كۆرۈش: 3723|ئىنكاس: 3

ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
480
تۆھپە
252
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 22:03:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟



      ھېچكىم خاتالىششىنى خالىمىسىمۇ، توغرىلىقىنى ئىزدىسىمۇ، خاتالىشىش ئىنسانلارنىڭ دائىملىق تەقدىرى بولۇپ كەلدى. ئادەملەر ئەزەلدىن بەختكەئىنتىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تالاي بەدەللەر تۆلىدى. لېكىن بەختنىڭ قەيەردىلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ زادى نېمىلىكى ھازىرغىچە بىر سوئال پېتى تۇرۇپتۇ. «بەخت» تارىختىكى بارلىق پەيلاسۇپ مۇتەپەككۇرلارنىڭ بەھىس تېمىسى، لېكىن كىشىلەر ھازىرغىچە رېئاللىقتىكى «بەخت» يولىنى كۆرەلمىدى. يەر شارىدىكى دۆلەتلەر ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادالەت داۋاسى بىلەن قۇرۇلغان. بىراق بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادالەت ئۈچۈن تىنىمىسىز ياڭراۋاتقان سادالارنى ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز.
      تارىخ خەزىنىسىدىكى پۈتمەس – تۈگىمەس تەجرىبە – ئىبرەتلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمايدىغان ئىنسانلارنىمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. خۇددىي تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسى ئاز كەپ قېلىپ، خوجىنىياز ھاجى بۇنىڭدىن بىزگە قايتا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەندەك. ھەقىقەتەنمۇ ئۆتكەنلەر ئۆز خاتالىقلىرىدىن پاتمان – پاتمان پۇشايمان -  تۆۋىلىرىنى قىلىپ، ئەۋلادلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ - يۇ، ئەۋلادلار بولسا ئىبرەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا «ئۆگەنگەن خۇي ئۈجمە پىشقىچە» دېگەندەك ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەنىلا تالاي قان – ياشلىق ۋەسىيەت، نادامەتلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ بىر شۇنداق ئايلىنىدىغان، ھەممە ئادەم شۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، يەنىلا ھېچ ئامال قىلالمايدىغان جەريان.
      بۈگۈننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نوقۇل تارىخىي تەجرىبىلەرلا ئەمەس، تارىخىي تەجرىبىلەرنى دەۋرىيلەشتۈرىدىغان پاراسەت، بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنى كۆرەلەيدىغان كۆز، يۈزلىنىشنى پەرەز قىلالايدىغان ئۆتكۈرلۈك، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلەرگە خىلاپلىق قىلمايدىغان ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك.
      ئىنسانلار ئۆز قوللىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتلىرىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆرۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ئامىللارنى بەلگە قىلغان يېڭى – يېڭى دەۋرلەرنى ياراتتى. ھەربىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرى پەيدا بولدى. بۇلار يېڭىچە تەدبىرلەرنى تەقەززا قىلدى.يېڭى تەدبىرلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى مەسىلىلەرگە ھامىلىدار ئىدى.
      ئىنسانلارنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلدى. يېقىنقى دەۋرلەرگە كەلگەندە، بولۇپمۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىشى، ئىلگىرى سىرلىق بىلىنگەن ئىشلارنىڭ جاۋابىنى بىر – بىرلەپ تېپىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىگە، تەبىئەتكە، دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر روي بېرىشكە باشلىدى. ئىنسانلارئۆزىنى ئىلگىرىكىدەك ئاجىز ھېس قىلمايدىغان بولدى. تېخنىكا ئارقىلىق قولغا كەلگەن، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەركىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. شۇ جەرياندا تېخنىكا تېخنىكىنى، بايلىق بايلىقنى، ئېھتىياج ئېھتىياجنى تۇغدى. ئىلگىرى ئىنسانلار ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتى، ھازىر ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان بولدى. بۇ قىقاس – سۆرەنگە تولغان ئىلگىرىلەش ئىچىدە ئىنسانلار ئاستا – ئاستا ئەمەلىي، ماددىي ئۈنۈم ئەكىلەلمىگەن ھەرقانداق بىر نەرسىگە ئومۇميۈزلۈك سەل قاراشقا باشلىدى. خۇددى «قۇرئان كەرىم» دە ئېيتىلغاندەك: «ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەرئۇنىڭغا كۈلپەت يېتىپ قالسا (ئاللانىڭ رەھمىتىدىن)، تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم (بۇ ئۆزۈمنىڭ سەئىي – ئىجتىھاتىدىن كەلگەن …) دەيدۇ. ئىنسانغا نىمەت ئاتا قىلساق، يۈز ئۆرۈيدۇ، ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە ئۈزلۈكىسىز دۇئا قىلىدۇ»

