كۆرۈش: 9231|ئىنكاس: 9

‹‹ لوپ ›› ناھىيەسىدىكىلەر لوپنۇردىن كۆچۈپ كەلگەنمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
27290
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:34:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹ لوپ ›› ناھىيەسىدىكىلەر لوپنۇردىن كۆچۈپ كەلگەنمۇ؟


شېرىپجان قاسىم كامالى



   لوپ خوتەن ۋىلايىتىگە تەۋە چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى. لوپ ئىلگىرى ‹‹ئورۇڭقاش›› (يورۇڭقاش، يۇڭقاش) دېيىلىپ كېيىنچە ‹‹لوپ›› دەپ ئاتالغان. لوپ ناھىيەسى تارىختا ئىزچىل خوتەن دىيارىنىڭ يىپەك، قەغەز، گىلەم، قىيمىچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم بازىسى بولۇپ كەلگەن. ‹‹لوپ›› سۆزىنىڭ مەنىسىنى تېپىش ئۈچۈن، رۇسىيەلىك رادلوۋ، مالوۋ، ئۇدۇنشۇناس خۋاڭ ۋىنيىن، ئۇيغۇرشۇناس نيۇروچىن، موڭغۇل لوپنۇرشۇناس گاردىن باتىر، مەشھۇر لوپنۇرشۇناس سىۋىن ھېدىن قاتارلىق زاتلار كۆپ ئەجىر قىلدى. لېكىن ‹‹لوپ›› سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەلىك مەنىسىنى ئەڭ توغرا چۈشەندۈرگۈچى رادلوۋ بولدى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تېرىم بويلىرىغا ئائىت تۈركىي يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئاساسىدا ‹‹لوپ›› سۆزىنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹لاپ›› (نەملىك، سۇ يىغىلىش) ‹‹لەب››، ‹‹ناب›› (سۇ كۆلچىكى) سۆزىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى بىلەن ئالىم، سەيياھلارنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى جۇغراپىيەلىك كۆزىتىش، كارتوگىرافىيەلىك سېلىشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىپ ‹‹سۇ يىغىلىش››، ‹‹سۇ تىندۇرمىلىرى›› دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. قەدىمكى زاماندىكى خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى ‹‹دەريا ئېقىنلار ھەققىدە پۈتمە›› دېگەن رىسالىدە ‹‹لوپ ئۇيغۇرلىرى تىلىدا لوپ سۆزى يىغىلغان سۇ دېيىلىدۇ›› دەپ پۈتۈلگەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەڭ ئاخىرى ئالىم رادلوۋنىڭ ئىسپاتى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى.
   ئەمما ھازىرغا قەدەر ‹‹لوپ›› سۆزى ھەققىدىكى تالاش – تارتىش تېخى تۈگىمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ‹‹لوپ توبۇت تىلىدا دىنىي ئىتېقاد دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ›› دەيدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ‹‹لوپ سۆزى جاڭگال، بوزاڭلىق دېگەن بولىدۇ›› دەپ مەسىلىنى تېخىمۇ يىراققا قاچۇرۇۋەتتى. بىزچە بولغاندا ‹‹لوپ›› سۆزىنىڭ توغرا مەنىسىنى خۇددى ئالىم رادلوۋ ئېيتقاندەك ‹‹سۇ يىغىلىپ قېلىش››، ‹‹سۇ تىنغان كۆلچەك›› دېيىش ئەقىلگە مۇۋاپىق. يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ئاساسسىزلا ‹‹لوپ ناھىيەسىدىكى ئادەملەر لوپنۇر رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن›› دەيدۇ. بۇنداق قاراشنىڭ ھازىرغىچە قىلچە ئاساسى يوق.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئابلەت ئابدۇرېھىم
تىللا
562
تۆھپە
86
UID
112
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:12:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار، بەلكىم سىز ئەزىزانە يۇرت خوتەن لوپقا كېلىپ  باققاندۇرسىزلەر ، ياكى تاراتقۇلاردىن ئانچە -مۇنچە ئاڭلاپ باققانسىزلەر، ئەمەلىيەتتە لوپ ناھىيەسى خوتەننىڭ يارقىن ئخچام كۆرۈنۈنىشىدۇر،خوتەننى تونۇتۇۋاتقان بارلىق ئېسىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ياكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىپلىرى دەل مۇشۇ زىمىندا ئاپىرىدە بولغان، ئالايلۇق قاشتېشى ، گىلەم ، ئەتلەس، ياڭاق ، ئۇيغۇر دورىگەرلىكى دېگەندەك ، شۇڭا دەيمىز.............. خوتەنگە كەلمىگەنلەر شىنجاڭنىڭ قەدىمىي سىرىنى بىلەلمەيدۇ، لوپقا كەلمىگەنلەر خوتەنگە كەلگەن ھېسابلانمايدۇ.
تېما ئىگىسگە رەھمەت، مېنىڭچە لوپ سۆزى- يىغىلغان سۇ،سۇ يىغىلىپ قالغان ئويمان يەر دېگەن مەنىدە، چۈنكى بۈگۈنكى لوپ  بازىرى ئەتراپىدىمۇ نۇرغۇن زەي نەم يەرلەر،بۇلدۇقلاپ سۇ چىقىدىغان جايلار بار، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaptikax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 02:29  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1386
تۆھپە
502
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 14:14:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaptikax يوللىغان ۋاقتى  2012-9-12 12:12
ھۆرمەتلىك تورداشلار، بەلكىم سىز ئەزىزانە يۇرت خوتەن ل ...

مەن مۇشۇ قاراشنى قوللايمەن.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
863
تۆھپە
416
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 14:21:46يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەت لوپنۇرغا بىر بىرىپ باقسەمكەن دەيمەن .


مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 14:53:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بىزنىڭ ۋېلايىتىمىزنىڭ لوپ ناھىيىسى خوتەننىڭ يارقىن ئخچام كۆرۈنۈنىشىدۇر،خوتەننى تونۇتۇۋاتقان بارلىق ئېسىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرى،ياكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىپلىرى دەل مۇشۇ زىمىندا ئاپىرىدە بولغان، دىمىسىمۇ لوپلۇقلار لوپنۇردىن كۆچۈپ كەلمىگەن


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:56:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپلۇقلارنىڭ لوپنۇردىن كۈچۈپ كەلگلەنلىكى راست بۇنى تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئىسپاتلىغان


Rank: 2

ئىسىمى
گۈزەل نۇر
تىللا
118
تۆھپە
58
UID
10481
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:31:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپنى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن.ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن ھەمىمىز بىر يۇرتنىڭ سۈيىنى ئىچىمىز.


Rank: 2

ئىسىمى
گۈزەل نۇر
تىللا
118
تۆھپە
58
UID
10481
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:32:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
musapirbala يوللىغان ۋاقتى  2012-9-12 14:21
مەن پەقەت لوپنۇرغا بىر بىرىپ باقسەمكەن دەيمەن . ...

زادى بىر كەلگىدەك يەر جۇمۇڭ ...بەك چىرايلىق ,ئىچىڭىزنى قىزىتىپ قوياي.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 00:41:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوجون راسما


Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
6
UID
27084
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 12:56:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپنۇر راستىنلا بىر كۆرۈشكە ئەرزىگىدەك يۇرت.قارىغاندا  گۈزەلنۇرمۇ لوپنۇردىن ئوخشىمامدۇ .كۆپچىللىك پۇرسەت بولسا ‹لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ ›دېگەن ناخشىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 06:24, Processed in 0.079123 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991