كۆرۈش: 26911|ئىنكاس: 14

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا قەشقەر دولقۇنى كۆتۈرۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
تۆمۈر قادىرى
تىللا
405
تۆھپە
138
UID
379
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 23:35:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا قەشقەر دولقۇنى كۆتۈرۈلدى


    ئامېرىكا «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى قەشقەردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يازغان ماقالىسىدە: قەشقەر جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشىدىكى «مۇھىم ئۆتەڭ» بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىدى. لېكىن ماقالىدە شۇ جايدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پىلاندىن «گۇمان ۋە ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم مۇبالىغىلەشتۈرۈلدى.
  «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلغان بۇ ماقالىدە قەشقەرنىڭ يەكشەنبىلىك بازىرى تەسۋىرلىنىپ: ئۆزىڭىزنى خۇددى 13-ئەسىردىكى ماركوپولو يىپەك يولىدىكى بوستانلىقتا سودا قىلىۋاتقان جايدا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىڭىز، دېيىلدى. بىراق، ھازىرقى قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ قۇرۇلماقتا. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر: دېڭىز بويىدىن كەلگەن تەرەققىيات سودىگەرلىرى بەس-بەستە يەر سېتىۋالماقتا، دېيىشتى. ئايرودرومغا بارىدىغان تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىكى ئاق تىرەكلىكنىڭ ئارقىسىدىكى ئېچىلىدىغان يەرلەر قاشالانغان بولۇپ، بۇ يەرگە پاكىستان ۋە تاجىكىستانغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان تەييار چۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان زاۋۇت قۇرۇلغان، يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان بۇغداينى ساقلايدىغان ئامبار سېلىنغان. جۇڭگو ئەمەلدارلىرى  ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلۇق سالايىھىتىنىڭ قەشقەرگە شېنجېنغا ئوخشاش ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. چۈنكى 30 يىل ئىلگىرىكى كىچىك بېلىقچىلار كەنتى-شېنجېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان ئىدى. شېنجېندا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار دېڭىز ترانسىپورتى ئارقىلىق كورېيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا يەتكۈزۈلىۋاتىدۇ، قەشقەر بولسا جۇڭگودا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى پاكىستان، ھىندىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كىرگۈزۈشتىكى  «مۇھىم ئۆتەڭ»بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارالماقتا.
    ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل مايدا مەركىزىي ھۆكۈمەت قەشقەرنى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىشنى تەستىقىلغاندىن كېيىن، چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا «غەربىي رايوندىكى شېنجېن-قەشقەر»گە ئائىت توختىماي ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى»دا: ئەگەر بېيجىڭنىڭ پىلانى ئەمەلىيلەشسە، قەشقەر كېيىن جۇڭگودىكى «لوس ئانژېلېس» بولۇپ، غەربىي چېگرا رايوندىكى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مەركەزگە ئايلىنىدۇ. قەشقەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىشى ۋە مالىيە جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىم بولمىغان رايونلارغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىلگىرىكىدەكلا ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈدۇ، دېيىلگەن ئىدى .
  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ نىڭ: قەشقەرنىڭ يىپەك يولى دەۋرىدىكىدەك گۈللەنگەن ئورنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ پىلان بۇيىچە 2020-يىلىدىن ئىلگىرى شەرقى رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ پەرقى كىچىكلىتىلىپ، غەربىي رايون شەرقىي رايوننىڭ مول نەتىجىسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىنىدۇ، دېدى. قەشقەر شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى زېڭ سۇن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئەگەر يېڭى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلىدا قەشقەر شەرقىي رايون بىلەن تەڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتەلمىسە، بۇ جايدىكى ئاممىنىڭ شەرقىي رايوندىكى ئامما بىلەن بولغان تۇرمۇش سەۋىيەسى جەھەتتىكى پەرقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىدۇ. ئۈنىڭ ئۈستىگە، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىسىمۇ، بايلىقى مول بولۇپ، ئەگەر ۋەزىيىتى مۇقىملاشسا، تېزلا تەرەققىي قىلالايدۇ. شۇڭا، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئەڭ زور ئۈستۈنلىك شەكىللەندۈرۈشى، ئۇلاردىن 20،30 يىل ئىلغار بولۇشى، قەشقەر خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۇلارنىڭكىدىن خېلى يۇقىرى بولۇشى كېرەك، دېدى.
     «لوس-ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»دە قەشقەرنىڭ بەزى ئاھالىلىرىنىڭ بۇ پىلانغا بولغان گۇمانى بايان قىلىنىپ: «ئۇلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئادەتتە  كەلگۈندىلەرنى يېڭىدىن كۆپەيگەن بايلىققا  ئېرىشتۇرىدۇ» دەپ قارايدۇ، دېيىلدى. قەشقەر قاتناش تۈگۈنى ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە، ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى جەھەتتىن سودىگەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ گېزىتتە: «ئۇلار ھازىرمۇ جۇڭگونىڭ سىياسىتىنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىماقتا،  ئۇلارنىڭ چەت ئەللەرگە چىقىپ سودا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ناھايىتى تەس». 35 ياشلىق ئۇيغۇر سودىگەر: «ئەگەر بېشكەككە بارسىڭىز 50 چە ئۇيغۇر ۋە نەچچە ئون مىڭ خەنزۇ كۆرۈشىڭىز مۇمكىن. ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشى ئاسان. بۇ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون بەزى ياشلىرىمىزنى تۆۋەن ئىش ھەققىلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن، لېكىن پايدىنىڭ كۆپ قىسمى بىزگە تەۋە بولمايدۇ» دېدى، دېيىلدى .
   «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە : قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولمىغان ۋەزىيىتى قىسمەن كۆزدە تۇتۇلغان، دەپ قارالدى. نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئىقتىسادشۇناس: شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولماسلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدا، دەپ قارىدى. بۇ گېزىتتە ئامېرىكا پومونا ئىنستىتوتىدىكى شىنجاڭ مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى گلادنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسلار: شۇ جايدا نوپۇسى بارلارنى ئىشقا ئالدى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارىدى، شۇڭا، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار خىزمەت پۇرسىتىگە ئالدىن ئېرىشەلەيدۇ، بىراق ئۇ يەنە: ئەگەر مەبلەغ سالغۇچى ۋېنجۇلۇق بولسا، ئۇلار ۋېىنجۇلۇقلارنى ئىشلىتىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، دېدى، دېيىلدى.
  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پەن جىپىڭ يېقىندا «يەر شار ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئېچىۋېتىلگەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون بىر تەبىئىي تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ھەرگىز بىراۋنىڭ سالاھىيىتى بويىچە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنمايدۇ، ئالاھىدە رايوننىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن شۇ جايدىكى ئادەم ئېقىمى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تېز ئاشىدۇ،  كارخانىلار قانداق ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتە ئاساسلىقى ئىقتىدارىغا قارايدۇ، دېدى .