      بۇرۇن مەسىلىلەر ئاچلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا، ھازىر توقلۇقتىن چىقىشقا باشلىدى. روھىي قىممەت، ئەخلاق پەزىلەت  – پەزىلەتلەر ئىقتىدار، قابىلىيەت دائىرىسىدىن سانالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا بىۋاسىتە نەپ ئەكىلەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك بازارلاشقان دۇنيادا ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتۇقچە ساناپ، تەرك ئېتىشكە باشلىدى. ئەگەر ئىنسانلار ئادەم ئەخلاققا مۇھتاج ئەمەس دېگەنگە ئاساس تاپماقچى بولسا، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئىنكار قىلىشى كېرەك. ئادەم ئادەملىك سالاھىيىتىنى، مەنىسىنى يوقاتمايدىكەن، ئەخلاقمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. ئەخلاقنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ. ھازىرقى ئەخلاقلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىمۇ ھەقىقىي ئىنسانىيلىقتىن كەلگەن تەبىئىي ئەخلاق بولماستىن، بەلكى ئەخلاقلىق بولۇش زۆرۈر بوپقالغاچقا، شەكىللەندۈرۈۋالغان سۈنئىي ئەخلاق ئىدى.
      كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيەنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرغىپ قىلىنىشى، باشقىلارغا ئېنىق بولمىغان بارلىق ئىشلارنى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشلارغا ئايلاندۇردى. ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ئوچۇق - ئاشكارا ئىنكار قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نوپۇزى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتتى.
      ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىلا ئەخلاققا ئۇيغۇنمۇ؟ يا بۇ ئەقىل قايسى خىل ئەقىل؟
      ماھىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى، گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەيئىلەرنىڭ قانداق كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ شەكىلىگىلا باغلىق بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى كۆزىتىشتە قوللانغان ئۇسۇلغا باغلىق. بىز ئوخشاش شەيئىينى ئوخشىمىغان بىرقانچە نۇقتىدىن كۆزەتسەك، ئۇمۇ بىر قانچە خىل شەكىلدە كۆرۈنىدۇ. كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك، رەزىللىككە تۇتقان پوزىتىسيەسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلارمۇ پىرېزىدېنت كىلىنتوننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنى ئەپۇ قىلدى. بۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى مەنپەئەت ئۈچۈن قانداق قۇربان قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندا پارىژ خەلقى ئۆزىگە ئۆزىنىڭ بەچچىۋاز ئىكەنلىكىنى ئېنىق جاكارلىغان بىرىنى شەھەر باشلىقى قىلىپ سايلىدى. بۇ ئۇلارنىڭ گۈزەللىك، رەزىللىككە ھۆكۈم قىلىشتا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئامېرىكىچە، فىرانسۇزچە كۆزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
      خەلق تاللىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرا، دەپ قارالدى. بۈگۈنكى كىشىلەر دەل ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى قاندۇرالايدىغان («نەپسىنىڭ بىخىللىقىدىن ساقلانغۇچىلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر» «قۇرئان كەرىم » دىن) ئۆزىگە راھەت، لەززەت ئەكىلەلەيدىغان بارلىق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئىستېمال بۇيۇمى سۈپتىدە تاللىۋالدى. جىنسىي راھەت بولسا، ئىنسانلارتاللىۋالغان ئەڭ ئەجەللىك راھەت بولدى. بۇنى قاندۇرۇش بۈگۈنكى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا شەخسنىڭ ئەركىنلىك دائىرىسىدىكى ئىش، دەپ قارالدى. ئەنئەنىۋى نىكاھ، ئائىلە تۈزۈلمىسى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ھەتتا بەزى يەرلەردە ئائىلە ھېچقانچە مۇھىم دەپ قارالمايدىغان، كىشىلەر ئائىلىنى ئۆزىگە تۈرمە، دەپ قارايدىغان بولدى.
      كىشىلەرنى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىنساننىڭ تېنىگە زىيانلىق بولغاچقا، كىشىلىك ھاياتقا تەھدىت ئەكەلگەچكە چەكلىدى. ناۋادا ئىنسانلار ئۆز روھىنىڭ ساغلاملىقىنى تېنىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىغاندەك قوغدىغان بولسا، ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك مىسىلسىز روھىي كىرىزىسقا دۇچار بولماس ئىدى. مەنىۋى بۇزۇلۇش ئادەمنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئەكەلمىگەچكە، كىشىلەر ئۇنىڭغا سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بەرمىدى. ئادەملەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئالدى، جازالىدى، مېنىڭچە روھىنى بۇلغىغان مەنىۋى زەھەر تارقاتقۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلا جازالاش كېرەك.
