كۆرۈش: 4114|ئىنكاس: 5

تەربىيە كۆرگەن ئاياللارنىڭ ئەخلاقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
331
تۆھپە
190
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 23:37:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەربىيە كۆرگەن ئاياللارنىڭ ئەخلاقى



   ئەمامە بىننى ھارىس ئىسىملىك ئايال ئۆز قىزلىرىنى كېلىن بولۇپ، كۈيئوغۇلنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكى نەسىھەتلەرنى قىلىپ ئۇزاتقان ئىكەنلەر.
   ئى قىزىم ! ئەگەر ئەدەپلىك ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەرگە نەسىھەت كېرەك بولمىغىنىدا ئىدى ساڭا نەسىھەت قىلماس ئىدىم. ئەمما نەسىھەت غاپىلنى ئويغاتسا، ئەقىلگە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر قىز بالا ئاتا - ئانىنىڭ كەمبەغەللىكى سەۋەبلىك ئەرگە بېرىلىدىغان بولسا، سەن ھېچقاچان ئۇزىتىلمىغان بولار ئىدىڭ. چۈنكى ئاتاڭنىڭ بايلىقى ۋە مەرتىۋىسى يېتەرلىك، لېكىن اللاھ ياراتقان ھايات قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن، ئاياللار ئۈچۈن ئەرلەر ۋە ئەكسىچە ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللار يارىتىلغان ئىكەن.
    ئى قىزىم ! ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئۆسكەن ھاۋادىن ئايرىلدىڭ، يايراپ - ياشناپ ئەشيالىرىڭدىن چىقىپ، ناتونۇش جايغا بېرىپ ئاۋۋال ئۆزۈڭ بىلمىگەن شېرىكنى بەلگىلەيسەن، ئۇ ئەمدى سېنىڭ خوجايىنىڭ دوستۇڭ ۋە مەھبۇبەڭدۇر.
سەن ئۇنىڭغا جۆرە بولساڭ ئۇ ساڭا قۇل بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇل خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرسەڭ ئائىلىدە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈش قولغا كېلىدۇ.
    1.قانائەتچان بول، ئېرىڭ نېمە كۆتۈرۈپ كەلسە، خۇشپېئىللىق ، ئەدەپ ۋە نازاكەت بىلەن قوبۇل قىلغىن، تەشەككۈر ئېيىت.
    2. پاكىزلىققا ئېتىبار بەر، ئۆي ئىچى ۋە خانىنى ناھايتى ئازادە، رەتلىك خۇشبۇي تۇت، ئۇ سەندىن ۋە ئۆيدىن خۈنۈكلۈك كۆرمىسۇن.
    3. تاماقنى ۋاقتىدا تەييارلا، ئەسلا كېچىكتۈرمە، كېلىشىگە دەستىرخان سال.
    4. ئېرىڭنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتىنى ۋە ئويغىنىش ۋاقتىنى بىلىۋال، چۈنكى ئاچلىق ۋە ئۇيقۇنىڭ بۇزۇلۇشى ئەركەكلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ.
    5. خوجايىنىڭنىڭ مال - دۇنياسىغا ئېتىبار قىل، ئىسراپ قىلما، ئاۋايلاپ ئاسرا چۈنكى ئۇنىڭ مال - دۇنيارى سېنىڭ مال - دۇنيارىڭدۇر.
    6.ئېرىڭنىڭ قېرىنداش ۋە يارۇ - بۇرادەرلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قىل، بۇنىڭ بىلەن خوجايىنىڭنى ئەلا ئۆزۈڭنى ھۆرمەت قىلغان بولىسەن.
    7. ئېرىڭنىڭ سىرلىرىنى باشقىلارغا ئېيتقۇچى بولما، چۈنكى ئىشەنچىنى يوقىتىسەن.
    8.ئۆز خوجايىنىڭغا ئاسىي بولما، ئۇنىڭ دىنغا توغرا كېلىدىغان بارچە بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىل، شۇنى ياخشى بىلىۋالكى، ئۇ خاپا بولغاندا خۇشال كۆرۈنۈشتىن ، ئۇ خۇشال بولغاندا خاپا كۆرۈنۈشتىن ئېھتىيات قىل.
    9. زىنھار غەزىنەت قىلما، سۆزۈڭنى شېرىن ، يۈزۈڭنى ئوچۇق قىل.
    10. مۈمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئۇنى زورلىما، ئۇ ئىشقا ماڭغاندا:< ھارام ئىش قىلماڭ ، ئاچ قالساق سەۋىر قىلايلىكى، ناتوغرا ئىش تۈپەيلى دوزاخ ئوتىدا كۆيمەيلى > دېگىن.
     ئەنە شۇنداق ھېكمەتلىك نەسىھەتلەر بىلەن كېلىن بولۇپ بارغان مۇسۇلمان قىزلار مەزكۇر نەسىھەتلەرگە ئەمەل قىلالىسا بەخىتلىك ئائىلە ئىگىلىرى بولىلىشى تۇرغانلا گەپ.
    ئى اللاھ ! بىزنىڭ مۇسۇلمان ئانىلىرىمىزغا ، ئاچا - سىڭىللىرىمىزغا كامىل ئەدەپ - ئەخلاق ئاتا قىلغىن !

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:43:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك توغرا  گەپ  ئالتۇنغا تىگەشكىسىز  نەسىھەت كەن بۇ ھە


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1543
تۆھپە
355
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 16:43:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئى ئاللاھ مۇسۇلمان ئانىلىرىمىزغا،ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا،كامىل ئەدەپ-ئەخلاق ئاتا قىلغىن،ئامىن.
ئى ئاللاھ يىگىتلىرىمىزگە غەيرەت -جاسارەت ئاتا قىلىن (ئامىن)


Rank: 2

تىللا
45
تۆھپە
24
UID
25773
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 17:41:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم ،بىراققۇ كېلىن بولۇشۇمغا يەنە بار


Rank: 4

تىللا
235
تۆھپە
96
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 17:47:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا خالىسا چوقۇم شۇنداق بۇلۇشقا تىرىشىمەن.


Rank: 1

ئىسىمى
پەزىلىيە مەمتىلى
تىللا
43
تۆھپە
13
UID
27508
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:54:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بەك قايىل بولدۇم.رەھمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:33, Processed in 0.076173 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991