار، كىملەر قايسى ئاشخانىنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى بولدۇڭلار؟ 2. مۇلازىمەتنىڭ خېرىدارلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ۋە خېرىدارلاردىكى قېيداش پىسخىكىسى ئەگەردە مەلۇم بىر ئاشپۇزۇلنىڭ خېرىدارلارغا بولغان مۇئامىلىسى ۋە مۇلازىمىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا خېرىداردا شۇ ئاشخانىغا نىسبەتەن قېيداش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ، بۇ قېيداش پىسخىكىسى ئەڭ ئاخىرىدا خېرىدارنى شۇ ئاشپۇزۇلغا كىرمەس قىلىۋېتىدۇ. 3. قېيداش پىسخىكىسى شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدىكى ئاشپۇزۇللارنىڭ سودىسى شۇنچە ياخشى؟ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ۋە كېتىپ تۇرىدىغان ئاقما نوپۇس سانى بەك كۆپ. بۇ ئاقما نوپۇسلارنىڭ كۆپ بولۇشى نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاشخانىلارنىڭ سودىسى بۇرۇنقىدەك ھەتتا بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى بولماقتا، لېكىن بىر ئاشخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنىڭ كونا خېرىدارلىرىچۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ئاشخانىلارنىڭ كونا خېرىدارلىرى يوق؟ مانا بۇ مەسىلىلەرمۇ بىزنىڭ ئويلاپ بېقىشىمىزغا شۇنداقلا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىزغا تېگىشلىك مەسىلە. |
|