كۆرۈش: 7973|ئىنكاس: 11

« چېگرا يېزىدىكى مۇھەببەت» فىلىمى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 14:31:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

« چېگرا يېزىدىكى مۇھەببەت» فىلىمى توغرىسىدا


DD00020118.jpg



( بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى 1983-يىلى ئىشلىگەن.)
سىنارىست-جۇ گۇاڭخۇا.رېژىسسور-جاڭ چاڭيۇەن،ئەن خەيپىڭ.
ئاساسلىق روللاردا:
ئابلەت- ئابدۇرىھىم. پاتىمە- سائادەت كېرىم.
ئېلى- رەجەپ تاجى. ئايشەم-پاتەم ئىمىن.
نىياز-رەخمەت ئەمەت. خەلچىخان-شىرىنگۈل مەتنىياز.
نامان-ئابدۇرىشىت قاتارلىقلار
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ ۋەقە يىراق چىگرا يېزىدا يۈز بەرگەن.
    ناھىيلىك ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر يىگىت ئابلەت بىلەن پاتىمە سەنئەت كۆرىكىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بۇ ئىككەيلەن يۇرتداشلار ئېتىراپ قىلىدىغان بىر جۈپلەر ئىدى. ئەمما پاتىمەنىڭ دادىسى ئېلى ئابلەتنى نامرات كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ تويلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ئېلى بۇ نامرات يېزىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ، قىزىنى شەھەردىكى ئاچىسىنىڭ ئوغلى-ئەركىنگە بېرىش كويىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچىسىنىڭ  ئېرى ناھىيىدە ھاكىم بولۇپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى بەخىتلىك ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ. پاتىمەنىڭ ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئېلى فۇ دادۈيجاڭ- ئايشەمخانغا بالدۇردىنلا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئايشەمخاننىڭمۇ ئۇنىڭغا كۆڭلى بار  بولۇپ، بىراق ئېغىزىدىن چىقىرالماي كەلگەن ئىدى. ئابلەت ئايشەمخاننى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەندە بىر مۇنچە كۈلكىلىك ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىدۇ. ئابلەت نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىلا، ئاندىن بەختلىك بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.
     3-ئومۇمىي يىغىننىڭ باھار شامىلى گۇڭشى ئەزالىرىنىڭ باغرىنى ئىللىتىدۇ. ئەزالار «داش قازاننىڭ تامىقى» نى يەپ،نامرات ئۆتۈۋېرىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئابلەت باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئەمگەكچان ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ، ئۆز يۇرتىنىڭ نامرات قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلايدۇ. يېزا نامرات بولغانلىقتىن نۇرغۇن قىزلار شەھەردىن لايىق تاپىدۇ. ئېلى« ئاچام كېسەل بولۇپ قاپتۇ.» دەپ، قىزىنى ئالداپ شەھەرگە كىرىدۇ. ئابلەت: «پاتىمە مەندىن يۈز ئۆرۈپ،  ئىگىز ئوقۇرغا ئېسىلىش  ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتتى،» دەپ بىلىپ، كۆڭلى ئىنتايىن ئازاپلىنىدۇ-دە، ئۇ بېيىشتىن ئىبارەت ھۆددىگە بېرىش يولىدا قەتئىي مېڭىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. ئۇ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.كۆچەت ئۆستۈرىدۇ...
    پاتىمە شەھەرگە كىرگەندىن كىيىن، بىر نەۋرە ئاكىسى ئۇنى ھەدەپ قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. لېكىن پاتىمە ئابلەتكە ئىزچىل سادىق بولۇپ، ئۆز يۇرتىنى سېغىنىدۇ. تاغىسى-مۇسا ھاكىم نىكاھ قانۇنىدا يېقىن تۇغقانلارنىڭ بالىلىرى توي قىلسا بولمايدۇ-دەپ بەلگىلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ پاتىمەنى قېيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۋالىدۇ. پاتىمە يېزىغا قايتىپ بېرىپ ساۋاقدىشى گۈلنارنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىدۇ ھەم مەقسەتلىك ھالدا گۈلنارنى بىر نەۋرە ئاكىسىغا تونۇشتۇرىدۇ.
     ئابلەت ھۆددىگە ئالغان يەرگە  ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىپ، جاپالىق ئىشلەپ مول-ھوسۇل ئالىدۇ. دېھقانلارمۇ ئابلەتنى ئۈلگە قىلىپ، تېرىغان يەرلىرىدىن كۆپلەپ ھوسۇل ئېلىشىدۇ. مول-ھوسۇل خوشاللىقىدا ئامما يۈرەك قېتىدىن پارتىيىنىڭ شەپقىتىگە تەنتەنە قىلىشىدۇ. خوشاللىق مول-ھوسۇل مەشرىپى باشلىنىدۇ. ئابلەت بىلەن پاتىمە ئاخىرى ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ. ئايشەمخان بىلەن ئېلىمۇ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ  مەقسىتىگە يېتىدۇ. چىگرا يېزىدىكى دېھقانلار تېخىمۇ ياخشى گۈزەل تۇرمۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.
ئوپىراتور-خالىقجان. مۇزىكانت-ئابدۇرىشىت، يۈي تىيەنفۇ.

