كۆرۈش: 3434|ئىنكاس: 3

ئوغلۇمنى ساڭا تاپشۇردۇم! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
1060
تۆھپە
734
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 14:01:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوغلۇمنى ساڭا تاپشۇردۇم



   ئوقۇش باشلانغان كۈنى ئوغلۇمنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدۇم. ئوغلۇم بۇدرۇق قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ماڭا خوش ئېيتىپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى. مەندىن يىراقلاپ، ئۆزىدىنمۇ يوغان سومكا ئېسىشقان بالىلار توپىغا قوشۇلۇپ كېتىۋاتقان بالامغا قاراپ، نىمىشقىدۇر كاللامنى گادىرماچ خىياللار ئوراپ، يۈرۈكۈم بىرخىل تەشۋىش بىلەن ئۆرتەندى. ھەر بىر قەۋىتىگە بىرەر مىڭ ئوقۇغۇچىنى قاچىلاپ مەغرۇر تۇرغان ھەيۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىغا قاراپ كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا نىدا قىلدىم:
   ئوغلۇم ئۇ- مېنىڭ يۈرەك پارەم، ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى. ئۇ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپلا خوشاللىقتىن بېشى ئاسمانغا يەتكەن دادىسىنى،  ئاللاھ ئاتا قىلغان بۇ سوۋغاتقا چوڭقۇ مىھرى بىلەن  قاراپ تۇرغان ئانىسىنى كۆردى. ئۇ تولىمۇ ئىناق ھەم ئىللىق ئائىلە مۇھىتىدا تولىمۇ خۇش تەبىئەتلىك- ئاقكۆڭۈل ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇنىڭ جىسمى، ئۇنىڭ قەلبى زەررىچە چاڭ-توزان، مەينەتچىلىكتىن خالى.
   بۈگۈندىن ئېتىۋارەن مەن ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن ساڭا، سېنىڭ تەربىيلىشىڭگە تاپشۇردۇم. ئۇ سەندە مۇشۇ مۇھىىتتا تۇغۇلغان ھەر بىر ئادەم ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگەنمەكچى؛ سېنىڭ قوينۇڭدا ئادەم بولۇش قائىدىلىرىنى ئۆگەنمەكچى. ئۇ نۇرغۇن ئۈمىد-ئىستەك، گۈزەل ئەتىگە بولغان ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن پۈتكەن كىرىسز- ئاپپاق قەغەز. سەن ئۇنى ئۆزەڭنىڭ مول مەزمونلىرىڭ بىلەن تولدۇرىسەن.
    ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئوقۇش ھاياتى ئاخىرلاشقان كۈنى مەن ئۇنى سەندىن تاپشۇرۇپ ئېلىۋالىمەن. شۇنى بەكمۇ بىلگۈم كېلىدۇ:  شۇ چاغدا ئۇ سېنىڭ دەرۋازاڭدىن بۈگۈنكىدەك بەختىيارلىق تۇيغۇسى بىلەن مېڭىپ چىقالارمۇ؟ بىر ماقالىدە <ئوغۇل بەدئەخلاق بولسا ، جەمئىيەتنىڭ شۇ ئوغۇلنىڭ دادىسىدىن «جەمئىيەتكە بولغان مەجبۇرىيىتىڭنى نېمىشقا ياخشى ئادا قىلمىدىڭ؟» دەپ سوراق ئېلىش ھەققى بار > دەپ كۆرگىنىم ئېسىمدە. ئەمدى نۇرغۇن بىلىملەر قاتارىدا كىشىلىك ئالاقە، ئادىمىلىك يوللىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن زور ئۈمىدلەردە بوسۇقىڭغا قەدەم  قويغان بۇ ساپ نوتىنى ناۋادا ئۈمىدسىز قويساڭ،  ناۋادا ئۇنىڭغا بوۋامنىڭ بوۋىسى ئېيتقان ناخشىلارنى ئۆز پېتى يەتكۈزەلمىسەڭ،  ناۋادا ئۇنىڭغا زەئىپ مەنىۋىيەت ھەدىيە قىلساڭ، ناۋادا ئۇنىڭ تومۇرىدىكى ئېقىۋاتقان ساپ قان ئەبجەشلىشىپ كەتسە، ناۋادا... ئۇ چاغدا سەن ماڭا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالامسەن؟ سەن مېنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىيالامسەن؟
   ئويلىغانلىرىم تولىمۇ كۆپ، دەيدىغانلىرىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ئوغلۇمنى ئاۋال ئاللاھقا، ئاندىن ساڭا تاپشۇردۇم! مېنى نائۈمىد قويمىساڭكەن دىگەن ئۈمىدىم بار...


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
390
تۆھپە
104
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 13:28:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ياخشى ئىش قىلمىسىمۇ يامان ئىش قىلمايدىغان ئادەمنى ياخشى دەيدىكەنمىز شۇنىڭدىن قارىغاندا سالىھلار ئاز بولسا كىرەك شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسىنىڭ ئېگىلىرىنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلىشىمىز بەكمۇ زۈرۈر ؛


Rank: 2

ئىسىمى
$$TupRak$$
تىللا
116
تۆھپە
33
UID
25890
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 11:27:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wtajalli يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 13:28
ھازىر ياخشى ئىش قىلمىسىمۇ يامان ئىش قىلمايدىغان ئادەم ...


راس دەيسىز.  


Rank: 3Rank: 3

تىللا
121
تۆھپە
64
UID
26263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:25:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ياخشى ئىش قىلمىسىمۇ يامان ئىش قىلمايدىغان ئادەمنى ياخشى دەيدىكەنمىز.............راس گەپ زادى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:27, Processed in 0.071078 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991