تېرىملىقلارنىڭ كۈيۈئوغلىغا پوتا باغلاش ۋە تۇخۇم قويۇش ئادىتى
سادىر سابىر، ئوبۇل مەخمۇت
يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن ئىشلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ يۇرتتا قىز-يىگىتلەرنىڭ تويى باشلىنىپ، تۇنجى كۈنى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدە توي-مەرىكە ئۆتكۈزۈلىدۇ.شۇ كۈنى ئوغۇل تەرەپ قىزنىڭ ئۆيىگە بىر-ئىككى قۇيرۇقى چوڭراق قوينى سويۇپ، گۆشىنى پۈتۈن پېتى، يەنە (بۇ ئۇچا قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قىز مېلى، يەنى قىزنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن تەييارلانغان نەق پۇل ياكى كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قىز تەرەپنىڭ يېقىن ئورۇق-توغقانلىرىغا بىر-ئىككى كىيىملىكتىن رەخت ياكى باشقا سوۋغا-سالاملارنى تەييارلاپ چاي ئېلىپ بېرىپ قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە جاۋابەن چاي ئېلىپ مېھمانغا بارغاندا، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئورۇق-تۇغقانلىرىغا ئوخشاشلا بىر ئىككى كىيىملىكتىن رەخت، تويى بولغان قىز-يىگىتكە بىر يۈرۈش يوتقان-كۆرپە، قىزىنىڭ كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان بىر دانە ساندۇق، بىر نەچچە لېگەن تۇخۇم، قوماچ ياكى يەل-يېمىشلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە كۈيۆئوغلىنىڭ بېلىگە باغلايدىغان ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر دانە قىزىل تاۋار پوتا (بەلباغلىق) ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە داستىخان ئېچىلىپ، يۇقىرىقى نەرسىلەر قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، قىز تەرەپتىن قېيىنئانا بولغۇچى ياكى قىزنىڭ قولدىشى بولغان بىر قىز پوتىغا بىر لېگەن تۇخۇمنى قويۇپ، ئاندىن يىگىتنىڭ بېلىگە چىڭ باغلاپ قويۇپ، يىگىتكە ‹‹بىلىڭىز مۇشۇ باغلانغانچە بوشاپ كەتمىگەي! ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتى بىر-بىرىڭلارغا پوتا باغلانغاندەك چىڭ باغلانغاي!›› دەپ مۇبارەكلەيدۇ. يىگىتمۇ ‹‹ھەشقاللا! دېگەنلىرىدەك بولغاي!››، دەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا 50 يۈەن ياكى 100 يۈەن ئەتراپىدا پۇل سۆيۈنچە بېرىدۇ. ئاندىن، يىگىتنىڭ ئەل-ئاغىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا بەس-بەستە بىردىن پۇتا باغلاپ ئۇنىڭ تويىنى مۇبارەكلىشىدۇ.تېرىملىقلارنىڭ كۈيۆئوغلىغا پۇتا باغلاش ئادىتى قىز- يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىنىڭ بىر-بىرىگە پوتىدەك مەڭگۈ چىڭ باغلىنىپ، ئۆمۈرلۈك بىر جۈپلەردىن بولۇپ ئۆتۈشىنى تىلەشنى ئىپادىلەيدىكەن.
تېرىملىقلارنىڭ ھېيت پەتىسىدە، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كۈيۆئوغلىغا تۇخۇم قويۇش ئادىتىمۇ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خىل ئۆرپ-ئادەت بولۇپ، بۇ ئۆرپ-ئادەت مېھرىبانلىقنىڭ ۋە ئىناقلىقنىڭ سىموۋولى سۈپىتىدە تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ يۇرتتا ھەريىلى روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتا كۈيۆئوغۇل قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ بارغاندا،ئاتا-ئانىسى، ئەڭ يېقىن دوستلىرى ۋە ئاساسلىق ئورۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بارىدۇ.ئوغۇل تەرەپ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ تۆت-بەش نان ۋە بىر نەچچە كىلوگىرام قەن-ناۋات قاتارلىقلارنى يۆگەپ ئالاھىدە تەييارلانغان داستىخان ئېلىپ بارىدۇ. ئوغۇل تەرەپ غىزا تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن داستىخاننى قويۇپ، كۈيۆئوغلىنىڭ قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىغا ھېيتلىقى بارلىقىنى، ئاز كۆرمەي قوبۇل قىلىشنى ئېيتىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قىز تەرەپمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن، ھەر خىل رەڭلەردە بوياپ پىشۇرۇلغان ئاز بولغاندا 30-40، كۆپ بولغاندا 100 دىن ئارتۇق تۇخۇمنى لېگەنگە چىرايلىق تىزىپ، ‹‹كۈيۆئوغلىمىزغا ئازراق ھېيتلىقىمىز باركەن، ئاز كۆرمەي قوبۇل قىلىشالا››، دەپ كۈيۆئوغلىنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. بۇ چاغدا ئالدى بىلەن چوڭلار تۇخۇمنى تەكلىپ بىلەن ئالىدۇ.ئاندىن قالغانلارمۇ تۇخۇمنى بىر-ئىككىدىن ئېلىپ سۇيۇپ يېيىشىدۇ.ئېشىپ قالغان تۇخۇملارنى كۈيۆئوغۇل ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئەڭ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىگە ۋە كىچىك بالىلارغا ھېيتلىق ئورنىدا تارقىتىپ بېرىدۇ.
كۈيۆئوغۇلغا ھېيت پەتىسىدە تۇخۇم قويۇش ئادىتى شۇ ئوغۇلنىڭ توي قىلغان تۇنجى يىلىدىكى ھېيت پەتىسىدىن باشلانغانچە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا، قىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كۈيۆئوغۇلغا تۇخۇم قويۇشنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، بۇ قىز تەرەپنىڭ ئەدەپسىزلىكى، كۈيۆئوغۇلغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا يېڭى توي قىلغان يىگىتلەرلا ئەمەس، بەلكى چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن قېرى كۈيۆئوغۇللارمۇ ئايالى تەرەپكە ھېيت پەتىسى قىلىپ بارغاندا، ياش ۋاقتىدىكى ھېيت پەتىسىگە ئوخشاشلا ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ھايات ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا ئاتاپ پىشۇرۇپ قويغان ‹‹كۈيئوغۇل تۇخۇمى››غا ئېرىشىدۇ. كۈيۆئوغۇلمۇ قەنت، ناۋات ياكى باشقا ھېيتلىقىنى ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇنداق قىلىشنى ئۇلار ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ساداقىتى ۋە چىن مۇھەببىتىنىڭ شاھىدى، دەپ قارايدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇرۇن تېرىم بەگلىكىنىڭ قىزى ياتلىق بولۇپ، يىگىت تەرەپ تۇنجى ھېيت پەتىسىگە كەلگەندە ساندۇق-ساندۇقلاپ قەنت-ناۋاتلارنى ئېلىپ كەلگەنمىش. يىگىتنىڭ ئانىسى ‹‹بالىلارنىڭ تۇرمۇشى مۇشۇ قەنت-ناۋاتتەك شېرىن ئۆتكەي››، دەپ تىلەك تىلىگەنمىش. قىز تەرەپمۇ يۈز نەچچە لېگەندە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئېلىپ چىقىپ داستىخانغا قويۇپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلغانمىش. ئاق تۇخۇم پاكلىقنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ، قىز تەرەپ، قىزىنىڭ پاك ھەم شەرم-ھايالىق قىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنمىش. تېرىملاىقلاردا كۈيۆئوغلىغا تۇخۇم قويۇشى شۇنىڭدىن باشلاپ بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ قالغانمىش.