se8614741a.jpg


تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 7-سىنتەبىر يېزىلدى. قەشقەر   

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 14:34:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى 1983-يىلى ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىمنىڭ لىنتىسى ساقلانمىغان. يوللىغان رەسىمنى ئوڭشاپ قويغان بولساڭلار ياخشى بولاتتى. مەزمۇنى ساغلام  بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1291
تۆھپە
794
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:34:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wolfiram يوللىغان ۋاقتى  2012-9-7 14:34
بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى 1983-يىلى ئىشلىگەن بو ...

143122tt9zydk2yi5myw0i.jpg



Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:29:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمنى ئوڭشاپ قويغان ئەپەندىمگە كۆپ رەخمەت.


Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇرىھىم ئىسمايىل
تىللا
268
تۆھپە
101
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 14:50:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز بولسا مۇشۇنىڭدەك ياخشى تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار فىلىملاردىن يوللاپ تۇراسىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2345
تۆھپە
1225
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 17:21:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولفىرام ئەپەندى ،ئەجرىڭىزگە كوپ رەخمەت، بىز كورۇپمۇ باقمىغان  نۇرغۇن كىنولارنى يوللاپ قۇيۇپسىز، بەك سۇيۇندۇق،،،،


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
892
تۆھپە
577
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 22:25:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىن كۆرىمىز .


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
364
تۆھپە
184
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 15:24:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولفىرام ئەپەندى  بۇ كىنولار بارمۇ سىزدە


Rank: 2

ئىسىمى
قاراخان
تىللا
102
تۆھپە
37
UID
5158
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 17:43:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wolfiram يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 12:29
رەسىمنى ئوڭشاپ قويغان ئەپەندىمگە كۆپ رەخمەت.

مۇشۇ كەمگىچە تونىلاپ ساقلاپ ياتقان فىلىملەرما؟، يا بولىمىسا سىز بىر باغۋەن تۇرۇپ نېمىشقا فىلىمنى داۋاملىق مۇشۇندا چالا ئىش قىلىپ جاپا تارتىسىز؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
529
تۆھپە
245
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 22:28:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ، سىز نۇرغۇنلىغان شىنجاڭنىڭ نادىر فىلىملىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى يوللاۋاتىسىز ، سىز يوللىغان فىلىملەرنىڭ بىرسىنىمۇ مەن كۆرۇپ باقماپتىكەنمەن ، ئىسىمدە قىلىشچە بىزنىڭ ئۆي 1984-يىلى  تېلىۋىزۇر ستىۋاپتىكەن . بەلكىم بۇ فىلىملەر ئۇنىڭ ئالدىدا قويۇلۇپ بولغان بولسا كىرەك ...ئەگەر مۇمكىن بولسا سىز يىقىندا يوللىغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسنى تورغا يوللاپ قويغان بولسىڭىز ، ھەممىمىز بىرلىكتە ئىشىراق بولساق ....رەھمەت ، جاپا چەكتىڭىز ....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:25, Processed in 0.092999 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991