كۆرۈش: 5304|ئىنكاس: 3

بېشى يوغان بولسا ئەقىللىق بولامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
518
تۆھپە
302
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 01:57:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بېشى يوغان بولسا ئەقىللىق بولامدۇ؟


20120906050051476.png


    «بېشى يوغان ئادەم ئەقىللىق بولىدۇ» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، بەدەننىڭ ئۆلچىمىگە نىسبەتەن، بېشى يوغان ئادەم ۋە باشقا بىر قىسىم جانلىقلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى كىچىك بولىدۇ، شۇنداقلا ئەۋلادلىرىمۇ ئاز بولىدۇ. يېقىندا، بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار بۇ مۇناسىۋىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بايقىلىش يېقىندا «ئوتتاۋا تەدرىجىي تەرەققىياتى، تەدرىجىي تەرەققىيات بىئولوگىيىسى» يىغىنىدا دوكلات قىلىنغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار نەچچە ئەۋلاد كامبالا بېلىقىنىڭ چوڭ مىڭىسىنى تەتقىق قىلغان.
    19-ئەسىردىن باشلاپ، ئامېرىكا بىئولوگى ھېرمون بانپۇس قۇشقاچلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەتقىق قىلغاندىن تارتىپ تەتقىقاتچىلار «بېشى يوغان بولۇشنىڭ ئەۋزەللىكى» نىڭ ئىسپاتلىرىنى توپلاشقا باشلىغان. ھېرمون بانپۇس بىر قېتىملىق شىۋىرغاندىن كېيىن بەزى قۇشقاچلارنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى، بېشى نىسبەتەن يوغان قۇشقاچلارنىڭ ھايات قالغانلىقىنى بايقىغان.
    يېقىندا، شۋېتسارىيە ئاپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىئولوگ ئالېسېي ماكلاكوۋ شەھەرلەردە ياشايدىغان بۇلبۇلنىڭ بېشىنىڭ يېزىلاردا ياشايدىغان بۇلبۇلنىڭ بېشىدىن يوغان بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى «بىئولوگىيە ئىلمى گېزىتى» دە مۇنداق يەكۈن چىقارغان: شەھەردە ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن بەلكىم چوڭراق باش كېرەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.
    ھالبۇكى، تەتقىقاتچىلار ئىنسانىيەت ۋە مەلۇم توكلۇق بىلىقلارنىڭ ئارىسىدا بېشى يوغانلار مەلۇم بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بايقىغان، يەنى بېشى يوغانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى كىچىك بولىدىغان بولۇپ، ئەۋلادىمۇ نىسبەتەن ئاز بولىدىكەن. مانا بۇ تەتقىقاتچىلارنى بېشى يوغان بولۇشنىڭ چەكلىمىسى ۋە تېخىمۇ زور زېھىن، كۈچ سەرپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولغان سەۋەب.
    بېشى يوغان بولۇشنىڭ پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى ئالېكساندېر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىككى گۇرۇپپا كامبالا بېلىقى باققان بولۇپ، ئۇلارغا سان ساناشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى سىنىغان. ئالېكساندېر يىغىندا مۇنداق دېدى: «بېشى يوغان بېلىق بېشى كىچىك بېلىققا قارىغاندا، يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ ئاسان تېپىۋالىدۇ. ئەگەر سىز بېشى يوغان بېلىقنى تاللىسىڭىز، ئەقىللىق بېلىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.»
    ئەمما بېشى يوغان بولغاندا، ھەقىقەتەن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. بېشى كىچىك بىلىقلار بىرىنچى قېتىم كۆپەيگەندە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە تال ئەۋلاد قالدۇرغان، بېشى يوغان بېلىق بولسا ئالتە تال ئەۋلاد قالدۇرغان. يەنە كېلىپ بېشى كىچىك بېلىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرى 5.5 مىللىگرام بولۇپ، بېشى يوغان بېلىقلارنىڭ بولسا ئاران مىللىگرام. بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگى ۋېسلېي ۋاررېن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز بېشى يوغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى تاللىسىڭىز، چوقۇم بەزىبىر ئالاھىدىلىكلەردىن قۇرۇق قالىسىز.» باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا سېلىشتۇرغاندا، پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بىر قەدەر ئاز بولۇپ، ئىنسانلارمۇ شۇنداق. ئالېكساندېر بۇنىڭ بېشى يوغان بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. مەنبە : wenwen.soso.com      .

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2055
تۆھپە
734
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 10:51:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ باقمىغان گەپكەن ماۋۇ، قۇلىقى يوغان ئادەم تەلەيلىك بولىدۇ دەپ ئاڭلاپتىم مەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئېلى ئەخەت
تىللا
611
تۆھپە
185
UID
4933
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 17:55:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلىق بىلەن ئادەمنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى باردۇ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1477
تۆھپە
520
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 10:27:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە مەندەك بېشى يوغانلاردىن بارمىدۇ، مەن 60-نۇمۇرلۇق باش كىيىم كىيىمەن.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:27, Processed in 0.077834 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991