     مەنبە : سەنەم تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 00:45:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نىمىلا دىمىسۇن، قەشقەر يېڭى بىر تەرەققىيات مۇساپىىسنى كۈتۈۋالماقتا.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 10:12:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاشغەردە خىزمەت پۇرسىتى قانچىلىك؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
372
تۆھپە
220
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 13:22:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشىنى بىر قىلسۇنا بۇ ئامېرىكىلىقلار. ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىيالماي بىزنىڭ جۇڭگو بىلەنلا قالىدىكەن. لەنەت سەن ئامېرىكىلىقلارغا، تولا ئىشىمىزغا ئارلاشما!

بىز جۇڭگودا ناھايىتى خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز!!!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
697
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 14:07:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇنىڭ غەربى رايۇنلىردىكى ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرى تەرەققى قىلماي، شەرقى رايۇنلار بىلەن غەربى رايۇنلارنىڭ تەرەققيات جەھەتتىكى زۇر پەرىقنى كىچىكلەتمەي ،تۇرۇپ جۇڭگۇنى تەرەققى قىلغان دۇلەت دىسەك بۇلمايدۇ،،،،قەشقەر قاتارلىق جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنلىرى تەرەققى قىلماي تۇرۇپ شىنجاڭ خەلقىنى تەرەققى قىلدى دىسەك بۇلمايدۇ،،،،،ئەلۋەتتە،،!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 17:15:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
intil يوللىغان ۋاقتى  2011-10-15 13:22
ئىشىنى بىر قىلسۇنا بۇ ئامېرىكىلىقلار. ئۆزىنىڭ خەلقىنى ...


