تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىدىكى مەھسۇلاتلار راستىنلا كارغا كېلەمدۇ؟
يېقىندىن بېرى قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، قىزىلسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئۇلاپ كۆرسىتىش قانىلى ھەم ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ كۈندۈزلۈك كۆرسىتىشلىرىدە، مەزى بېزى، جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكلىرى ھەم ھەرخىل سۆڭەك كېسەللىكلىرى، تەمرەتكە، تېرە كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورىلار بىلەن ئورۇقلىتىش دورىلىرى، قوي ھەمرىيى جەۋھىرى، چاچ چىقىرىش، بوياش مەھسۇلاتلىرى، گۈزەللەشتۈرۈپ قورۇق يوقىتىش بۇيۇملىرى، قاتارلىق مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى مەخسۇس ئېلانلار كۆپىيىپ قالدى. بۇ ئېلانلار ھەتتا مەخسۇس پىروگراممىلارنىڭ ئارىلىقلىرىغىمۇ قىستۇرۇلۇپ بېرىلىپ كىشىلەرنى بېزار قىلىشقا باشلىدى. يۇقىرىقى مەھسۇلاتلار راستىنلا تېلېۋىزور ئېلانلىرىدا ئېيتىلغاندەك شۇنداق ئۈنۈملۈكمۇ؟ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ھېچقانداق تەركىب يوقمۇ؟ كارغا كېلىپ كېسەللىكنى يىلتىزىدىن ساقايتالامدۇ؟ يۇقىرىقى جەھەتلەردە ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. قايسى كۈنى بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشىمچە، چاچ بويىقىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، راك كېسىلىنى پەيدا قىلىپ، كۆزنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، يەنە بەزى غەربچە دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتسە، تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ئەخلەتلەر ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، گىرىم بۇيۇملارنى كۆپ ئىشلىتىش ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقكەن. ئۇنداقتا تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىدىكى مەھسۇلاتلار راستىنلا شۇنداق خاسىيەتلىكمۇ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى، سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلامدۇ ياكى پۇل تېپىش ئۈچۈن بۇلار بىلەن كارى بولمامدۇ؟ يېقىندىن بېرى، سۈپەت، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن ئۆتكەن نۇرغۇن مەھسۇلاتلاردا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار بارلىقى ئېنىقلىنىپ، پۇقرالاردا يۇقىرىقى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلماقتا. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى پارتىيە - ھۆكۆمەت تەرىپىدىن خەلققە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. ھەرگىزمۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس. شۇڭا بىز ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ ئېلان بەرگەندە كۆپتۈرۈۋەتمەسلىكىنى، مەھسۇلاتنىڭ بېخەتەرلىك دەرىجىسى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 12:10
|