ئۈندىدار(ۋېيشىن)نىڭ زىيىنى
بۇ ئۈندىدارغا باشتا بەك ئامراق بولۇپ قالغانىدىم، بىراق ئائىلەمدە بولغان بۇ كۆڭۈلسىزلىكتىن كېيىن ... بىز توي قىلغىلى بىر يىل بولاي دىدى، گەرچە يولدىشىم بىلەن تاغمۇ-تاغ، باغمۇ باغ يۈرۈپ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلمىغان بولساقمۇ لېكىن نىكاھنىڭ ئۇلۇغلىغىدىنمىكىن بەك ياخشى ئۆتتۇق. ھەر ئىككىمىز بىر يۇرتلۇق ،بىراق خىزمەت ئورنىمىز بولسا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىمىزدىن خېلىلا يىراقتا، گەرچە ئىككىمىزنىڭ خىزمىتى بىريەردە بولسىمۇ ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمنى ئويلىساملا كۆڭلۈم بىرخىل يېرىم بولاتتى. خىزمەتداشلىرىمنىڭ چۈشلۈك تاماقنى ئانامنىڭ ئۆيىدە يىگەن ، قېينانامغا بالامنى قويۇپ كەلگەنىدىم ،بۈگۈن ئىككى ئۆيدىكى چوڭلارنى يوقلاپ كەلگەنىدۇق،،،دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىسام ئىچىم ئاچچىق بولاتتى ، بەزىدە دىماقلىرىم ئېچىشىپ كۆزۈم نەملىنەتتى ،شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى تولىراق ئۆيدە يالغۇز قالاتتىم ،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئۈندىدار دىگەن يانفۇن دىتالىنى ئۇچراتتىم،شۇنداق قىلىپ يىراق يېقىندىكى دوست بۇرادەرلىرىم بىلەن،ساۋاقداشلىرىم بىلەن شۇنىڭدا پاراڭلىشىپ يۈردۈم، بىر كۈنى ئىشخانىدا ئولتۇرسام ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم يەنى سىنىپ باشلىقىم بەختىيار گەپ ئەۋەتىپتۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى خېلىلا يېقىن ئۆتەتتۇق ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولدۇم ،قىزغىن پاراڭلىشىش بىلەن بولۇپ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتنىڭ توشۇپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن ، كېيىن تېلېفونۇمنىڭ توكى تۈگىگەندىلا ئاندىن ئېسىمنى تاپتىم ،ئالدىراش تېنەش ئۆيگە قايتىپ تاماق قىلدىم ،تاماقتىن كېيىن يولدىشىم بىلەن سىرتقا چىقتۇق ،تېلېفونۇمغا توك قاچىلاش ئەسلا ئېسىمدە يوق ، قايتىپ كېلىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن ،ئەتىسى ناشتىلىق تەييارلاۋېتىپ سائەتكە قارىغان چاغدىلا ئاندىن باتارىيىسىنى ئالماشتۇرۇش ئېسىمگە كېلىپ يولدىشىمغا يەنە بىر باتارىيىسىنى سېلىپ قويۇشنى تاپىلاپ ئۇنىڭغا سۈت قايناتتىم، سۈتنى قاينىتىپ ئېلىپ چىقسام ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغىلى بولمايدۇ ،ئەتىگەنكى خۇشال كەيپياتىدىن ئەسەرمۇ يوق .قاش-قاپىقىدىن قار ياغدۇرۇپ ئولتۇرۇپتۇ ، قوپاللىق بىلەن سوئال -سوراقنى باشلىۋەتتى ،ئۇنىڭغا مىڭ تەستە چۈشەندۈرۈپ ئىشىغا يولغا سالدىم ،بىراق قېيداپ ناشتىمۇ قىلماي چىكەتتى،ئۈندىداردا پاراڭلاشقانغىمۇ غىق تويدۇم. شۇ ھامان بەختىيارغا خەت قالدۇردۇم. بەك پوخكەنسە ،چاقچاق قىلدىم دەپ شۇنداقمۇ قالايمىقان سۆزلەمسە ئەمدى؟ يولدىشىمنىڭ ئالدىدا مېنى قارا قىلىپ قويدۇڭ ، قويە سېنى! ئىككىنچى ماڭا گەپ قىلما ! بۇ نەرسىنىمۇ ئەمدى ئوينىمايمەن.شۇنىڭدىن كېيىن ئۈندىدارنىمۇ كۆپ ئاچمىدىم،ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ كوت-كوت تا خىزمەتدىشىم بىلەن مۇنداقلا پاراڭلىشىپ قويسام ئۇنىڭغىمۇ بىر مۇنچە جىدەل تېرىلدى. ۋاي بولدىلا ،تۇرمۇشۇم تېنچ ئۆتسىلا بولمىدىمۇ ،پاراڭلاشمىساملا بولمىدىمۇ؟ دېگەن خىيالغا كەلدىم. دېگەندەك زېرىكىپ ئېچىم سىقىلىپ ئۆلەي دىسەممۇ ئۇ كوت-كوت، ئۈندىدار دېگەن نەرسىلەرنى ئېچىپ سالمىدىم.
مەنبە:ئۈمىدە
|