      شۇنى قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇكى، بىر جەمئىيەتتە ئوغرىلىق، بۇزۇقچىلىق، قاتىللىق دېگەندەك جىنايەتلەر گاھى – گاھىدا يۈز بېرىپ تۇرسا، بۇ نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ھەمىشە يۈز بەرسە بۇ نورماللىق بولماي، ئاللىقاچان بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ، شۇنىڭدەك جىنسىي بۇزۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە، بۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان نورمال ھادىسە، دەپ قاراش ئەخمىقانىلىك بولىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، بۇ خىل ئەخلاقسىزلىقنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نۇرمال ھادىسە سۈپتىدە «توغرا» چۈشىنىپ، ئەپۇ قىلىشى، ناۋادا كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بوپ كەتسە، بەلكىم ئاۋۋال مەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرك ئېتەرمەن.
      مەن يۇقىرىقىدەك ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك، بۇزۇقچىلىقلارنى مەسىلىنىڭ ئۆزى دەپ قارىمايمەن.ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىسىدا شەكىللەنگەن، ئىنسانلارنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە قۇرغاقلىشىپ قاغجىراپ كەتكەن روھىيەت ئېتىزلىقىدىن ئۈنۈپ چىققان شۇمبۇيىلارنىڭ بىر نەچچە تۈپىدۇر.
      بۇ ئەسىردە ئەڭ كۆپ نەرسىمۇ ئادەم، ئەڭ ئاز نەرسىمۇ ئادەم بولدى. بۇ ئەسىردە جاھان ئىمپېراتۇرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە ماڭا چۈشۈۋاتقان قۇياش نۇرىنى توسۇۋالدىڭ، دېيەلىگەن ھېلىقى كىشىدەك روھى بار ئادەملەرنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر قەۋەتلىك بىنالارنىڭ رەتلىك ئىشخانىلىرىدىن، دۆۋە - دۆۋە كىتاب – ماتېرىياللار ئارىسىدىن، قاتۇرۇپ كىيىنىپ، قورساقلىرىنى ساڭگىلىتىۋالغان ئېسىلزادىلەرئارىسىدىن، قىلالمىغان، قىلىشقا پېتىنالمىغان ئىشلىرىنى پەلسەپەۋى تىللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ماھىر كىشىلەر ئارىسىدىن تېپىلمايدۇ. ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى شۇنچە ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىكى، ئۇلار تارىختا ئۆتكەن ئاد، سەمۇد قەۋىملىرىدىن بەس تالىشالايدۇ. بۈگۈن ئىخلاس، ساداقەتمەنلىك يوقالدى. بۇ بىر خۇدانى ئۇنتۇلغان، ئىنسانلار ئۆزىنى خۇدا قىلىۋالغان بىر دەۋر بولدى. نەپىس ئېتىقادتىن غالىب كەلدى.
      ئېرىخ فرۇم نېتزىيىنىڭ 20 - ئەسىردە: «ئادەملەر ئۆلدى» دېدى. ئۇ ئىنسانلارئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىتالىيەدىكى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدەك بىر مىسلىسىز ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. گەرچە بۇ گەپ 1979 – يىلى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ رېئاللىقتىكى ئالامەتلىرىنى كۆرگىنىمىز يوق.