توغرا دەيسىز ئىنتىل بۇرادەر، ئامېرىكىلىق بۇ دەللاللار بېرىپ نېنىنى يېسۇن، نەدە بىر يەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئىشلىرىنى پۇختا قىلىۋېرىدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-16 17:48  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
648
تۆھپە
387
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 21:32:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2011-10-15 10:12
كاشغەردە خىزمەت پۇرسىتى قانچىلىك؟

كاشغەردە خىزمەت پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ ، چۈنكى بۇ يەردە باشقىلار بېرىشنى خالىمايدىغان چەت يېزا-قىشلاق كۆپ ، شەھەر ئىچىگە بولسا .......


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
750
تۆھپە
538
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 23:51:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىمى قەشقەرنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەرەققياتى، بۇ مۇخبىرلار خۇددى ئامرىكا ھۆكىمىتى دۆلىتىمزىدىن قۇسۇر ئىزدىگىنىدەك، بېرىپ قەلەم ھەققى ئېلىش ئۈچۈنلا  . . .  بولدىلا مېنىڭ ۋە بىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش باشقىلار ئۈچۈن قۇرۇق گەپ قىلغۇدەك ۋاقتىمىز يوق، گۈزەل قەشقەر ئۈچۈن تىرىشايلىيا!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 19:21:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2011-10-15 10:12
كاشغەردە خىزمەت پۇرسىتى قانچىلىك؟

  قەشقەردە ھازىر پۇرسەت كۆپ، يېقىندا شەھەر مەملىكەت مىقياسىدىن يىللىق ئىش ھەققى 200 مىڭ يۇەن، بىر يۈرۈش ئۆي، بى ماشىنا بىرىش شەرتى بىلەن ئىقتىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلدى، قاتنىشىپ بېقىڭ.


Rank: 1

تىللا
51
تۆھپە
12
UID
991
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 22:33:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haltakoqa يوللىغان ۋاقتى  2011-10-19 19:21
قەشقەردە ھازىر پۇرسەت كۆپ، يېقىندا شەھەر مەملىكەت م ...

بۇنداق ئىش ئورنىغا بىز ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيمىز.. چۈنكى بۇنداق يۇقرى ھەق بەرگەن ئادەم بىزدىن نەچچە ئون ھەسسسە پايدا كۈرۈشنى ئۈمۈت قىلىدۇ.. لىكن بىزدە ئۇلارغا ئۇنداق يۇقرى پايدا كەلتۈرەلىگۇدەك سەۋىيىسى بارلار  يوق..  بار بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنداق يۇقرى ھەق برىىدىغان خىزمەت بىزگە ئاشمايدۇ...


بىزنىڭ جۇڭگۇ شىنجاڭ مۇشۇ سەۋىيە بۇيىنچە تەرەققى قىلسا يەنە 10  يىلغا قالماي كەنىتلەرنىڭ كەنىت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك سەۋيىسى بارلارمۇ قالماسلىقى مۇمكىن..
بۇرۇنقىنى بىلمەيدىكەنمەن  10 يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ناھىيەدىمۇ يەرلىكتىن ناھىيە باشلىقى بار ئىدى..  كىين بۇ باشلىقنىڭ سەۋىيىسى تۈۋەن كىلىپ قېلىپ ئورنىغا باشقىلار دەسسىدى.. بەش يىل بۇرۇن يىزلارنىڭ باشلىقلىرىمۇ ئاستا -ئاستا ئۇرۇننى بىكارلىدى..  كەلگۈسى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا كەنت باشلىقلىرىمۇ ئورنىنى ئاستا-ئاستا بۇشتىپ دىقان بۇلۇپ كەتمەننى دولىسىغا ئارتىپ قوتو مۇتسىكلىتلارنى مىنىپ  سو ئامبارلىرى  ۋە دەريا توسمىللىرىنى ياساشقا ئېشىپ قالغان ۋاقىتلىرىنى ئېتىزلىقتا تىرشىپ ئىشلەشكە ئاتلىنىدۇ.. بىزنىڭ يەرلىكتىن مۇشۇ ناھىيە باشلىقى ۋە يىزا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك ئادەم چىقمايۋاتسا مۇشۇنداق يۇقرى ئىش ھەققنى ئالايدىغان ئىختىساسلىقلار چىقارمۇ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 12:32, Processed in 0.079970 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991