      يەر شارى خاراكتېرلىك بۇ روھىي قورغاقچىلىق، ئېتىقادى ئەزەلدىن سۇيۇق بۇ مىللەتكە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھېچبىر ئۇيغۇر ئاتا – ئانا ۋە ئۆزىنىڭ قىز - ئوغۇللىرىدىن خاتىرجەم ئەمەس. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھەببەت بۇزۇقچىلىقنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندى. ئىپپەت قىزلار گۆھىرىلىك سالاھىيىتىنى بارا – بارا يوقىتىشقا باشلىدى. يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا خۇددىي كىچىكىمىزدە پاسكىنا سۇنى: «كۆزۈم كۆرمىدى، قۇلىقىم ئىشتمىدى» دەپ ئىچكەندەك مۇئامىلە قىلىشقا يۈزلەندى. قىزلىق پەردە ئوپېراتسىيەسىنىڭ بازارلىشىشى، پارتلىماي قالغان يانار تاغنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىۋەتكەندەك بىر ئىش بولدى. ياشلىرىمىز تورمۇزى بوزۇلۇپ كەتكەن ماشىنىغا ئوخشاش بولۇپ قالدى. ئىلگىرى كوچا – كويلاردا، كىشىلەر كۆرۈپ قالىدىغان ئوچۇقچىلىقتا ئىتلار جۈپلىشىپ قالسا، كىشىلەر تاش ئېتىپ قوغلىۋىتەتتى، ھازىر ئىتلارمۇ خىجىل بولۇپ خالىي جايلارغا كېتىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئەمدىلىكتە ئادىمىي ئىتلار ئالدى. ئەرلەر ئاياللىرى باشقىلار بىلەن تانسا ئوينىسا ئۇنى كۈنلەش قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك دەپ قارايدىغان، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى توغرا چۈشنىدىغان بولدى. ئەجىبا، ئۇلار بۇزۇقچىلىقنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەي قالارمۇ؟
      جىنسىيەت ھازىرقى «مەدەنىيەتلىك» جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاشكارا تېما قاتارىدا قوبۇل قىلىندى. جىنسىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يوشۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىك ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇردى. باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ھازىرقى كۈندە ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ. بىز بولساق بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىي ساۋاتلارنى ئىلمىي چۈشەندۈرمىگەنلىكتىن، دەپ قارىدۇق. ئوقۇغۇچىلارغا بۇنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا، ئوقۇغۇچىلاربۇنى بىلىم دەپ قوبۇل قىلارمۇ ياكى ھەۋەسلىنىپ ئاڭلاپ ئولتۇرارمۇ؟ (تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە گىگېنا دەرىسىدە كۆپىيىش سىستېمىسىنى ئۆتكەندە قانداق ھېسىسىياتتا بولغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ). نومۇسلۇق جايلارنىڭ يۆگىلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ تېمىنىڭ يۆگىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. ئېيتىلىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللارغا ئايرىم كۈندە، ئايرىم جايدا نەسىھەت قىلىدىكەن. ھەم ئاياللارمۇ سوئاللىرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى ئائىشە ئارقىلىق سورايدىكەن.
      ناۋادا ئېتىقاد يوقالسا، ئەخلاق يوقايدۇ، ئەخلاق يوقالغاندا، قانۇننىڭمۇ رولى قالمايدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە ئېيتىلىشىچە، ئەخلاقنى يوقاتقان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىمۇ ئومۇميۈزلۈك بەچچىۋاز بوپ كەتكەچكە، ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي ئاخىرى شەھىرى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ ھالاك بوپتىكەن.
      ھازىر قىز – يىگىتلەر بىر – بىرىنى تاللىغاندا تاشقى قىياپەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋى قىياپەت بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولدى. ئاتا – ئانىلارمۇ كۈيۈئوغۇل، كېلىنىنى ئابرۇي، پۇل، ھوقۇق نۇقتىسىدىن بەكرەك تاللايدىغان بولدى. ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە بولغان تەلىپىمۇ دەرس نەتىجىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئەخلاق تەلىپى تولمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. ئاتا – ئانىسىنى «سىز، سېلى » دەپ ئاتايدىغان بالىلار قالمىغىلى تۇردى.
      ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن بەختلىك دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، خاتىرجەم ئائىلە تېپىش ئاسان ئەمەس. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنمىگەنلىكىدىن، تەلەپ ئېھتىياجىنى پەرمانبەردارلىق بىلەن ئورۇندىمىغىنىدىن… ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى خوش دەپ ئاڭلىمىغىنىدىن، بۇرنىدىن يېتىلىمەكچى بولغانلىقىدىن، پارچە – پۇرات ئىشلارغا تولا پۇل بۇزىدىغانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا تولا ئارىلىشىۋالغانلىقىدىن… قاقشايدۇ. ئەرلەر لايىقىدا ئەر، دادا بولۇپ بولالماي، ئاياللار خوتۇن، ئانا بولۇپ بولالماي تۇرمۇشىدىن رەنجىپ يۈرۈشمەكتە. تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتتىكى كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ روھىنى بەربات قىلىۋېتەلەيدۇ. بۇ، روھىمىزنىڭ قانچىلىك ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەرلەر دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغانلاردىن ئىكەنمىش. ھازىر ئائىلە غېمى ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىگە ئايلانغان. ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ئائىلە ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلەنمەكتە. يىگىت دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا جەڭچى دېگەننى بىلدۈرەتتىكەن، ھازىرقى يىگىتلەرنىڭ ئىقتىدارى مۇھەببەتلىششىتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئائىلە تاپا - تەنە، رەنجىش، كايىشلار بىلەن تولغان. ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىك، مۇھەببەت بۇلىقىغا ئايلانماي، ئۇرۇش – جىدەلنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى، ئەر- ئايالنىڭ بىر- بىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىكى ئۇلارنى تالادىن سۇ ئىچىدىغان يەر تېپىشقا مەجبۇر قىلغان… ئاقىۋەتتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. بۈگۈنكى دەۋر ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. لېكىن ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەرگىزمۇ روھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئادىليىلدىرىمنىڭ «غەلىتە ئۆزگىرىش» دېگەن بۇ ھىكايىسى گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رېئاللىقنى پۈتۈنلەي ئەينەن ئەكس ئەتتۈرمىسىمۇ، روشەن بىر يۈزلىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھىكايىدىكى پاجىئەلەر ئاۋۋال روھ ئاينىغاندىن كېيىنكى تەننىڭ ئاينىشىدۇر.
      مېنىڭ نەزىرىمدە بىر مۇكەممەل جەمئىيەت جىنايەتتىن پۈتۈنلەي خالىي جەمئىيەت ئەمەس (ئەملىيەتتە بۇنداق جەمئىيەت مەۋجۇد ئەمەس). بەلكى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشقا ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ قويمىغان جەمئىيەتتۇر. ئادەمنىڭ مۇكەممەللىك ئۆلچىمىنى جەمئىيەتكە تەققاسلاشقا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ دېپلوم، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستېرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغىلى، بىر نەچچە يىل ئىشلەپ دوتسېنت ، پىروفېسسور بولغىلى بولىدۇ. لېكىن ھەقىقىي ئادىمىيلىكىنى دىپلوم، ئۇنۋان ئالغاندەك ئالغىلى بولمايدۇ. جەمئىيەتمۇ بىرەر قېتىملىق ئىسلاھات بىلەنلا بولدى قىلسا بولمايدۇ، چوقۇم ئىزچىللىقنى ساقلىشى كېرەك، «ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ، ئۈزۈلۈپ قالمىغان ئەمەلدۇر». تارىختىن بۇيان ھەققانىيەت، ئەخلاق دەۋەتلىرى پەيلاسوپ - مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئاغزىدىن بالدۇر چىققان بولسىمۇ، بۇلارنى ھەل قىلىدىغان ھۆكۈمدارلارنىڭ پەرۋايى ھەمىشە پەلەك بوپ كەلدى. ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، ئىقتىسادقا زىيان ئەكەلمەيدىغان ئىشلانىڭ ھامان كۈنتەرتىپنىڭ ئاخىرىسىغا تىزدى. بۇنىڭغا نۆۋەت كېلىپ بولغىچە يەنە يېڭى – يېڭى باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار چىقىپ، بۇنىڭغا قاراشقا ھەقىقەتەن «چولىسى» تىگىپ بولالماي قالدى.
      ئىلگىرى كىشىلەر ئاچلىقتىن بىر – بىرىنى يىگەنىدى. ھازىر بولسا توقلۇقتىن يەۋاتىدۇ. لۇشۈن ئەپەندى: «بالىلارنى قوتقۇزۇۋېلىڭلار!» دەپ سۆز قىلغانىدى، لېكىن مەن ئاۋۋال ئۆزۈڭلارنى قوتقۇزۇۋېلىڭلار، دەپ نىدا قىلىمەن. چۈنكى ئۆزى ئوت ئىچىدىكى ئادەم قانداقمۇ يەنە ئوت ئىچىدىكى ئادەمنى قۇتقۇزالىسۇن؟!
      ئاپتورى: ئابدۇرېھىم دۆلەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 10:49  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1543
تۆھپە
355
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:18:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى يېزىلغان تىمىكەن،دىمسىمۇ ھازىر كونىلار دىگەندەك‹‹توقلۇقتىن شوخلۇق››چىقۋاتىدۇ،


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
303
تۆھپە
204
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 15:15:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلاق ئىنسان ھاياتىنىڭ جان تومۇرى ئەگەر ئىنسانلار ئەخلاقتىن  ئايرىلىپ قالسا ھاياتلىق قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ دە ئاخىرقى ھىساپتا بۇنىڭ زىينىنى ئىنسانلار ئۆزى تارتىدۇ.


Rank: 4

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
390
تۆھپە
104
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 17:48:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېتقادىمىز كۈچەيسە ئەخلاقىمىز كۈچەيگەن بولاتتى ؛


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:28, Processed in 0.087930 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991